لاگېر شاھىتلىرى 2016-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «رادىكاللىقنى تازىلاش» دېگەندەك ناملار بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 19-نويابىر «ئىماملار نەدە؟» دېگەن تېمىدا تور ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا دېيىلىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيانقى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىماملار ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، يېقىندا غايىب بولغان دىنىي زاتلار توغرىسىدا يېڭى ئىسپاتلارغا ئېرىشكەن. كېلەركى ھەپتە بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىدىكەن.
مەزكۇر يىغىنغا قاراقاش ھۆججەتلىرى، تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلار تىزىملىكى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغان دوكتور راچېل خاررىس خانىم قاتارلىقلار دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئاساسلىق نىشان بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتىر ئېرۋىن بۇ دوكلات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىمام ئىسلام دىنىدا مەسچىتلەردە دىنىي رەھبەرلىك قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەتتە جامائەت ئىچىدە ۋەزىپىسى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ‹موللا› دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇلار كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە كىشىلەر بولۇپ، جامائەتنى يېتەكلەيدۇ. بالىلارغا دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. بىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىمىزغا قارىغاندا، ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلار بولسۇن، دىنىي زاتلار بولسۇن باشتا تۇتقۇن قىلىنغان. بىز ئائىلىسىدە بالىلىرىغا قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان كىشىلەرنى ئەمەس، بەلكى رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي ھالدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان دىنىي رەھبەرلەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمىز. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مۇھىم نۇقتا بار؛ بىرىنچىدىن، 2016-يىلدىن باشلاپ ئىماملارنىڭ كۆپىنچىسى تۇيۇقسىز غايىب بولۇشقا باشلىغان. ئىككىنچىدىن، 2017-يىلدىن كېيىن ئاشكارىلانغانلىرى بولسا ئاساسەن 17 يىللىق، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۈچىنچىدىن، مۇشۇنداق ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئاساسەن ياشقا چوڭ يەنى يېشى 50 ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان كىشىلەر».
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2018-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان كىشىلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغان. بۇ جەرياندا تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان كىشىلەر ئارىسىدا دىنىي زاتلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ يېقىنقى تەكشۈرۈشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئىيۇنغىچە يوقاپ كەتكەن 613 ئىمامنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزدۇق. ئىماملار تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە قانداق ئەھۋاللارنىڭ يۈزبەرگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن لاگېر شاھىتلىرىنى زىيارەت قىلدىم. 2018-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغان شىۋېتسىيەلىك بىر تەتقىقاتچى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇرلار قىيىن-قىستاققا ياشاشتىن بەكرەك ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. ئىمام بولمىسا ئۆلگەندە نامىزىنى چۈشۈرىدىغان كىشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن. مەسچىتلەر چىقىلىپ، ئىماملار تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىسلام قائىدىسى بويىچە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ بەك ئېچىنىشلىق».
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى تۇتۇلغان ئىماملارنىڭ ئىچىدە يېشى ئاتمىشتىن، يەتمىشتىن ئاشقان ياشىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەردە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە 2018-يىلى تۇتۇلغان ئاتۇشلۇق ئابىدىن ئايۇپ ئىسىملىك ئىمام 90 ياشتىن ئاشقان كىشى بولۇپ، ھازىر تۇمشۇق شەھىرىدىكى تۈرمىدە ئىكەن.
ئابدۇۋەلى ئەپەندى لاگېردىكى ياشانغانلار ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، «ئۇلارغا كۆڭۈل بۈلۈش كېرەك، ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا»، دېدى.
2017-يىلى 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان مۇھەممەت سالىھ داموللام، ئاشۇ ۋاقىتتا 81 ياشتا بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يىغىۋېلىش لاگېرىدا ۋاپات بولغانىدى.
راچېل خاررىس خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ «تۈۋرۈكى» بولغان ئىسلام دىنىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە دىنىي زاتلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار جامائەتنى يېتەكلەيدۇ، دىنى بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. يېزىلاردا ئۇلار جەمىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، جامائەتنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئىماملارنىڭ بىراقلا يوقاپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات قۇرۇلمىسىغا نىسبەتەن ئەجەللىك زەربە بولىدۇ».
راچېل خاررىس خانىم ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارانىڭ چېقىلغان مەسچىتلەرگە، چەكلەنگەن دىنى سىموۋلوللارغا بەكرەك دىققەتنى مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى، ئەسلىدە ئۇ يەردە ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ غېمىنى قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئىماملارغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىكى «بۈۋى» لەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەتقىقاتىمىدا مەن ئاساسەن ئايال دىنىي زاتلار يەنى ‹بۈۋى›لەر بىلەن ئالاقىدە بولدۇم. ئۇلار ئىماملاردەك مەسچىتلەردە رولىنى جارا قىلدۇرمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆيدە. ئۇلار ئاساسەن ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك دىنى يوسۇنلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئايال كىشىنىڭ مېيىتىنى يۇيىدىغان، ئۆيدە كىچىك بالىلارغا قۇرئان ئۆگىتىدىغان ئىشلاردا ئاياللار بولمىسا بولمايدۇ. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، يېزىلاردىكى ئايال دىنىي زاتلار. ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىش بەك تەس. شۇنى جەزىم قىلالايمەنكى ‹بۈۋى›لەرمۇ ‹ئىمام›لارغا ئوخشاش يوقىتىۋېتىلدى. ئون يىل بۇرۇن مەن يېزىلارغا بارغان ۋاقتىمدىمۇ ئاياللار يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۇئال-سوراقلىرىغا ئۇچرايىتتى. بالىلارغا قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلەرمۇ بار ئىدى. مەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئاشۇ ئايال دىنى زاتلار ھەققىدىمۇ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار ھەققىدە ئايرىم دوكلات تەييارلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقى ھەققىدە بىر ھۆججەت ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا نىكاھ ئوقۇش، خەتنە قىلىش، ئىسىم قويۇشتىن تارتىپ، ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ مېيىتىنى يۇيۇش، نامىزىنى چۈشۈرۈشىگىچە بولغان ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە ئايال مېيىت يۇغۇچى «بۈۋىلەر» نىڭ مېيىت يۇغاندا تەكبىر ئېيتىشى ياكى ئايەت ئوقۇشى چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.
0:00 / 0:00