ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-31
كېرىيىنىڭ ئارىش يېزىسىدا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى، خىتاي دائىرىلىرى 4 نەپەر ھامىلىدار ئايالغا قارىتا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىپ 5 ئايلىقتىن 9 ئايلىققا قەدەر بولغان 4 ھامىلىنى قەتلە قىلغان ئىدى.
2013-12-30
كېرىيىنىڭ ئارىش يېزىسىدا دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بوۋاقلار ئانا قارنىدا ئۆلتۈرگەن، چارشەنبە كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر 4 بوۋاق قەتلى قىلىنغان، يەنە 4 ئايلىق بىر ھامىلە ئۆلتۈرۈلۈشنى كۈتۈپ ياتماقتا.
2013-12-30
ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، كېرىيە ناھىيىسى ئارىش يېزىسى شىركە كەنتىدىن 4 بوۋاق ئانا قارنىدىلا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ پەقەت مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە شىركە كەنتىدە، ئانا قارنىدا تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاقلارنىڭ سانى.
2013-12-27
شەرقىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 33-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق مۇنازىرە تېمىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
2013-12-25
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارەتلىرى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ پاش قىلماقتا.
2013-12-25
«گۈلەن» تەخەللۇسىدىكى يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى نائېنىق قىسمىتى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى تەشۋىشكە سالماقتا.
2013-12-24
17-دېكابىر كۈنى سايباغ يېزىلىق پارتكومدا ئېچىلغان سايباغ توقۇنۇشى ھەققىدىكى يىغىنىدا، خىتاي سېكرېتار ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچىغا تەزىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۇلار ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئىنتىقام ئېلىشقا چاقىرغان.
2013-12-24
26-ئىيۇن پىچان لۈكچۈن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغان قارشىلىقلىرى ئىچىدە ئادەم ئۆلۈش سانى كۆپ، ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى.
2013-12-24
2013-يىلى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولغان زۇلۇم ۋە بېسىمغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا «ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق»، «ھەممىمىز ئۇيغۇر!»، «بىزگە ئەركىنلىك!»، «بىزگە دېموكراتىيە!» دېگەندەك شوئارلار توۋلاندى.
2013-12-23
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن 15-دېكابىر قانلىق توقۇنۇشى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.
2013-12-23
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، كېلەر ئايدا سوتلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ قىسمىتىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە.
2013-12-19
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 260 مىليون يېزىلىق كۆچمەن خىتايغا، شەھەر نوپۇسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ سىياسەت شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا توغرا كەلمىگەن.
2013-12-16
لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇھەجەر ئابلا، ياتاق بىناسىدىن ئارقانغا ئېسىلىپ چۈشۈش داۋامىدا يىقىلىپ ئومۇرتىقىسى زەخىملەنگەندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن.
2013-12-12
ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان قىزىنى يوقلاپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئانا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياغلىق ئاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش تەدبىرلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
2013-12-12
10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدىن باشلاپ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈپىتىدىكى بىر كۆك چېدىر تىكىلدى.