كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىمۇ نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان يازغۇچى بارىش قۇرت ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستان دەۋايىمىز» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشر قىلىندى.
ئىستانبۇلدىكى قەشقەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتاب 165 بەت ۋە 8 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار: تۈرك ۋە ئىسلامنىڭ قەدىمىي يۇرتى شەرقىي تۈركىستان، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان دۆلەتلەر، ئىسكەنجە، ئۆلۈم ۋە قىرغىنلار، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلار، بەزى مۇھىم شەخسلەر، شېئىر ۋە مارشلار، خاتىمە ۋە پايدىلىنىش مەنبەلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
مەزكۇر كىتابنىڭ تاش ۋارىقىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك بايرىقى بىلەن تۈرك بايرىقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئارقا تاش ۋارىقىغا مۇنۇلار يېزىلغان: «ئەجدادىمىزنىڭ زېمىنىنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان. بۇ زېمىننى ۋە دىنىمىز ئىسلامنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىمغا قەسەم ئىچىمەن. بىزنىڭ كۈرىشىمىز شەرقىي تۈركىستان ئازادلىققا ئېرىشكىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ كۈرەشتە ھېرىش-چارچاشقا، زېرىكىشكە بولمايدۇ. بۇ يولدا خۇدا بىز بىلەن بىللەدۇر.»

بىز مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى، تونۇلغان پائالىيەتچى بارىش قۇرت ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مەزكۇر كىتابنى يېزىش پىكرىنىڭ ئۆزىدە پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن 2009-يىلى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىۋاتىمەن 2009-يىلىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتىم يوق ئىدى. كېيىن كۆپ ساندا كىتاب، ماقالە ئوقۇدۇم ۋە دوكلاتلار ئاڭلىدىم، ھۆججەتلىك فىلىملارنى كۆردۈم. بۇلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا ئانچە كۆپ مەلۇمات يوق ئىدى. شۇڭا مەن كىتابىمدا شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مەدەنىيىتىنى بايان قىلغاندىن سىرت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم».
بارىش قۇرت ئەپەندى كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى، جۇغراپىيەلىك ئورنىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، تارىخىنى ئۆگىنەلەيدۇ. مەن كىتابىمدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بولغان، تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلار، جازا لاگېرلىرى ۋە خىتاينىڭ بۇ ئېغىر زۇلۇم سىياسىتىگە خاتىمە بەرگۈزۈش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشتىم. بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ دەپ ئويلايمەن».

ئاپتور بارىش قۇرت ئەپەندى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئۈسكۈدار رايونىدىكى بىر كىتابخانىدا «شەرقىي تۈركىستان دەۋايىمىز» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈرك پائالىيەتچى بارىش قۇرت ئەپەندىنىڭ بۇنداق بىر كىتاب يېزىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بارىش قۇرت ئەپەندى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «قەشقەر نەشرىياتى» نامىدا نەشرىيات قۇرغان بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان دەۋايىمىز» ناملىق كىتاب مەزكۇر نەشرىياتتا نەشر قىلىنغان تۇنجى كىتابى ئىكەن. ئۇ، بىزگە قەشقەر نەشرىياتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز يېقىندا ‹قەشقەر نەشرىياتى› نى قۇردۇق. بىز بۇ نەشرىياتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەرھۇم رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنى نەشر قىلماقچى. مېنىڭ ئەسلى كەسپىم تىياتىر يازغۇچىسى. مەن يازغان تىياتىر ئەسەرلىرى بار. بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىمۇ بەزى كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرماقچىمەن».
بارىش قۇرت ئەپەندى 1993-يىلىدا ئىستانبۇل شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا باشلىغان. 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن، رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان، كوچىلاردا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملار بايان قىلىنغان ۋاراقچىلارنى تارقاتقان. خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىشلارغا ئاكتىپ قاتناشقاندىن سىرت ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالىلەر يېزىپ گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان.