ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق بىرلىكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
2022.02.17

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرنى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇشى يۇقىرى پەللىگە چىققان، ھەتتا بۇ باستۇرۇشلار ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇلغان بىر مەزگىلدە باشلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە باشلانغاندىن كېيىنمۇ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتى يوقلۇقى ھەققىدىكى ئانالىز ۋە مۇلاھىزىلەر ئىزچىل قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق بىرلىكى 16-فېۋرال كۈنى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق: 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە قوللىنىلغان سىياسەتلەر» دېگەن تېمىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر يىغىنغا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق بىرلىكى ئەزالىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرىس كونس ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم تىللىس، NBA ماھىرى ئەنەس كانتەر فىرىدوم ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى قاتارلىقلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە مۇنازىرە ئىلىپ باردى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم تىللىس مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. مېنىڭچە، بۇ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ پەقەت ‹مۇز تاغنىڭ سۇ يۈزىدە كۆرۈنگەن قىسمى›. خىتاي ئۆزىنىڭ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى چېگراسىنىڭ سىرتىغىچە كېڭەيتىۋاتىدۇ، ئەنەس كانتەرگە ئوخشاش خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلىغانلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىز پۈتۈن دۇنيا جامائىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن خىتاي ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا تېخىمۇ كۈچىشىمىز كېرەك.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قاچالايمەن، دەپ ئويلاۋاتىدۇ. لېكىن بىز خەلقئارالىق ئورگانلار بىرلىشىپ، بارلىق كۈچىمىز بىلەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىشىمىز كېرەك. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا ھازىر ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ دەل پەيتى.»
ئەنەس كانتەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەن ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ يېقىندا «بوستون كلېتلىقلار» كوماندىسىدىن «خيۇستون راكېتاسى» كوماندىسىغا ئالماشتۇرۇلغان، ئەمما كۈتۈلمىگەندە «خيۇستون راكېتاسى» كوماندىسى ئەنەس كانتەر بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەنەس كانتەر خىتاينڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن خىتايدا نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باغلىنىشى ھەققىدە سورالغان سۇئالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە ئىزدەندىم، خىتاي ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق دەپسەندىچىلىكلەرنى ھەر يەردە تىلغا ئالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن توپ ئويناۋاتقان ۋاسكېتبول كۇلۇبىنى خىتاي مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئاقىۋىتى كۇلۇبتىن مېنى چىقىرىۋېتىش بولدى. مەن باشتىن-ئاخىرى ئېيتىپ كېلىۋاتقىنىمدەك، مېنىڭ خىتاي پۇقرالىرى بىلەن بىر دەردىم يوق، مېنىڭ دەردىم نۆۋەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتى. مېنىڭچە بىز چوقۇم بۇ ھاكىمىيەتنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز كېرەك.»
توم تىللىس ئەنەس كانتەرنىڭ پىكىرىنى قوللاپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيىتىگىمۇ بېسىم قىلىشىمىز كېرەك، ئەمما ئەسلى بېسىمنىڭ تىغ ئۇچىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارىتىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى پەقەتلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»
كىرىس كونس خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يېپىش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تەنتەربىيەگە يۆتكەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالساق بولمايدۇ. شۇ ئاننىڭ ئۆزىدە شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلار يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بېسىمنى كۈچەيتىۋاتىدۇ ۋە بۇ تېخنىكانى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى ناھايىتى توغرا بولغان. شۇڭا بىز داۋاملىق خەلقئارادىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر، ئەڭ مۇھىمى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز كىشىلىك ھوقۇقنى تاشقىي سىياسىتىمىزنىڭ مەركىزىگە قويغىنىمىزدا، خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغىنىمىزدا، بىز دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە بولالايمىز.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكادا نورمال ياشىشىغا ۋە نورمال خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنى› ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ۋە ئامېرىكادا مەڭگۈلۈك تۇرۇشلۇق رۇخسىتى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادىكى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئىدى. بۇ قانۇن 2020-يىلى 6-ئايدا رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى، لېكىن ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىدى. ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ۋە ئۇلار ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بار. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە، ئۇلار ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق قارار چىقىرىدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ. ھازىرغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى ئۇيغۇر ئامېرىكالىقلارنىڭ مەسىلىسىگە بىۋاسىتە قول تىقمىدى. شۇڭا مېنىڭچە، ئامېرىكا ئەگەر ئۆزىنىڭ پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ياشاش ھوقۇقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىسا، تاشقىي سىياسەتتىكى مۇھىم بىر ۋەزىپىسنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھەتتا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ، يەنى پايتەخىت ۋاشىنگتوننىڭ نوپۇسىدىنمۇ جىق كىشىنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى دوكلات قىلىندى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاندى. ئېچىنىشلىق يېرى بۇ قىرغىنچىلىق بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويدى. سىلەر يەنە قانچىلىك ۋاقىت بۇ مەسىلىنى مۇنازىرە قىلماقچى؟»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون مۇنۇ سۆزلەر بىلەن يىغىننى ئاخىرلاشتۇردى: «مەن بۇ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كاللىسىدا ياخشى بىر پىكىر، كونكىرېت بىر تەدبىر بىلەن بۇ يىغىندىن ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆكۈمەتتىكى قانۇن چىقارغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرنىڭ بۇ مەسىلىنىڭ پېشىنى قويۇۋەتمەسلىكىنى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قورقۇنچلۇق زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشى بەك مۇھىم. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتتىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك، لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ قىلىش زۆرۈردۇر.»