ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەشىۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىلدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇل يېڭىكاپىدىكى ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزىدە ئېچىلىغان 8-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە تۈركىيەدىكى فالۇڭگوڭ جەمئىيىتى يەرمەنكىگە قاتنىشىپ كۆرگەزمە ئاچتى. ئۇلار فالۇڭگوڭ تەرىقىتىنى تونۇشتۇرۇش، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ئۇلار مەزكۇر يەرمەنكىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەشىۋىقات ۋاراقلىرى تارقاتتى.

29-مارتتىن 3-ئاپرىلغىچە ئالتە كۈن داۋام قىلغان 8-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىگە «ئارزۇيىزىڭىزنى بايقاڭ» دېگەن نام بېرىلگەن بولۇپ، يەرمەنكىگە 350 نەشرىيات ئورگىنى قاتنىشىپ، يەرمەنكە ۋە كۆرگەزمە ئاچقان.

فالۇڭگۇڭ مۇرتلىرى مەزكۇر يەرمەنكىدە تارقاتقان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ فالۇڭگۇڭچىلارغا، تىبەتلەرگە ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ئىز-دىرەكسىز غايىپ قىلىۋېتىش قاتارلىق ۋەھشىيانە باستۇرۇشلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

فالۇڭگۇڭچىلار ئوخشاش پائالىيەتنى يەنە ئىنتېرنېت تور تاراتقۇلىرى ئارقىلىقمۇ ئېلىپ بارغان بولۇپ، كىشىلەرنى تور ئارقىلىق ئىمزا قويۇشقا چاقىرىق قىلغان.

فالۇڭگوڭ جەمئىيىتى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە. 2022-يىلى 4-ئاپرېل، ئىستانبۇل.
فالۇڭگوڭ جەمئىيىتى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە. 2022-يىلى 4-ئاپرېل، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا چەكلىمە قويغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىملىرى ۋە ئېتىقادلىق كىشىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى دىندىن چىقىرىش ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى يېزىلغان.

تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەرىپىدىن چېقىلغانلىقى، بەزى مەسچىتلەرنىڭ مەيخانىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى، ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بىردىن خىتاي كادىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى يېزىلغان. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي كادىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي ئىبادەت قىلغانلارنى بايقىغان ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنى لاگېرغا سۇلاتقۇزىۋاتقانلىقى ۋە لاگېردا ئۇلارنى دىندىن چىقىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىز، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەرمەنكىدە كۆرگەزمە ئاچقان فالۇڭگۇڭ مورتلىرىدىن دەمەت ۋە ھازال خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دەمەت خانىم ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدىكى توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باش كاتىپى David Kilgour ۋە يازغۇچى-تەتقىقاتچى ئېتان گۇتماننىڭ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، خىتاي تۇتقۇن قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ-سېتىش قىلمىشى 2002-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي تۇتقۇن قىلغان ئىنسانلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈشنى 2000-يىلىغىچە ھەر يىلى 1000 دىن ئىچكىي ئورگاننى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغان، بىراق بۇ سان 2000-يىلىدىن كېيىن يىلىغا 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىرمۇ ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ ئورگانلارنى تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلاردىن ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتايدا ئىچكىي ئەزا سېتىۋېلىش بەك ئاسان، بىر كۈن ئىلگىرى خەۋەر بېرىش بىلەنلا خالىغان ئىچكىي ئەزاغا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ قولىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تىزىملىكى مەۋجۇت. بىر تەرەپتىن قىيىن-قىستاق ئېلىپ بارىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكىي ئەزاغا ئېھتىياجى بولغان كىشىلەرگە تۇتقۇندىكى كىشىلەرنىڭ بۆرەكلىرىنى ئېلىپ ساتىدۇ.»

دەمەت خانىم سۆزىدە يەنە خىتايدا ھازىرمۇ ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي سىرتقا يېپىق بىر دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىش ئىنتايىن قىيىن. كۆپىنچە كىشىلەرنى قىيىن-قىستاققا ئالغاندىن كېيىن، كۆيدۈرۈش ئۇچاقلىرىغا تاشلاپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كىملىك سالاھىيىتى ئېنىقلانمايدۇ. كىملىك سالاھىيىتى ئېنىقلانمىغانلىقى ئۈچۈن، كىم ھايات، كىم تۈرمىدە بىلەلمەيمىز. ھازىرمۇ ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقانلار مەۋجۇت.»

دەمەت خانىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىچكىي ئورگانلىرىنىڭ ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنغانلىقىنى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئەۋرىشكىلىرىنى ئالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. مەن بىر تۈرك بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتىدىن ئەندىشە قىلىمەن، چۈنكى ئۇلار پەرقلىق بىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، خىتاي ئۆز خەلقىگە، يەنى فالۇڭگۇڭ مۇرتلىرىغا بۇنچىۋالا زۇلۇم قىلىۋاتقان يەردە، ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئېغىر زۇلۇم قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.»

دەمەت خانىم سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش قوشماق تۇققانچىلىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىردىن خىتاينى مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، جاسۇسلۇققا سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىردىن خىتاي ئەر ئورۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بويىچە، بۇ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغان بىر قىلمىش. ئائىلە دىمەك، بىزنىڭ ئىززەت-ئابرويىمىزدۇر، ئار-نۇمۇسىمىزدۇر. مېھمانلارغا ھەر زامان ئىشىكىمىز ئۇچۇق، بىراق ئائىلىمىزگە ئۈسۈپ كىرىش، ئىشغال قىلىش ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلىنمايدۇ. خىتاينىڭ زۇلۇمى بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. كىچىك بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ئوخشاش قىلمىشنى فالۇڭگۇڭچىلار ئۈستىدىنمۇ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى ئىلاھ قىلىپ كۆرستىشكە ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭغا چوقۇنۇشقا زورلاۋاتىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باشقا بىر جەمئىيەت ۋە ياكى پارتىيە قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ، خىتايدا ھېچ قانداق بىر مۇخالىپ كۈچ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئۆزىنىڭ دىكتاتۇرلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ زۇلۇمنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

دەمەت خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغانلىرىم، ئۇلار كۈچلۈك بولسۇن، كۈرەشنى داۋام قىلسۇن، ھەممىمىزنى ياراتقان بىر كۈچ بار. ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمىسۇن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمىسۇن، ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بىز ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز.»

يازغۇچى ئېتان گۇتمان «قىرغىنچىلىق» ناملىق كىتابىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرلاردا سىناق قىلىنغانلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن يازغان.

مەزكۇر يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىۋاتقان ھازال ئىسىملىك فالۇڭگۇڭ مۇرتىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىرانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە فالۇڭگوڭ مۇرىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازال خانىم بىزنىڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ‹خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى يىقىلسۇن› دېگەن پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا ئورنىۋاتىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاخباراتلاردا نۇرغۇن مەلۇماتلارنى ئۇچراتتىم. ياخشى بولغىنى بىر قانچە دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇنىڭقا قارشى بەزى قارارلارنى ئالدى، بۇ ياخشى باشلىنىش بولدى. مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى قەدەم بېشىسنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىلىتىشىنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يىقىلىشىنى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە فالۇڭگۇڭ مۇرتلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»