تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 1-نۆۋەتلىك يازغۇچى-شائىرلار ئۇچرىشىشىغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئىشتىراك قىلدى. 11-ئىيۇل كۈنى ئاخشام ئالدى بىلەن مەزكۇر كىتابى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم، كېيىن «كۆك بايراقنىڭ كۆز يېشى» ناملىق كىتابىنى ئوقۇرمەنلەرگە قول قويۇپ تارقىتىپ بەردى. «سەبىلۇررەشات ژۇرنىلى» نىڭ مەسئۇلى فاتىھ بايخان رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىلىشتا ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى تەرەققىياتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. پائالىيەتكە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بىرقىسىم مۇھىم كىشىلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك نۇرئەلا خانىمنىڭ كىتابىغا قول قويدۇردى.
ھازىر تۇنجى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يازغۇچى ۋە شائىرلار ئۇچرىشىشىغا تۈركىيەنىڭ 30 ئەتراپىدا رايونىدىن، شۇنداقلا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان شائىرلار، ئەنقەرەدە چىقىۋاتقان ئەدەبىيات ژۇرناللىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدارىنىڭ مەسئۇلى فاتىھ بايخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنىڭ قان ئېقىۋاتقان يارىمىزدۇر. ئەدەبىيات ھەقىقىي ھېكايىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر نۇرغۇن ۋەقەلەر بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ سەمىگە سېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. مەنچە ياخشى قىلىپتىمىز، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى بەك يۇقىرى بولدى. بىز شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاشنى ئويلاۋاتىمىز. بۈگۈنكى پائالىيىتىمىز بەك ياخشى پائالىيەت بولدى».

8-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇل كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان شائىرلار ئۇچرىشىشىنىڭ تۆتىنچى كۈنىدىكى پائالىيەتتە شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىش جەريانى، ۋەتەن ھەسرىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى.
نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەت توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىغا قاتناشقان تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىغا شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ ۋەتەن ھەسرىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان 105 پارچە شېئىر كىرگۈزۈلگەن.
نۇرئەلا خانىمنىڭ 4 شېئىر كىتابىدىن سىرت «ئۇيغۇر تائاملىرى» نامىدا بىر كىتابى بار. ئۇ، سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانىدى.