ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە چىقارغان ئېكسپورتىنىڭ شىددەتلىك ئارتىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئىتتىپاقنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان سودىسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتكە چىقارغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 217.8 پىرسەنت ئارتقان. خەۋەرلەردە، بۇ يىل 1-ۋە 2-ئايدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە يوللىغان ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئومۇمى مىقدارىنىڭ 312 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2023-يىلىنىڭ 1-ۋە 2-ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا زور ئارتىش بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ھەممىدىن دىققەت قىلارلىق نۇقتىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە چىقىرىلغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدە لىتىيلىق ئىيون باتارېيەسى، پەمىدۇر قىيامى ۋە قىممىتى تاموژنا بېجى ئېلىشقا توشمايدىغان ئەرزان باھالىق تاۋارلارنىڭ ئاساسى سالماقنى تەشكىل قىلىشىدۇر. ھالبۇكى، بۇ مەھسۇلاتلار چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ساھەلەر، دەپ قارىلىپ كەلگەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېكسپورتىنىڭ شىددەتلىك ئارتىشى، ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمى سودىسى 4.1 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بىر پەيتتە يۈز بەرمەكتە ئىكەن. ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئورگانلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ياۋروپادىكى بەزى ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا داۋاملىق كۆز يۇمماقتىكەن.
گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ قانۇن ئىشلىرى دىرېكتورى) Hanno Schedler (ھانو شەدلېر 4-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ (خىتاي) كومپارتىيەسى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، بۇ دۆلەتلەر، جۈملىدىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا تارماقلىرى شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىۋاتقان مەھسۇلاتلارغا، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق باشقا ماللارغا يول قويۇۋاتىدۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ چاتىقى بولمايۋاتىدۇ. »
تاراتقۇلارنىڭ خىتاي تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغۇچى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر پولشا، بېلگىيە ۋە گوللاندىيە ئىكەن. ھانو شەدلېر، ياۋروپا شىركەتلىرى، جۈملىدىن گېرمانىيە شىركەتلىرى خىتايغا مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشى ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ھانو شەدلېر مۇنداق دېدى: «ھەتتا گېرمانىيەدىمۇ، چوڭ كۆلەملىك گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن رەۋىشتە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىرلەشمە سودا ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا، شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ شىددەتلىك ئارتىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. چۈنكى، نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ مەبلەغ سېلىنمىسى ياۋروپادىن كەلمەكتە.»
خىتاي-ياۋروپا ئومۇمى سودا مىقدارىدا تۆۋەنلەش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراتقان ئېكسپورتىنىڭ ئارتىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىشىنى تەكشۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈر بەرگەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا توكلۇق ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىشى 32 پىرسەنت ئازىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈنتاختا باتارېيەسىنىڭ ئېكسپورتىمۇ 54. 3 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. خەۋەرلەردە، بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا دۆلەتنىڭ قوشۇمچە ياردەم بېرىشىنى تەكشۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت كۈچلۈك دەللىلەر ئوتتۇرىغا چىققان بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى بۇ دەلىللەرنى سىياسىي قارارغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتىكى يېقىنقى بىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە نۆۋەتتە ھۆكۈمەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسى بارغانچە كۈچەيتمەكتە. بىراق ھازىرقى رىقابەت، بۇلارنى دەلىل ئاساسىدىكى سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر. بىز بۇ جەھەتتە بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى كۆرۈۋاتىمىز. لېكىن بۇنىڭغا (ئامېرىكانىڭ) ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئوخشاش بىر قانچە يىل كېتىدۇ. »
ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتاي ياكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش، دەپ قارالغان. ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قانۇن ئامېرىكانىڭ قانۇنىدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتىكى مۇھىم قەدەم ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ باسقۇچنى باسماقتا. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى شىنجاڭنىڭ ئامېرىكاغا چىقارغان ئېكسپورتى ئازىيىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ياۋروپاغا چىقارغان ئېكسپورتى كۆپەيمەكتە. بۇ يەردە چوڭ بوشلۇق بار بولسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىسا ئۇلار ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىۋاتىدۇ يەنى ئىلگىرىلەش بولدى.»
لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇشى ئىزچىل سوئال پەيدا قىلىپ كەلدى. تەتقىقاتچىلار بۇ قانۇننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئېنىق قاراتمىلىققا ئىگە ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىشماقتا. ئەنگلىيە ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كىنىدى تەتقىقات مەركىزى، مەجبۇرىي ئەمگەك تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇيولنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلىمەكچى بولسا، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەڭ ھالقىسىغا قەدەر سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك ئىكەن. يالقۇن ئۇلۇيول بۇ سۆزلەرنى يېقىندا رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان.
گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» دىكى ھانو شېدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۆلچىمىدە ئورتاق نۇقتىغا كېلىشنىڭ يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرماقتىكەن. ھانو شېدلېر، بۇ نۇقتىغا تېزرەك كېلىش ئۈچۈن ياۋروپا سىياسىيونلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ھازىر بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە، ياۋروپا سىياسىيونلىرىغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشتۇر. ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان سايلام بۇنىڭ ياخشى پۇرسىتى. ياۋروپا سىياسىيونلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ھازىر مەۋجۇت بولغان قانۇنلارنى، جۈملىدىن گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەمىنلەش زەنجىرى كۆرسەتمىسىنىڭ تېزرەك ئىجرا قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. »
لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە، دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىگە ئۈزلۈكسىز كىرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق ئاليۇمىن، پولىسىلىكون قاتارلىق ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتلارنى بايقاش پەۋقۇلئاددە قىيىنلاشماقتىكەن. دوكلاتتا، بۇ ئەھۋال ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىمپورت-ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.