ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2024.12.12
10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا ناھەق قامىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئايرىۋېتىلىشى، دىنى ئەركىنلىكى ۋە مىللىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى، كۆچۈشكە زورلىنىشى قاتارلىق پاجىئەلىك زۇلۇملار، بۇنى سادىر قىلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
«شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەلى روزى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 76-يىلىدا، بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرى ھازىرمۇ كۆپلىگەن جايلاردا ئىجرا قىلىنماستىن، تاشلاپ قويۇلۇۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. خىتاي سادىر قىلىۋاتقان سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىكلەر، ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەر خەلقئارا قانۇنلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆلچەمگە يەتتى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، قۇل ئەمگەكچى سۈپىتىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر قاراڭغۇ تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، بالدۇرراق ئەجەل كېلىشىنى كۈتۈپ ياتماقتا».
دوكتور ئەلى روزى ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۈگۈنكى دەۋردە ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق تىراگېدىيەلىرىگە سەھنە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق يوقىتىش سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۆز مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇلماقتا. ئۇلارنى ناھەق ھالدا تۈرمىلەرگە، جازا لاگېرلىرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئائىلە ئەزالىرىنى ئايرىۋېتىش، دىنى ئەركىنلىكى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى چەكلەش، كۆچۈشكە زورلاش، ئومۇمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىمىزدا سادىر بولۇۋاتىدۇ».
دوكتور ئەلى رۇزى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشنىڭ بىر مەجبۇرىيىتىدۇر، بۇ يولدا بىرلىشىشىمىز ۋە ئاۋازىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك».
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زوراۋانلىق، بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، 21-ئەسىردىكى ئۇچۇر دەۋردىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەق-ھوقۇقلىرى بولغان ئالاقىلىشىش ئەركىنلىكىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۆزىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان قەشقەردىكى ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ھېچ قانداق ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە خەلقىنى، ئىسلام دۇنياسىنى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاشقا، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا چاقىردى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۆزبېك زىيالىي دوكتور زېبىنىسا كامالۇۋا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلەرنى ئاڭلىساق ياكى ئوقۇساق غەربىي تۈركىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئۇ زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلەرنىڭ ھېكايىلىرى يادىمىزغا كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ھېكايىلىرى كۆپلەپ ئاڭلىتىلىشى كېرەك، ھەر زامان ئەسلىتىپ تۇرۇشىمىز لازىم، ھېچ بىر قىرغىنچىلىق، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىك ئۇنۇتۇلماسلىقى كېرەك، بۇلار ئۇنتۇلۇپ كەتسە تارىخ تەكرارلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا جىسمانىي بىر قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى بۈيۈك تۈركىستاننىڭ مەسىلىسى، تۇران تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسىلىسىدۇر، بىز بۇ مەسىلىنى يۇقىرى ئاۋازدا دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز».
يىغىندا سۆز قىلغان تۈرك ئادۋوكات ھىلال دۇۋار خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا سوت مەھكىمىسى قاتارلىق خەلقئارالىق قانۇن ئورگانلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا يەنە «شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، تەتقىقاتچى فەيزا پىنار قىلىنچ خانىم، ۋىلدان كادىئوغلى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، 2024-يىللىق شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
يىغىندا يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىنھاجى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر يۈرۈش تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.