خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.12.10
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، 1950-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 10-دېكابىرنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
Social Media

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، 1950-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 10-دېكابىرنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلىنغان ئەڭ ئەقەللىي ھەقلەردىن ئىكەنلىكى تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ھالبۇكى ئارىدىن 70 يىلچە ئۆتكەندە بولسا بۇ ھالنىڭ خىتايدا، بولۇپمۇ ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر «ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىن» دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە ئارقىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا دۇنيا خەلقى ئۇنتۇشقا باشلىغان «زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق» نىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلار بېشىغا كېلىۋاتقانلىقى بارغانچە زور ھېسداشلىق ۋە قوللاشقا ئىگە بولۇشقا باشلىدى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» ساھەسىگە نەزەر سالغاندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا «ھۆكۈمەتكە شىلتىڭ ئاتقان» دەپ قارىلىدىغان بىر قىسىم شەخسلەرنى جازالاشتىن ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى بايقاش قىيىن ئەمەس. لاگېر ۋاسىتىسىدە داۋام قىلغان بۇ ھۇجۇمدا ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەرلەر لاگېرلارغا قامىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «بىۋاسىتە قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ تازىلىنىشى» ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولسا، لاگېر ئىچىدە ۋە سىرتىدا جىسمانىي خورلۇققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى، شۇنىڭدەك گۆدەكلەر تۈرلۈك تۈمەن شەكىللەردە ئىپادىلىنىۋاتقان «كونتروللۇق» نىڭ ئازابىنى چېكىشكە باشلىدى.

بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە تاشقى دۇنيادىكىلەرنى «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلماقتا» دېيىشكە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ھادىسىلەرنىڭ بىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى مەجبۇرىي كونترول قىلىش تەدبىرلىرى بولدى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي بوۋاق چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە ئىش كۆرۈشى ھەققىدىكى ماددىي ئىسپاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلىدى. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادريان زېنز مۇنداق دەيدۇ.

«تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ تېزدىن كېڭىيىپ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەرقايسى ناھىيەلەرگىچە يامرىشىنى ھېچكىم ئويلىمىغان ئىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى شۈركەندۈرىۋېتىدىغان بىر ھادىسە بولدى. بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئۇچۇرلار دەسلەپ مەلۇم بولغاندا كىشىلەر بۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈلشىپ كەتمىدى. دەرۋەقە ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇغۇت چەكلەش بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىمىز› دېگەن مەزمۇندىكى تەشۋىقاتلىرى شۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇن كۆزلەرنى ‹كۆرمەس› قىلىپ قويدى. ئەمما بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ بىز ئاندىن بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشىنىشكە باشلىدۇق. بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇغۇت چەكلەش ئەنە ئاشۇ تەرىقىدە مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە بۇنىڭغا قارشى قانداق تەدبىر ئېلىش تېخىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.»

بۇ خىلدىكى تۇغۇت چەكلەش ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە كۆپ پاكىتلارنى بىراقلا ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك كۆپ «تۇغۇت ئېتىبارى» بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئىزچىل كۆپىيىش ھالىتىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇنىڭ «ئاشكارا يالغانچىلىق» ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنىڭ «بوۋاقلار» دىن سىرت، يەنە ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«تۇغۇت كونتروللۇقى ھەققىدە دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ ‹ئاز سانلىق› بولغانلارغا ئېتىبار بېرىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنى بەكمۇ خۇرسەن قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما بىز زىيارەت قىلغان ۋە سۆزلەشكەن كىشىلەر تامامەن باشقىچە مەنزىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ھازىر ھەممىلا كىشىگە مەلۇملۇق ‹ئاشكارا مەخپىيەتلىك› بولۇپ قالدى. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلغا قارايدىغان بولساق ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى بۇ خىل كونتروللۇقتىن ھالقىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستاشقا باشلىدى. بەزى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى بولسا ئاشكارىلا قايتىپ كېلىشكە قىستىدى. قايتقانلارنىڭ تەقدىرىنىڭ نېمە بولغانلىقىمۇ ھازىر بىزگە بەش قولدەك ئايان.»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەممىدىن بەكرەك دىققەتنى قوزغايدىغان بىر ھادىسە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» گە سېلىشى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن بۇيان يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن زىچ باغلىنىشى، قىسقىغىنە مۇددەتتە ئاز دېگەندىمۇ 80 مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكىلىشى، بۇ ھالنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندىمۇ ئىزچىل داۋام قىلىشى بۇ ئىشلارنىڭ پىلانلىق ۋە قەدەم-باسقۇچلۇق قىلىپ لايىھىلەنگەن قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. يەنە كېلىپ بىر قىسىم جايلاردىكى لاگېرلارنىڭ بىقىنىدا مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشقا ئاشىدىغان زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا بۇنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدىغان ھادىسە ئەمەسلىكىنىمۇ ئىشارە قىلىشقا باشلىدى. دەل مۇشۇ ھادىسىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى تېزدىن خىتاي بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قىسىم شىركەتلەرنى «قارا تىزىملىك» كە ئالدى. شۇنداقلا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت سودىسىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى بىردەك ئىمپورتتىن چەكلەش» ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى تېخىمۇ كۆپ غەرب دۆلىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىرلىكسەپكە ئەگىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا باشلىدى. ئەمما تەتقىقاتچى ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، بۇ ھال يەنىلا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى چەكلەش ئۈچۈن تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

«ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ھازىر بۇ زۇلۇملارنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش ھەققىدە كەسكىنرەك مەۋقەدە بولۇشى ھەمدە بۇنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە قارار ئېلىشى لازىم. بۇنىڭدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشى لازىم. بولۇپمۇ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىنى ئەيىبلىشى بەك مۇھىم. بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر شۇنداق قىلىشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشقا يول ئېچىلىدۇ. ئەقەللىيسى ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشتىن ئىشنى باشلىغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.»

بۇ جەھەتتە سوفىي رىچاردسونمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان سوغۇق قوللىرى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئېغىر «تىل قىسلىقى» پەيدا قىلىۋاتقاندا ئامېرىكا باشلاپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئەگەشكۈچىلەرنى جەلپ قىلىش ھازىر ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەردىن ھېسابلىنىدىكەن.

«(خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ) ئىنكاسى ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن گەپ يورغىلىتىش بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى›نى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بەكمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدەم. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ھەممە ئىش ئاخىرلاشقىنى يوق. يەنە كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە داۋاملىق ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسقا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئېلىنمايۋاتىدۇ. ھازىر گەرچە كۆپلىگەن يازما ھۆججەتلەر جاكارلىنىۋاتسىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت كۆپ ئەمەس. شۇڭا ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە مۇشۇ سەپكە قېتىلسا ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي بېسىملىرى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىغا يول ئاچقان بولاتتى.»

مۇتەخەسسىسلەرلا ئەمەس، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرمۇ ئەيىبلەۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تارتىۋېلىنىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر چوڭ مىسالى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ھازىر بۇ ھالنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى چەكلەش» باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۇيغۇرلاردىكى بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى ئاللىقاچان تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن دىنىي قائىدىلەردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بولسا ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بارلىق كىملىك بەلگىلىرىنىڭ يوقىتىلىشىغا «يېشىل چىراغ» يېقىۋاتقانلىقى ھەممىلا كىشىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.