بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان. مانا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1950-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 10-دېكابىر كۈنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 1-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى رەسمىي يوسۇندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىغانىدى. شۇندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن بەلگىلىك قەدەملەرنى تاشلىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەر ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىمۇ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ كۈندە ئۆزلىرى قول قويغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسىدىكى ماددىلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قول قويۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خىتابنامىسىدىكى ماددىلارغا ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇنىڭدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز. دۆلەتلەر چوقۇم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. يەنە بىرى، دۆلەتلەر چوقۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم پارچىسى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلىشى، ئۇنىڭ بەدىلىگە پايدا ئېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن تاۋارلار چەكلەندى، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ شۇنداق بىر قانۇننى ئىمزالاش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى يىغقان پاكىتلىرى ھەمدە 3 قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرى نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ئىدى. پۈتۈنلەي مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، ئادۋوكاتلار ۋە قانۇنشۇناسلاردىن تەركىب تاپقان ۋە ھېچقانداق ھۆكۈمەت ۋە ئورگانغا قاراشلىق بولمىغان مۇستەقىل بىر كوللېگىيەنىڭ بۇ قارارى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەكۈنىنى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش سىياسىي ئويۇنى» دەپ جار سېلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق زەربە بولغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مانا بۇ يەكۈن ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىدا ھەر يىلى 9-دېكابىر كۈنىنى «دۇنيا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» قىلىپ بېكىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. زۇمرەتئاي ئەركىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكنىڭ جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2021-يىلى بۇ ۋەھشىيلىكنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ يەكۈن چىقىرىشى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق جامائىتىدىكى دۇنيانىڭ سۈكۈتىنى بۇزۇشىغا بولغان تەقەززالىقنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق قىلغان چاقىرىقىدا 9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە 10-دېكابىر كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئاۋاز چىقىرىشىنى، يەنىمۇ كۆپ ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان.