كىتاب سۆھبىتى: ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ سەۋەبى ۋە پاجىئەلىك نەتىجىسى

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلاركنىڭ تىرىشچانلىقىدا 2019-يىلى سېنتەبىردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان ئىدى. شۇ قېتىملىق يىغىندا شان روبېرتس، دەررېن بايلېر، تىموسىي گروس، ئاننا خايېس، جېيمىس لېيبولد، جوئاننى سىمىت، دېيۋىد تابىن، ئابلىمىت باقى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئوقۇپ ئۆتكەن ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ۋە تۈزىتىلگەن نۇسخىسى 2022-يىلى فېۋرالدا مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شىنجاڭدىكى جىددىي ۋەزىيەت: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە نەتىجىسى» دېگەن نامدا توپلام بولۇپ نەشر قىلىندى.

مەزكۇر توپلام قاماقتىكى ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىنىڭ جاشۇئا فرېمەن ئىشلىگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بىلەن باشلىنىدۇ. توپلامنىڭ مۇقەددىمىسىدە مەزكۇر توپلامنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان پروفېسسور مايكىل كلارك ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەمدە دۇنيانىڭ زور دەرىجىدىكى دىققىتىنى قوزغاۋاتقان جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ «بۇ تەرەققىياتلار ۋە ئاھالە كۆچۈرۈش ئاساسىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ماھىيەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا يول ئېچىۋاتامدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيەسى جۇڭغارىيە ۋادىسىدىن تارىم ئويمانلىقىغىچە بولغان كەڭ ماكاننى ئىشغال قىلىپ، بۇ ماكاننى يەرلىك ھۆكۈمدارلار ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ئىدارە قىلىشنى باشلىغان 1759-يىلىدىن تارتىپ بۇ ھالنى ئۇزېل كېسىل ئۆزگەرتكەن ھەمدە يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ياقۇببەگ باشچىلىقىدا قۇرۇپ چىققان مۇستەقىل دۆلىتىنى ھالاك قىلىپ بۇ رايونغا «شىنجاڭ» دېگەن مۇستەملىكىچىلىك خاراكتېرىدىكى نامنى بەرگەن 1884-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ رايونغا نوپۇس كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ھېچقانچە ئۇتۇق قازىنالمىغان. بۇ رايوننى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەملىكىگىمۇ ئايلاندۇرۇپ چىقالمىغان. چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ غايەت زور ساندا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق نوپۇس، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇ رايوننى ئۈزۈل-كېسىل ئ‍ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى 1911-يىلى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ھالاك بولۇشى بىلەن تەڭ سۇغا چىلاشقان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىتاي دۆلىتى چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالغاندا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نى جاكارلىشى بۇ ئۇرۇنۇشقا قايتۇرۇلغان كۈچلۈك بىر جاۋاب بولغان. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ رايوننى مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى 1949-يىلىدىن كېيىن زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ «غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دېگەنلەر بۇنى ئەڭ يۇغۇرى پەللىگە چىقارغان ھەمدە خىتاينىڭ ئاھالە يۆتكەش شەكلىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ئەندىزىسىنى غايەت زور دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «باشقىلار» دەپ قارىلىدىغان كىشىلەرنى مەدەنىيەت ۋە جىسمانىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى كۆچمەنلەر مۇستەملىكىچىلىكى شەكلىدىكى «يېڭى جەمئىيەت» بىلەن قاپلاش نۆۋەتتىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولۇپ قالغان.

سىدنېي تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر توپلام ھەققىدىكى كىتاب سۆھبىتىدە ئۇيغۇرشۇناسلاردىن دوكتۇر دېيۋىد بروفىي بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللارنى پروفېسسور مايكىل كلاركقا ھاۋالە قىلىدۇ. پروفېسسور مايكىل بۇ ھەقتە توختىلىپ بۇنىڭدا ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«مېنىڭچە بۇ ئەھۋاللارنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چۈشىنىش مۇمكىن. بىرىنچىدىن، شىنجاڭدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھېلىھەم ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە يوللىنىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى بەكمۇ ئاشكارا نامايان بولۇۋاتىدۇ. ئ‍ىككىنچىدىن، لاگېرلارنىڭ سىرتىدىكى مۇكەممەل سىستېما ئالغان نازارەت مېخانىزمى بۇرۇن قانداق بولسا ھازىرمۇ شۇ قېلىپتا داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، شىنجاڭدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھازىر ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا تاشقى دۇنياغا بەكلا روشەن ھالدا ئاشكارا بولۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا شەكىللىنىۋاتقان يېڭى «سوغۇق ئۇرۇش» تا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىر مۇھىم ‹بازغان› بولۇپ قالدى.»

توپلامنىڭ «تېكىستلەر» قىسمىدا شان روبېرتس، ساندىرىنا كاترىس ۋە ئاننا خايېس قاتارلىقلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تارىخىي سەۋەبلەر ھەققىدە توختالغان. بولۇپمۇ دوكتۇر ساندىرىنا كاترىس ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھازىر ھەممىلا يەرنى قاپلىغان زور تۇتقۇن ۋە لاگېر سىستېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە داۋام قىلغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن بۇنىڭ جاۋابىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۇەنگونى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەندىن بۇيانقى ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ داۋامى خالاس. شۇڭا بۇ خىل جاۋاب ئىزدەش مېتودى بەكلا بىرتەرەپلىمىلىك ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى رېئاللىقتا كۆرۈلۈۋاتقان كۆپلىگەن «يوقىتىش» ھەرىكەتلىرى ۋە «ساداقەتمەنلىك» ھەرىكەتلىرى شەكىل جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. سۆيۈنگۈل چانىشېۋ، مەمتىمىن ھوشۇر، مىرزاھىد كېرىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىدە بۇنىڭ تەپسىلاتلىرى بايان قىلىنغان. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا نېمىلا بولمىسۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىشەنچلىك» ۋە «ياخشى» دەپ قارايدىغان ئۇيغۇر كادىرلار خېلى زور ساندا مەۋجۇت بولغان. ئەمما نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ھېچقانداق «ئىشەنچلىك» ئۇيغۇر مەۋجۇت ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى قالمىغان. ئۇيغۇرلار بىردەك دۆلەتنىڭ دۈشمىنى، دەپ قارىلىشقا باشلىغان. شۇڭا ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ بۇ ھال ئەمەلىيەتتە 1957-يىلى «ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى رېئاللىق بىلەن پاراللېل كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى بىرىنچىدىن ھەر ئىككى دەۋردىكى سىياسىي باستۇرۇشنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىر قوللۇق كونترول قىلغان. ئىككىنچىدىن، مىللىي تەركىب ھەر ئىككىسىدە باش نىشان قىلىنىپ، ئۇيغۇر كادىرلار ۋە زىيالىيلار ئاساسلىق يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان، يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى «يەرلىك مىللەتچىلىك» بىلەن ھازىرقى «ئىككىيۈزلىمىلىك» بىر قېلىپتىن چىققان. ئۈچىنچىدىن، بۇ خىل ھەرىكەتتە غايەت زور ساندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى يوقىتىلغاندىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ كۈرەشلەرنى قىلچىلىكمۇ ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىرى بۇ كۈرەشلەردە ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» تېزلا ئومۇملاشقان ۋە توختاۋسىز داۋاملاشقان.

پروفېسسور شان روبېرتس بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە كۆرۈلگەن بۇ جىددىي ئۆزگىرىشنىڭ نېمە ئۈچۈن دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتى ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ 19-ئەسىردىن باشلاپ ئىزچىل بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلقنى خىتاي مەدەنىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا غايەت زور دەرىجىدە «قالاق» ۋە «مەدەنىيەتسىز» دەپ خاتىرىگە ئېلىپ كەلگەن. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن زامانىۋى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن بىر يېڭى ئۈلگە يارىتىشقا بەل باغلىغان. بۇ ئۈلگىدە مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش ۋە كۆپ خىل مەدەنىىيەتنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇشىغا قىلچىلىكمۇ ئورۇن قالدۇرۇلمىغان. ئەكسىچە «خىتاي مەركەزچىلىكى» ئاساس قىلىنغان دۆلەت مەدەنىيىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تولۇق ھالدا ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى باش نىشان قىلغان. بۇ ھەرىكەتنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش» قىلىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا قالقان قىلغان. «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش بۇنىڭغا مايدەك باھانە بولۇپ بەرگەن. ئەنە شۇ تەرىقىدە نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇش ناھايىتى سىستېمىلىق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

كىتاب سۆھبىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» كۈرىشى توغرىسىدا سۆز بولغاندا پروفېسسور مايكىل كلارك بۇنىڭدىكى «بىخەتەرلىك» ئامىلى بىلەن «كىشىلىك ھوقۇق» ئامىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

«بۇنىڭدا ئالدى بىلەن شىنجاڭدا ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى چىڭ خانىدانلىقى دەۋرىدىكى دۆلەت سىياسىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ جەرياندا كۆپ خىل ئامىللار خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ رايوننى ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا سىڭىشىپ كەتكەن. بۇ ئۇرۇنۇش بولسا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە چىققان. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭدا ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا مۇستەملىكىچىلىك ئەندىزىسىدىكى ئۈلگىلەر بويىچە، شۇنىڭدەك ماۋ زېدوڭ ۋە ستالىن ئىدىيەسىنىڭ ئىدىئولوگىيەلىك مىراسلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، مەن يازغان باب ۋە شان روبېرتىس يازغان باب بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ‹تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش› باھانىسى بىلەن يوشۇرۇپ كەتكەنلىكىنى تەپسىلىي شەرھلەيدۇ.»

توپلامنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا نۆۋەتتىكى زۇلۇمنىڭ شەكىللىرى تەپسىلىي قاراپ چىقىلغان. بولۇپمۇ تىموسىي گروس ۋە جېيمىس لېيبولد بىرلىكتە تەييارلاپ چىققان 5-بابتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ» دەپ قارالغان «خەۋپلىك» شەخسلەرنى بىرنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويماي لاگىرلارغا قاماپ بولغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئارقىلىق دىنىي ۋە مىللىي كىملىكنى مەجبۇرىي يوسۇندا مەڭگۈلۈككە يۇيۇپ تاشلىماقچى بولغان. ئاندىن قالسا «كېسەللىك» كە دائىر كۆپلىگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ، دىنىي ئېتىقاد، مىللىي كىملىك مەزمۇنلىرىنى «ۋىرۇس»، «زەھەرلىك ئۆسمە»، «روھىي كېسەللىك» بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن «كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش»، «ۋىرۇسنى تازىلاش» دېگەندەك شوئارلارغا سورۇن تەييارلىغان. شۇ ئارقىلىق تۈركىي ۋە ئىسلامىي كىملىكنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى «ئەكسىلئىنقىلاپچىلىق» قاتارلىق ۋە باشقا سەلبىي ھادىسىلەرگە ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان شەيئىلەر ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «كېسەل تەگكەن ئادەملەرنى داۋالاش» نىڭ قانۇنلۇق ۋە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى جەمئىيەت بىردەك قوبۇل قىلىدىغان ئۆلچەمگە ئايلاندۇرماقچى بولغان.

دەررېن بايلېرنىڭ لاگېر شاھىتلىرى ۋە لاگېر خىزمەتچىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان «ئىككىيۈزلىمىلىك» ھەققىدىكى ماقالىسىدە لاگېرلاردا ساقچى، تەرجىمان، ئوقۇتقۇچى دېگەندە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قويۇلغان يەرلىك خەلق كىشىلىرىنىڭ ئۆز خەلقىگە زۇلۇم سېلىش قورالى بولۇشقا مەجبۇرلىنىپ «ئىككىيۈزلىمىلىك» ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىق پاش قىلىنىدۇ. دەررېن بايلېر بۇ كىشىلەرنىڭ ئاشۇ خىل يوسۇندا «ئىككىيۈزلىمىلىك» قىلىشقا مەجبۇرلىنىشىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلالمىغانلىقىدەك رېئاللىقنى كۆرسىتىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى زۇلۇمنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

توپلامدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان يەنە بىر باب جوئاننى سىمىت ۋە دىلمۇرات مەخمۇت بىرلىكتە تەييارلىغان ئۇيغۇرچە تىل ئەدەبىيات دەرسلىكى ھەققىدىكى بايانلاردۇر. ئاپتورلار بۇنىڭدا 2018-يىلى قايتا تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابلارنى ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ساتتار ساۋۇت، يالقۇن روزى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىشقا باھانە بولۇپ بەرگەن دەرسلىك كىتابلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ جەرياندا يېڭى دەرسلىك كىتابلاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەزمۇنىدىكى تېكىستلەرنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقى، يەنە كېلىپ خىتاي مەركەزچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى بولغانلىقى مەلۇم بولغان. بولۇپمۇ تۈركىي ۋە ئىسلامىي باغلىنىشنىڭ بۇ دەرسلىك كىتابلاردا پۈتۈنلەي «كۆرۈنمەس» قىلىۋېتىلگەنلىكى ماھىيەتتە لاگېرلاردىكى «تەربىيەلەش» بىلەن پاراللېل شەكىلدىكى «مېڭە يۇيۇش» نىڭ مائارىپ ساھەسىگە كېڭەيتىلىشى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان.

توپلامنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدە پروفېسسور مايكىل كلارك، دېيۋىد تابىن ۋە ئابلىكىم باقى قاتارلىقلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ «ئالدىنى ئېلىش» شەكلىدىكى تازىلاش خاراكتېرى، بۇ ئومۇمىي دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرۈۋاتقان تۈرلۈك بېسىملىرى، شۇنىڭدەك «خىتاي چۈشى» نىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلاردىن تارتىپ ياشىنىپ قالغانلارغىچە «ئۇلۇغ سىڭىشىش» نىڭ دولقۇنلىرىغا غەرق بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئورۇن ئالغان.

مەزكۇر توپلام نەشردىن چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە بۇ توپلام ھەققىدىكى سۆھبەتلەر ۋە زىيارەت خاتىرىلىرى پائال داۋام قىلماقتىكەن.