«تارىخ ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال-ئامىنە بۇغرا» ناملىق كىتابچە نەشىردىن چىقتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، تارىخچى مەرھۇم مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ خانىمى ئامىنە خانىم ھەققىدە يېزىلغان «تارىخ ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال-ئامىنە بۇغرا» ناملىق كىتاب ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى شائىر ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت يازغان كىتابچىدا ئامىنە بۇغرانىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى، بىر ئۇيغۇر خانىم بولۇش سۈپىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوينىغان رولى بايان قىلىنغان. 64 بەتتىن تەركىپ تاپقان، 20-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەدە يورۇق كۆرگەن بۇ كىتابچىدا مەرھۇم ئامىنە بۇغرانىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپلىگەن تارىخىي سۈرەتلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

بىز كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۈشۈكۈر مۇھاممەت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن خانىمى ئامىنە بۇغرانىڭ ئۆمرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئاتىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، گەرچە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئەمما ئامىنە بۇغرا ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ ئازلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ كىتابچىنى يازغانلىقىنى بايان قىلدى.

«تارىخ ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال-ئامىنە بۇغرا» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.

«تارىخ ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال-ئامىنە بۇغرا» ناملىق كىتابچىنىڭ ئاپتورى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى مەزكۇر كىتابچىنىڭ يېزىلىش جەريانى ۋە مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كىتابچىنى يېزىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەندىم. 1930-ۋە 1940-يىللارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆردۈم، ئىزدەندىم، بەزىلىرىنى تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوست-بۇرادەرلەردىن سوراش ئارقىلىق ماتېرىيال مەنبەلىرىگە ئىگە بولدۇم. ئامېرىكا ۋە تەيۋەن ئارخىپلىرىدىكى ئامىنە بۇغرا توغرىسىدىكى بەزى ماتېرىياللارنى ئەكەلدۈردۈم. شۇ ئارقىلىق ئامىنە بۇغرا توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىممۇ چوڭقۇرلاپ ماڭدى. بۇلارنى ئوقۇغانسېرى ئامىنە بۇغراغا بولغان ھۆرمەت ۋە قايىللىقىم ئۆسۈپ باردى. چۈنكى ئامىنە بۇغرانىڭ ئۆزىمۇ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كېيىنچە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن توي قىلىپ ئىنقىلاپ قىلىش جەريانىدا دەۋرنىڭ، زاماننىڭ، سىياسەتنىڭ ئېھتىياجى ھەم شۇنداقلا ئۆزى ياشاۋاتقان شۇ سىياسىي مۇھىتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭغان. مەن كىتابدا بۇ جەريانلارنى ئاڭلاتتىم.»

تارىخىي مەنبەلەردە بايان قىلىنىشىچە، 1930-1940-يىللاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپى ئائىلە ئايالى بولۇپ، جەمئىيەتتە ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، جەمئىيەتتە سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەت بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىۋاتقان ئاياللارنىڭ سانى بەكمۇ ئاز بولغان. مەزكۇر كىتابچىنىڭ ئاپتورى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئامىنە بۇغرا 1930-1940-يىللاردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئوخشاشا ئۆيىدىن چىقماي ئولتۇرغان ئەمەس، بەلكى سىرتقا چىقىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ قىياپەتلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش ياساپ زامانغا لايىقلاشقان بىر ئايال. ئۇنىڭ رەسىملىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭدا 1930-1940-يىللاردىكى ئەڭ مەدەنىي ئاياللارنىڭ قىياپىتىنى كۆرۈمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ مەدەنىي كىيىنىشى ۋە زامانغا لايىق گەپ-سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي سەھنىدىكى ئورنىنى يارقىن بىر ھالەتكە كەلتۈرگەن.»

«تارىخ ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال-ئامىنە بۇغرا» ناملىق بۇ كىتابچىنىڭ ئاپتورى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق بىر مىسالنى بايان قىلىپ ئۆتتى: «ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ ئايالى ۋىنكو پاكىستون خانىم ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىدا، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشقان رەھبەرىي كادىرلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن. شۇ جەرياندا ئامىنە بۇغرا خانىم ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ ئايالى ۋىنكو پاكىستوندا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئامىنە خانىمنىڭ گەپ-سۆزلىرى، كېيىنىشلىرى، ئولتۇرۇپ-قوپۇشلىرى، كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىلىرى خۇددى غەرب ئەللىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر ئايالدەك تەسىر بەرگەن ۋە ھەيران قالدۇرغان. بۇرھان شەھىدىنىڭ ‹شىنجاڭنىڭ 50 يىلى› ناملىق ئەسلىمەسىدىمۇ ئامىنە بۇغرا ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھەيرانلىقىنى ئىپادىلىگەن. مۇشۇ مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن مەن تارىختا ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ئايال ئامىنە بۇغرا ھەققىدە بۇ كىتابچىنى يېزىپ چىقتىم ۋە كىتابچىدا بۇلارنى ئاڭلاتتىم.»

شىۋىتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت يازغان «تارىخ ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال-ئامىنە بۇغرا» ناملىق كىتابدا مەرھۇم ئامىنە بۇغرانىڭ 1946-يىلى قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى، شۇنداقلا 1946-يىلى نەنجىڭدە ئېچىلغان گومىنداڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ‹شىنجاڭ ۋەكىللىرى ھەيئىتى› نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ بارغانلىقى، مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمنىڭ مەزكۇر ۋەكىللەر ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ بارغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابچىدا يەنە ئامىنە بۇغرانىڭ نەنجىڭگە بارغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ سالاپىتى ۋە تالانتى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاپتور ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئەرلىرىدىن، بالا-چاقىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئامىنە بۇغرانىڭ روھىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئويغىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز مەزكۇر كىتابچە ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى تارىخچى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مەرھۇم ئامىنە بۇغراغا يۇقىرى باھا بەردى.

مەرھۇم ئامىنە بۇغرا 1915-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. ئامىنە بۇغرا بالىلىق چاغلىرىدا دىنىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئانىسى ۋە باشقىلاردىن كېيىم تىكىشنى ئۆگەنگەن. 1929-يىلى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن توي قىلغان. ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى توغرىسىدا كۆپ مەلۇمات يوق. ئامىنە بۇغرا 1951-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1964-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. مەرھۇم ئامىنە بۇغرا ئەنقەرەدىكى جەبەجىي ئەسرى مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغان.