كوداك شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت رەسىملەرنى ئۆچۈرۈشى ۋە كەچۈرۈم سورىشى زور تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

داڭلىق فوتو-فىلىم شىركىتى كوداك ئىنستراگرام سەھىپىسىدىكى ئۇيغۇر ئىلىغا ئائىت رەسىملەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.

كوداك شىركىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئىنىستاگرام سەھىپىسىدە فرانسۇز فوتوگراف پاترىك ۋاكنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مەنزىرىلىرىگە ئائىت سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. پاترىك ۋاك ئۇيغۇر ئىلىدا تارتقان سۈرەتلىرىگە يازغان ئىزاھاتىدا «رايوندا كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلدى، بۇ سۈرەتلەر شىنجاڭنىڭ تۇيۇقسىز ئورۋېلچە دىستوپىيە ئىچىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ پاكىتى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ رەسىملەر دەرھال خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن. خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى «كوداكنى سېتىۋالماسلىق» ھەققىدە چاقىرىقلارنى قىلىشقان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ رەسىملەرنى «غەربتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلان قىلىنغان» دەپ تەسۋىرلىگەن.

كوداك شىركىتى بولسا مانا بۇ ئەيىبلەشلەردىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سۈرەتلەرنى تارتىپ بايانات ئېلان قىلىپ، «يازما كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر قانداق ئۇقۇشماسلىق ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن» كەچۈرۈم سورىغان. بىراق كوداكنىڭ بۇ ھەرىكىتى بولسا ئامېرىكادىكى بىرقىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

ئامېرىكادىكى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىليام نى ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «كوداك شىركىتى خىتاي بازىرىغا يېڭىلدى» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كوداكنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىسىدىكى رەسىملەرنى ئەيىبلىگەن يازمىلار مەيلى دۆلەت قوللىشىدىكى يازمىلار بولسۇن ياكى ئۇ مىللەتچى ئادەملەر تەرىپىدىن يېزىلغان يازمىلار بولسۇن ھەرقايسى شىركەتلەر ئۈستىدە زور بېسىم پەيدا قىلىۋاتقىنى ئېنىق. مەنچە بۇ ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق مەيلى شىنجاڭ مەسىلىسى، مەيلى تىبەت مەسىلىسى ۋە باشقا سەزگۈر مەسىلىلىرىدە شىركەتلەرنىڭ ئاشكارا ھالدا مەيدانىنى ئىپادىلىشىنى چەكلەشتەك ئارزۇسىنى نامايان قىلىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى خەۋپ ھەرقانداق بىر شىركەت دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ھەرىكىتىدە چوقۇم كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بىلگىنىمىزدەك كوداك ئەسلىدە ئارتىسلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى، مۇستەقىل پىكىر قىلىش كۈچىگە تايىنىپ پۇل تاپىدىغان شىركەت. نۇرغۇن مۇھىم ھۆججەتلىك فىلىملار، ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە ئائىت فىلىملار كوداك فىلىمى بىلەن ئىشلەنگەن. ئۇنداق ئىكەن كوداكقا ئوخشاش شىركەت ئارتىسلارغا بۇ جەھەتتىكى مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشى ۋە ئارتىسلارغا پىكىر قىلىش بوشلۇقى بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس كوداك ئۇنداق قىلالمىدى، ئۇمۇ خىتاي بازىرى تەرىپىدىن چۈشەپ قويۇلدى».

دەرۋەقە، كوداك شىركىتى ئىنستاگرامدا ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «فوتوگراف پاترىك ۋاكنىڭ ئىنستاگرام بېتىدە ئېلان قىلىنغان رەسىملىرىنىڭ ئىزاھاتىنى فوتوگراف ئۆزى تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى كوداك ئەمەس. . . ۋاك ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلار كوداكنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، كوداك ئۇنى قوللىمايدۇ. يازما كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇقۇشماسلىق ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز».

«ئەركىن خوڭكوڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوداك شىركىتى خىتاينىڭ ئۈندىدار بېـتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا تېخىمۇ ئاشۇرۇپ؛ «كوداك ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى ھەمدە ھەرقايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورناتتى. . . . بىز ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىمىزنى تۈزىتىمىز، بۇ ۋەقەدىن دەرس ئېلىپ ئېھتىياتچان بولىمىز»، دېگەن ئىبارىلەرنى قوللانغان ئىكەن.

بىز كوداك شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ئائىت پولاتتەك پاكىتلار مەۋجۇت تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن بۇنى «ئېھتىياتسزلىق، ئۇقۇشماسلىق» دەپ ئاتىغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولغان بولساقمۇ بىر نەتىجە ئالالمىدۇق.

كوداكنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر، كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. تىۋىتتېردا نۇرغۇنلىغان تونۇلغان كىشىلەر مەسىلەن تىۋىتتېردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان ئامېرىكىلىق تەنتەربىيە خەۋەرلىرى ئوبزورچىسى كەيس ئولبىرمەن قاتارلىق كىشىلەر بۇنى «نومۇس قىلارلىق ھەرىكەت، خىتاي ھەقىقەتەنمۇ ئورۋېلچە دىستوپىيە» دەپ دەپ باھالىدى. نۇرغۇنلار يەنە يەنە بىر ئامېرىكا شىركىتى خىتايغا تىز پۈكتى، دەپ تەنقىدلىگەن.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى نىككىي خېيلى خانىم بۇ ھەقتە تىۋىتتېرغا يازغان ئىنكاسىدا «بىز ھەر كۈنى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قورقۇنچلۇق مەلۇماتلارنى ئېلىۋاتىمىز. ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇنى ئەيىبلەشتىن قورقۇشى يېتەرلىك نومۇسسىزلىق تۇرۇپ، ئۇنى جىمىقتۇرۇشقا ياردەم بېرىشى ۋە ھەتتا كەچۈرۈم سورىشىنى نېمە دېگۈلۈك؟» دەپ يازغان.

ۋىليام نى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شىركەتلەر خىتاي بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشقا رازى بولۇشتىن ئاۋۋال كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ۋىجدانىي ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي بازىرى ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقتىن نۇرغۇن شىركەت رەھبەرلىرى پەقەت بۇ بازارغا كىرىشنىلا ئويلاپ مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ئەمما مەنچە ئۇلار بۇندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇققا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆپرەك ئويلىنىپ ئىش كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى ھازىر مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولسۇن ۋە ئامېرىكىدا بولسۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالغان شىركەتلەرنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا قاراپ چىقىلىۋاتىدۇ. شۇڭا شىركەتلەر مۇشۇنىڭدەك ئاممىۋى تەنقىدكە ئۇچراپ كېتىشتىن ۋە ھەتتا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ئاۋۋال بۇنىڭغا يەنىمۇ ياخشى چارە تېپىشى كېرەك».

مەزكۇر رەسىملەرنىڭ ئاپتورى، فوتوگراف ۋاك بولسا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ كوداك شىركىتىنىڭ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ ئەمما ھەيران قالمىغانلىقىنى، چۈنكى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بازارنى دەپ باش ئېگىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلىدىن 2019-يىلى ئارىلىقىدا تارتقان بۇ رەسىملىرى ئارقىلىق رايوندىكى ھاياتنىڭ قانداق قىلىپ زور ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: ««2016-يىلى ئۇ يەر يەنىلا رەڭگارەڭ ئىدى. سىز ئالتۇن رەڭلىك گۈمبەزلەرنى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئائىت سىمۋوللارنى، ھىجابلانغان ئاياللارنى كۆرەلەيتتىڭىز، ئەمما 2019-يىلى بۇلارنىڭ ھەممىسى غايىب بولدى» دېگەن.