«شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋەر بار، غۇلجا تەسىراتلىرىم» ناملىق كىتاب نەشرىدىن چىقتى

0:00 / 0:00

2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ كىشىلەرنى قاماشقا باشلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەتتا تۈركلەرنىڭمۇ يولى توسۇلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ زىيارەت قىلغان ۋاقتىدىكى تەسىراتلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، تور گېزىت ۋە ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا بەزى يازغۇچىلار تەسىراتلىرىنى كىتاب شەكلىدە نەشر قىلدۇرۇشقا باشلاندى. ئەنە شۇنداق كىتابلارنىڭ بىرى تۈركىيە يازغۇچىسى مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى يازغان، ئۆزىنىڭ 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2013-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە غۇلجادا كۆرگەن ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى بايان قىلىنغان «دوغۇ تۈركىستاندان خابەر ۋار»، يەنى «شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋەر بار، غۇلجا تەسىراتلىرىم» ناملىق كىتابدۇر.

154 بەتلىك مەزكۇر كىتابنى تۈركىيەنىڭ ترابزون شەھىرىدىكى «ئالقا» نەشرىياتى نەشر قىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ لەپىلدەۋاتقان سۈرىتى بېرىلگەن.

مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى كىتابنىڭ ئاخىرىدا كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. مەن 2012-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 1-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇردۇم. مەن شېۋە تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىپ بارغان بولساممۇ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ھەر خىل توسالغۇلىرىغا ئۇچرىدىم شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەزكۇر كىتابتا مەن غۇلجادا تۇرغان 5 ئاي جەريانىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ۋە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتلىرىمنى تەسىرلىك قىلىپ بايان قىلىنغان».

كىتاب ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋەر بار، غۇلجا تەسىراتلىرىم» ناملىق كىتابنى يېزىش پىكرىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك مەن 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ئىدىم. تۈركىيەدىكى بەزى دوستلىرىم ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىمنى، ھېس قىلغانلىرىمنى ھەر كۈن يېزىپ ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ تۇرۇشۇمنى ئىلتىماس قىلغانىدى. ھەر كۈنى ئىزچىل ھالدا ئىنتېرنېتنى ئىشلىتەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن داۋاملىق ھالدا غۇلجادا كۆرگەنلىرىمنى، تەسىراتلىرىمنى ۋە تۇيغۇلىرىمنى يېزىپ ئېلخەت گۇرۇپپىسىدىكى دوستلىرىمغا ئەۋەتىپ تۇرغانىدىم. دەل ئۇ كۈنلەردە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ ھازىرقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنىدى. ئۇ چاغ دەۋر بۆلگۈچ بىر چاغ ئىدى. مەن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بەزى دوستلىرىم مېنىڭ بۇ يازغانلىرىمنىڭ غۇلجادا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلار بولغاچقا زور قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈرك ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ كىتابنى بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلدۇردۇم».

ئۇ، كىتابىدا نېمىلەرنى يازغانلىقىنى، رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا بىر قانچە تەسىرلىك مىسال بىلەن ئاڭلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىتابنىڭ مەزمۇنىنىڭ ھەممىسىنى خۇلاسىلەپ بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس، لېكىن سىلەرگە بىر قانچە تەسىرلىك مىسال بىلەن كىتابىمنى ئاڭلىتاي. مەن غۇلجاغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرسلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىدىكەنتۇق. مەن بارغاندا بىر ھۆججەت چۈشۈرۈپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ خىتايچە دەرس بېرەلەمسىلەر؟ دەپ سوراپتۇ. خىتايچە دەرس بېرەلەيمەن دېگەن كىشىلەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋېرىپتۇ. دەرس بېرەلىگۈدەك خىتايچە بىلمەيمەن دېگەنلەرنى دەرھال خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىپتۇ، يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنى بولسا مەكتەپلەردە ئىشىك باققۇچى قىلىپ قويۇپتىكەن. ياشلارنىڭ كۆپى ئانا تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمەيدىكەن. ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە دەرس ئۆتۈش چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپلەرنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدا كومپارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىنىۋاتاتتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىناتتى. غۇلجادىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن كۆپ ئىدى. داۋاملىق خىتايلارنىڭ كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. قىسقىسى كىتابىدا غۇلجادا تۇرغان 5 ئاي ئىچىدە كۆرگەن، ھېس قىلغان، بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يازدىم»

يازغۇچى مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى 2012-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا شېۋە تىلى ئۆگەنگەن، بۇ جەرياندا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر، قازاق، شېۋە، موڭغۇل ۋە داغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى ئورناتقان. لېكىن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۇنى داۋاملىق ساقچى ئىدارىسىگە چاقىرىپ سوئال سوراپ، تۇرۇش رۇخسىتى بەرمەي ئاۋارە قىلغان. شېۋە رايونىغا بېرىپ، شىبەلەر بىلەن سۆزلىشىشىگىمۇ رۇخسەت بەرمىگەن. ئۇ، بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەدىن غۇلجاغا ئوقۇشقا بارغان بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولدۇم. نېمىشقا كەلدىڭ دەپ سوراپ ساقچى تۇرۇش رۇخسىتىنىمۇ مىڭ تەستە بەردى. مەن شېۋە تىلىنى ئۆگەنگىلى بارغان ئىدىم، مېنىڭ غۇلجادىن 12 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى شىبەلەر ئولتۇراقلاشقان جايغا بېرىشىمغىمۇ رۇخسەت قىلمىدى. بىر كۈن ساقچى ئىدارىسىدىن رۇخسەت ئالماي ئوغرىلىقچە شىبەلەرنىڭ ناھىيەسىگە بېرىپ كەلدىم. بۇندىن 8 يىل بۇرۇن بۇنچىلىۋالا بېسىم بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ بېسىمى قاتمۇ-قات كۈچىيىپ كەتتى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن كىتابىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولار دەپ ئويلايمەن».

ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تارمىقىدىكى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىداغلى ئەپەندى كىتابنى ئوقۇغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى بىر تۈركنىڭ كۆزىتىشى بىلەن ئاڭلىتىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە يازغۇچىسى مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى بۇ ئەسەردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بەدىئىي ئەسەرمۇ يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ «چۆلدىكى ئوپېرا» ناملىق رومانى 2012 يىلى ئىستانبۇلدىكى «قۇتۇپ يۇلتۇزى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانىدى. 197 بەتتىن تەركىب تاپقان مەزكۇر روماندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يازلىق پايتەختى بەشبالىق شەھىرىدە 1020-يىلىدىن 1029-يىللىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. كىتابتا ئاشۇ يىللاردا ياشىغان يۇلا ئىسىملىك ياش قىزنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ئىشقى-مۇھەببىتى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغانىدى.