ئالېكساندىر گۆرلاخ: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تارىخى ئۇزۇن»
2022.12.20

ھازىر ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان گېرمانىيەلىك تىلشۇناس، ئىلاھىيەتشۇناس پروفېسسور ئالېكساندىر گۆرلاخ 16-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «فوكۇس» ئاخبارات قانىلىدا «‹يوقالسۇن شى جىنپىڭ› دېگەن سادا بۇ مۇستەبىتنىڭ ئاجىزلىقىنى توساتتىن ئاشكارىلاپ قويدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن پەيدا بولغان خىتايدىكى قوزغىلىشلارنىڭ نەتىجىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى يۇمشاتقانلىقى، «يوقالسۇن شى جىنپىڭ»، «يوقالسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە» دېگەن سادالارنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ساراسىمە پەيدا قىلغانلىقى، بۇ سادانىڭ ئۆزىنى ھەممىگە قادىر سانايدىغان شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇ قەدەر كۈچلۈك بىرى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ماقالە مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلىنىدۇ: «خىتاينىڭ كورۇنا ۋىرۇسىغا قارشى قوللانغان قاتتىق تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، مۇستەبىتلەرنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نامايىشچىلار كوچىلاردا ‹يوقالسۇن شى جىنپىڭ›، ‹يوقالسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە› دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى. بۇنىڭ ۋەھىمىسى خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئارىسىغا يامراپ قورقۇنچ پەيدا قىلدى».
ماقالىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرى بىردىنلا 180 گرادۇس ئۆزگىرىپ، پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلەرنى بوشاشتۇردى. خىتاي رەھبەرلىرى تەجرىبىلەردىن كېيىن، ئەسلىدىنلا بۇ قەدەر تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوقلىغىنى ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى».
ماقالىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بۇ يىل 10-ئايدا 3-قېتىم رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرغان شى جىنپىڭ ئۆز تەقدىرىنى ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› تەدبىرىگە باغلىغانىدى، خىتايدىكى ئەمەلىيەت بۇ مۇستەبىتنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىدىن باشقا بىر يەكۈن چىقىرىشىمىزغا ئىجازەت بەرمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل ھوقۇق تارتىۋېلىشقا نىسبەتەن ‹شى جىنپىڭ ھوقۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى› دەپ قاراۋاتقان بىر پەيتتە، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇلىشىپلا پەيدا بولۇشىنى ھەتتا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدىكىلەرمۇ ھەقىقىي مەنىدىن ئالدىن پەرەز قىلىشالمىغانىدى».
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىنىڭ غەلىيانلىرىدىن قاتتىق قورقىدىغان بىر ھاكىمىيەت بولغاچقا، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھادىسىلىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشىدە قىلماقتىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان بەزى سىياسەتلىرىنى بوشىتىشقا يۈزلەنمەكتىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەتمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
ماقالىنىڭ «يامان شى جىنپىڭ بىردىنلا ياۋىشىپ قالدى» ناملىق بۆلىكىدە، خىتايدا چوڭ-كىچىك نامايىشلارنىڭ ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نامايىش باشچىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ئىنتېرنېتلاردىكى قارشىلىق چاقىرىقلىرىنى توختىماي ئۆچۈرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمما نامايىشچىلار ھەتتا «يوقالسۇن شى جىنپىڭ»، «يوقالسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ چىققان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ 1989-يىلىدىكىدەك تانكىلارنى ئىشقا سېلىپ قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ھەمدە بۇ چاقىرىقلارنىڭ ئەسلىدە ئىنتايىن قۇدرەتلىك كۆرۈنگەن شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇ قەدەر كۈچلۈك بىرى بولمىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.
ماقالىنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تىزىملىكى ئۇزۇن» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «نامايىشچىلارغا قارىتا بۇ سوغۇققان پوزىتسىيە شى جىنپىڭنىڭ نامى ئاستىدا بۇ خىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشنى خالايدىغان كادىرلار قوشۇنىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۆپ ئەمەسلىكىنى دەلىللەيدۇ. چۈنكى، شى نىڭ قىلمىشلىرىدا ئېغىپ كېتىش ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى نەزەردە تۇتۇش دەيدىغان نەرسە يوق، بۇنى ئۇنىڭ ھەركۈنى ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شى نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تىزىملىكى ناھايىتى ئۇزۇن».
ماقالىدا يەنە مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدە، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك ئۆيگە سولاپ قويۇلغان 10 ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئوت ئاپىتى بۇ دۆلەتتە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى پارتلاتتى. بۇ نامايىشچىلارنىڭ شىنجاڭلىقلار بىلەن بىرلىشىۋالىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېچقاچان تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. شى جىنپىڭ ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تېررورىست ۋە ئاپەتلىك خەتەرلىك ماركا سىياقىدا گۇناھكار كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يىمىرىپ، خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەممە ئىشلارنى قىلدى. بۇنداق ئىش تارىختا ئۆتكەن ئىمپېرىئالىستلار ۋە تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ قولىدىن كەلمىگەن ئىدى. ب د ت بۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىدى. ئامېرىكا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتى شى جىنپىڭنىڭ جىنايىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى».
ماقالىنىڭ داۋامىدا خىتايدىكى ئىقتىسادىي بوھران، ئىشسىزلىق ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان تېخىمۇ زور كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەتلەر بېرىلگەن.