كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: «ئۇيغۇرلار ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىغىمۇ قۇل بولماقتا!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.09.16
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەشۋىقات ۋىدېيولىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلەپ تارقاتقان ۋىدېيولىرى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتى ئىشلىتىلگەن سۈرەت.
UHRP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قارشى قوللىنىۋاتقان ھۇجۇم تاكتىكىسىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شۇلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ زۇلۇملارنى ئىنكار قىلدۇرۇش ھەمدە ئۆزىنى ئاقلاش بولۇپ كەلمەكتە. يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تاكتىكىسىنى ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» نى چەكلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا قارشى قوللىنىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. شۇ قاتاردا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىسىنىڭ بىرى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە تور بېتىدە-10 سېنتەبىر كۈنى «مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ئېلان قىلغان جازالارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئېيتتى» ناملىق تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلدى.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى شىركەتلەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمما ئۇلار ئىشقا ئورۇنلاشقان كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ماللارنى ئامېرىكا «مەجبۇرىي ئەمگەك» دەپ بەلگىلىگەنلىكتىن يېقىنقى ئىككى يىلدا بۇ خىلدىكى شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىز قالغان، تۇرمۇشىمۇ قىيىنلاشقان. ماقالىدا مۇشۇ ئەھۋال تەكىتلىنىپ، ئامېرىكا «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىن يىراق، بۇ بىر تەرەپلىمە جازالار ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا، بولۇپمۇ ياش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى» دەپ ئەيىبلەنگەن. ماقالىدا بۇ خىل ئەيىبلەشكە يەكەن ناھىيە «بۈركۈت توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى» دە ئىشلىگەن 26 ياشلىق ئامىنە ئىمىننىياز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال ۋە ئۈرۈمچى يېڭى تەرەققىيات رايونىدىكى بىر خىتاي رېستورانىدا كاسسىرلىق قىلىدىغان پەرىدە ئابدۇقەييۇم ئىسىملىك23 ​​ياشلىق ئۇيغۇر قىزى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدا يەنە بىر قىسىم «مۇتەخەسسىس» لەر زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، شۇلار قاتارىدا جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئالاقە ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى جېڭ لياڭنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر شىركەت ئامېرىكىنىڭ جازاسىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان سەۋەبىدىن نەچچە يۈز ئۇيغۇر ئىشچىنى ئىشتىن بوشاتتى. بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار. شىركەت ئەمدى ئۇلارنى تەكلىپ قىلالمايدۇ، دېيىلگەندە ئۇلار بەك بىئارام بولدى. ئۇلارنىڭ مائاشى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، ئۇلار بۇ يەردە تۇرۇشنى خالايتتى» دېگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆزىنىڭ قارشى ھۇجۇملىرىنى پاكىتلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەۋقۇلئاددە دوكلاتچىسى ئالېنا دوخاننىڭ سۆزلىرىنىمۇ دەستەك قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئالېنا دوخان بىر تەرەپلىمە مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ تەسىرىگە قارىتا، مايدا 12 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «زىيارىتىمدە مەن پايدىسىز تەسىرلەر توغرىسىدا نۇرغۇن دوكلاتلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بىر تەرەپلىمە جازا ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەسىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان شىركەتلەرنى داۋاملىق ئېنىقلاپ جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بەش خىتاي شىركىتىنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن.

مەزكۇر قار تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەر «قەشقەر قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىق چەكلىك شىركىتى»، قۇمۇلدىكى «شىنجاڭ تېڭشياڭ ماگنىي مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى» ۋە «سېرەك توپا ماگنىي تېخنىكا گۇرۇھى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى قارارىمىز ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى ئىجرا قىلىشىمىزنى كۈچەيتىدۇ، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى قوللىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىشى ۋە خورلىنىشىغا قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا ئەركىن ۋە ئادىل بازارنى قوغداش ئۈچۈن بۇ قانۇننى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىجرا قىلىمىز.»

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن 2021-يىلى 6-ئايدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ پاختا، كىيىم-كېچەك، دېھقانچىلىق، قۇياش ئېنېرگىيەسى، خىمىيەلىك بۇيۇملار، باتارېيە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە يېمەكلىك ساھەلەردىكى شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن چەكلەپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسى، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سودا، ئەدلىيە، ئەمگەك ۋە مالىيە مىنىستىرلىقلىرى بىرلىكتە باشقۇرۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» (FLETF) مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» نى چەكلەشنى خىزمەت نىشانى قىلغان. ئۇلار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن بۇ بەش شىركەتنى قوشقاندا، ھازىرغىچە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە چەكلەنگەن شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 73 كە يەتكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتلىرى ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش يولىدىكى تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مۇشۇ خىل قايتۇرما ھۇجۇم خاراكتېرلىك تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى ۋاسىتە قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىشىمۇ يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن قۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلىۋاتقان باياناتلىرىمۇ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن ۋە ئىجرائاتلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا چوڭ زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبلىك يۈز بېرىۋاتقان زىيانلىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن 2-سېنتەبىر «ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە جازاغا ئۇچرىغان شىركەت-كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ھەققىدىكى قارارى» نى ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرەلمەسلىكى ياكى مۇسادىرە قىلىنىشىغا قارشى چىقىرىلغان بۇ «قارار» دا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ قانۇنلار كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىغا، تىجارەت ھوقۇقىغا، تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ھەمدە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ قەلبىنى يارا قىلدى. بۇ ۋەجىدىن شىنجاڭ خەلقى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولغان ‹ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇنلار› نىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتەك رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلىش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى جازاغا ئۇچرىغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىزمەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ قارار ئېلىندى».

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان-10سېنتەبىرنىڭ ئۆزىدە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە خىتاي ماللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئىسپاتلايدىغان قىسقا فىلىم تارقاتتى. ئىشەنچلىك ئىستاتىستىكا ئۇچۇرلىرى كىرگۈزۈلگەن بۇ قىسقا فىلىمدا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇپ، پايدىنى ئەخلاق مەسئۇلىيىتىدىن ئۈستۈن كۆرۈۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.

بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتلىرىغا «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇلار بىزنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى جازالارغا قارىتا ‹ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› كارتىسىنى ئويناۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرالامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا يازما شەكىلدە جاۋاب قايتۇردى.

ئۇلارنىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «كىشىلىك ھوقۇق فوندى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى قانداق بۇلغايدىغانلىقىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، شۇنداقلا خىتاينى دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانى ۋە ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك تەنقىدلەرگە قارىتا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ جازاسىنى ئەيىبلەيدىغان قارارلارنى چىقاردى ۋە ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى. ئەمما دەلىللەنگەن نۇرغۇن مۇستەقىل دوكلاتلار ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئاتالمىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى، ‹بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئىسپاتى› بولغان ۋىدىيولارنى خىتاي كومپارتىيەسى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىدى.»

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدىكى تەنقىدلەرنى «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئويۇنى» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن

قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. لېكىن مەلۇم بولغىنىدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىغا قارشى چەكلىمىلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە خەلقئارالىق تەتقىقات ئورۇنلىرىمۇ خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت دوكلاتلارنى داۋاملىق ئېلان قىلماقتا. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر نۆۋەتتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» يەنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «زامانىۋى قۇللۇق» مەسىلىسى خەلقئارادا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىكى مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.