خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋە ئۇندىن كېيىنكى كۈنلەردە خىتايدىكى 300 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە قانۇن ياردەمچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى يەنە قايتىدىن كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
10-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 60 تىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى، ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئورتاق بىر بايانات ئېلان قىلىپ خەلقئارانى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان. مەزكۇر ئورتاق باياناتقا قول قويغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋىليام نى (William Nee) بولۇپ، ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يېقىنقى 3 ئايدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادوۋكاتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ئادەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە يول كۆرسىتىش، ئادالەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادۋوكاتلارغا ئېغىر زەربە بەرگەن ئىدى. يېقىنقى 3 ئايدا بولسا بىز بۇنداق دولقۇننىڭ يەنە قوزغالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ئۈچۈن تولىمۇ قېيىن ۋەزىيەت پەيدا قىلىۋاتىدۇ»
يۇقىرىقى 60 تىن ئارتۇق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ ئۇل تېشى. ئۇلار ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلاردىن تارتىپ، دىنىي ئاز سانلىقلار، ئاياللار ھوقۇقى، ھەمجىنسلار، ژۇرنالىستلار ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرگىچە بولغان پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى قوغدايدۇ. ئۇلار يەنە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، كەمسىتىش، سەھىيە ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشقا قارشى ئاجىزلارنىڭ ھەققىنى قوغدايدۇ. ئۇلار قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋەدىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرى ۋە ئۇ قول قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىدىكى ۋەدىسىگە مەسئۇل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۈگۈن بىز خەلقئارانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قارىتىۋاتقان يېڭى باستۇرۇش دولقۇنىغا جىددىي دىققەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.»
باياناتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا قارىتا نەزەربەند قىلىش، مەجبۇرىي غايىب قىلىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىش قىلمىشلىرىنى يەنە كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقوقۇق ئادۋوكاتلىقىدىن ئىبارەت بىر ساھەنىڭ يوقىلىشىدەك بىر خەۋپنى پەيدا قىلماقتىكەن.
تەتقىقاتچى ۋىليام نى كىشىلىك ھوقۇق ئادوۋكاتلىقىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتايدا ئەركىن ئۇچۇر ۋە پىكىرگە قويۇلغان چەكلىمە ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقتىن پۇقرالار ئادەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ‹تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشى› ھېكايىسىگە ئىشىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ تور بېتى دەل مۇشۇ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدىن پەرقلىق ھېكايىنى ئالغا سۈرگەنلىكى ئۈچۈن جازالاندى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلغان سوتتا ئىلھام توختىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئادۋوكاتلار خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ئىدى. ئۇلار ئەينى چاغدا ئىلھام توختىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ قانچىلىك بىمەنىلىكىنى ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ھازىر بولسا خىتاي ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.»
ۋىللىيام نى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ يوقىتىلىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلەرنىڭ توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلىشىغا يول ئاچقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلىدىن كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا مىڭلىغان كىشى سوتسىز، قانۇنىي تەرتىپسىز كېسىۋېتىلدى. ب د ت نىڭ خالىغانچە تۇتقۇن ھەققىدىكى دوكلاتىدا بۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق ئادۋوكاتسىز، قانۇنىي تەرتىپسىز كېسىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى دېدى. دېمەك، 2015-يىلى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىلگەچكە، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنلارنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئىشلەش ئاسانلاشتى. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھازىرلاندى، دېگەن گەپ. بىر جەمئىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقىنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر.»
مەزكۇر باياناتقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ قول قويغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما باشقۇرغۇچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان ئادۋوكاتلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئارقىلىق باشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققىنى قوغداپ تۈرمىگە قامالغان ئىلھام توختى ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى دېدى.
مەزكۇر ئورتاق باياناتقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئامېرىكا خەلقئارا قانۇنشۇناسلار كومىتېتى، خىتاي دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىتتىپاقى (CDHRA)، خىتايدىكى ئادۋوكاتلارنى قوللاش كومىتېتى، خوڭكوڭ دېموكراتىيە كېڭىشى، تىبەت ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 60 تىن ئوشۇق تەشكىلات ۋە ئامىستېردام ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى، ياۋروپا قانۇن جەمئىيەتلىرى كېڭىشى (CCBE)، جەنۋە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ۋە ۋارشاۋا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەر ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قول قويغان. ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلغان مۇراجىتىدە ئۇلارنى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلىۋاتقان بېسىمنى ئاياقلاشتۇرۇش، خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش، دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىغا ئوخشاش قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قانۇن ۋە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، ئۇلارنى تولۇق ئىجرا قىلىش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش» كە چاقىرغان.