ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەشۋىقات ۋىدېيولىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلەپ تارقاتقان ۋىدېيولىرى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

«ھۆكۈمەت بىزگە زۇلۇم سالغىنى يوق: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىپ ئائىلىسىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىشلىگەن گۇۋاھلىق ۋىدېيولىرى» ناملىق بۇ 50 بەتلىك دوكلات بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىشلىگەن تەشۋىقات ۋىدېيولىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ تولۇق ۋە پاكىتلىق دوكلات ئىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلىگەن بۇ ۋىدېيولارنى كۆرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەر ۋە ئائىلىۋى پاجىئەلەرنى دەلىللەپ چىققان ھەمدە تەھلىل قىلغان. ۋىدېيوغا چىقىرىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن بىر مەزگىل ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىن خىتاينىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن چەت ئەلدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارغا قارشى سۆزلىتىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ھېنرىك ئەپەندى بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتىكى مەقسەت بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن نەرسىلىرىدىكى يالغان، ساختا ئۇچۇرلارنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىۋالغانلىقىدەك ئېغىر مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسىتىش؛ ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ قۇل ئىشچى قىلىۋەتتى. ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايدۇ، بىر-بىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن خىتاي بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇلارغا تۇغقانلىرىنى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشەلمىگەنلەر بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈۋالغان بولدى. بىز مۇشۇ نۇقتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى نىشان قىلدۇق.»

خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى گەرچە بۇ ۋىدېيولارنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرسەت» دېگەن كۈچلۈك تەلىپىگە جاۋابەن ئىشلىگەندەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۆز تەشۋىقاتىنى سىڭدۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىش، دىنىي ئېتىقادىغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك ئېغىر زۇلۇمى ۋە قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى يۇرتىدىكىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، چەت ئەلدىكىلەرنى قورقىتىش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە ئاۋازىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان.

ھېنرىك ئەپەندى بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا ئاساسەن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئائىلە ئەزالىرىنى كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى، ئاندىن خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆزلىرىنى ئاقلىماقچى بولسا، بىر تەرەپتىن ھەر ئىككى تەرەپنى سېتىۋېلىپ، خىتايغا قارشى سۆزلىمەسلىككە ۋە خىتايغا ياخشىچاق بولۇشقا قىستايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋىدېيولارنى كۆرۈش ئازابلىق بىر ئىش، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقى ئېنىق. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن نورمال ئالاقە قىلالىشى، خىتاينىڭ سىياسىي ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە دۆلەتنىڭ تەشۋىقات ۋىدېيوسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش نەدە بار؟ ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.»

ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ياقتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە قارشى قويغان خىتاي، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ۋىدېيودا سۆزلىگەن ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ قەبىھ زوراۋانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى يېقىنلىرى ئۇلار بىلەنلا ئەمەس، ئائىلىسىدىكىلەر، قوشنىلىرى، ھەتتا دوستلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشالمايدۇ.

ھېنرىك ئەپەندى خىتاينىڭ ۋىدېيولىرىنى تەھلىل قىلىش جەريانىدا ئوخشاش نۇقتىلارنى بايقىغان بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى قاراتمىلىق ھالدا سۆزلەتكەن. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ كۆپلىگەن ۋىدېيولىرىدا ئۇيغۇرلار مەسچىتتە قىلىپ كۆرسىتىلگەن، دوپپا كىيدۈرۈلۈپ مىللىيچە ياساندۇرۇلغان، كىشىلەر ھۆكۈمەتنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى دەپ ماختىغان. دېمەك، بۇلار پەقەت ئۇلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ۋىدېيولار بولۇپ قالماي، بەلكى ‹خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يوق› دېگەننى تەشۋىق قىلىدىغان ۋىدېيو.»

ھېنرىك ئەپەندى بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ ئابدۇرەھىم ھېيت ھەققىدە چىقارغان ۋىدېيوسىدىن باشلاپ بۇ خىل ۋىدېيولارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى ئانالىز قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتتۇق. بۇ ۋىدېيولار ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى ئۇچراۋاتقان ئېغىر بېسىمنى، ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلىشى، بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىقىدەك ئېچىنىشلىق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بىز بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنىڭغا ئەستايىدىل قارىشى كېرەك.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان بولۇپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت ئەزالىرىنىڭ تەن ساقلىقى ياكى ئۆلۈك-تىرىكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «بىز ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاياغلاشتۇرۇشقا، بۇ جىنايەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە خىتايدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز.»