ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۈگۈن، يەنى 3-ئىيۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۆشۈكى قەشقەردە مەجبۇرىي قايتا قۇرۇش، چارلاش ۋە نازارەت قىلىش» ناملىق يېڭى دوكلاتىدا، قەشقەرنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى» دەك سىمۋوللۇق رولغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش تارىخى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ كېسىشىش ئېغىزى سۈپىتىدە چوڭقۇر ۋە قىممەتلىك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تارىخىي پاكىتلارغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
دوكلاتتا يەنە بىر تەرەپتىن، قەشقەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر يوقىتىش ۋە تاجاۋۇزچىلىقى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى نىشانى بولۇپ كەلگەنلىكى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان بۇ بۇزغۇنچىلىقلىرىنى «تارىخقا قارشى ‹زامانىۋىلاشتۇرۇش› ۋە قايتا قۇرۇش تۈرىنىڭ نىشانى» دەپ باھا بېرىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى قەشقەر كونا شەھىرىنىڭ چېقىلىش دائىرىسىنى 85% كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇنەسچو، يەنى ب د ت پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت باشقارمىسى، ياۋروپا پارلامېنتى، ئىنسانىيەت قەدىمكى مەدەنىيەت-مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە يەرشارى مىراسلىرى تورى قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قەشقەردىكى بۇ بىباھا بىناكارلىق مىراسلىرىنىڭ يوقىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانىدى.
ياۋروپا پارلامېنتى 2011-يىلى 3-ئايدىكى قارارىنى ئىز قوغلاپ، خىتاينى قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرغانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا: «ھالبۇكى خىتاينىڭ قەشقەرلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىزنالىرى بولغان قەدىمىي شەھەرلىرى، مەسچىت ھەتتا قەدىمىي مازارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئالاقىدار بارلىق گەۋدىلىك قۇرۇلۇشلىرىنى كەڭ كۆلەملىك چېقىشلىرى داۋام قىلماقتا» دەپ كۆرسىتىلدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى، بۇ يېڭى دوكلات توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەسۋىرلەش تەس. شەھەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرۈش بەك قورقۇنچلۇق. تېخىمۇ چاتاق يېرى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەنلىك بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. قەشقەر مەدەنىيىتىمىزنىڭ يۈرىكى ئىدى. بۇ يوقىتىشنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن نەرسە ئەمەس، قەشقەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېچىنىشلىق يوق قىلىنىش قىسمىتى ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا كېڭەيدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا چاقىرىق قىلدۇق».
بۇ يېڭى دوكلاتقا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، دەل قەشقەرنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭقۇر مەدەنىيەت ئەھمىيىتى بولغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىمۋوللۇق مىراسلارنى يوقىتىشقا ئادەتتىن تاشقىرى كۈچىمەكتە.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ قەشقەرنى قايتا قۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇشى ۋە نازارەت قىلىشىنى ماس قەدەمدە كۈچەيتكەنلىكى، قەشقەردە مىللىي باستۇرۇش يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى بىلەن بىرلەشكەن ھالدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئاتالمىش «ئەقىللىق شەھەر» بارلىققا كەلتۈرۈلگەنلىكىگە ئېنىقلىما بېرىلگەن.
بۇ ھەقتە دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، قەشقەرنىڭ تەجرىبىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتېر ئېرۋىن بۇ يېڭى دوكلاتنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەققىدە ئايرىم توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ قەشقەردە ئېلىپ بارغان شەھەرنى سىستېمىلىق ئۆزگەرتىپ، مەجبۇرىي قايتا قۇرۇش، كونتروللۇق ۋە كۆزىتىش سىستېمىسى بولسا، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەۋجۇت بولغان كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەم ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەشكىچە بولغان سىياسەتلەرنىڭ باشلىنىشى شۇنىڭدەك سىمۋوللۇق بىر ئىسپاتى. مەسىلەن، ئۇ جايدا يوقىتىلغىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان قۇرۇلۇشلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىكى نەچچە ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن ھايات، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدۇر، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ شەھەر بىلەن تەڭ يوقىتىلماقتا.
قەشقەردىن ئىبارەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق مىسلى كۆرۈلمىگەن مەجبۇرىي يوقىتىش ۋە قايتا قۇرۇش تەجرىبىسى بىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەجبۇرلانغان نۇسخىسىنى مەدەنىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىنى ئېچىپ بەردى».
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بوشىكى قەشقەردە مەجبۇرىي قايتا قۇرۇش، چارلاش ۋە نازارەت قىلىش» ناملىق دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى، مەسچىت، مازار، قەبرىستانلىق قاتارلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى چېقىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنى دۆلەتنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى، مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى ئارقىلىق قوغدايدىغان دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىش، دۆلەت تەرىپىدىن، خەلقئارالىق ئورۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئېلىنغان بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە باشقىلار تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتكە بولسا: ب د ت نىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئالاھىدە دوكلاتچىسى قەشقەرنىڭ كونا شەھىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ، دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشى ھەمدە بۇ يەرلەرنى قوغداش پىلانىنى تۈزۈشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۆز دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈئەنگو ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىشتا مەسئۇلىيىتى ئېغىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش ۋە مۈلكىنى توڭلىتىش، ئۇلارغا قارىتا ئامېرىكا يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق كونكرېت تەلەپ ۋە تەكلىپلەرنى بەرگەن.
0:00 / 0:00