12-نويابىر كۈنى، ئامېرىكانىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ مەركىزى بوستون شەھىرىنىڭ ھاۋاسى سوغۇق ھەم ھۆل-يېغىنلىق بىر كۈن بولغانىدى. لېكىن سوغۇق ۋە يامغۇرغا قارىماي، شۇ كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12:00 دە، بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدىكى سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى زور بىر پائالىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى.
شۇ كۈنى، ماسساچۇسېتس شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ بىر توپ جامائەت، بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ساداسى بىلەن بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى خادىدا ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ، جەۋلان قىلىنىشقا باشلىدى.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ دەل 86 ۋە 75 يىللىق خاتىرە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇنىڭ «سىمۋوللۇق ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندى» دەپ قارالدى.
بۇنىڭ ھارپىسىدا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە. . . . . . قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ھەر پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىگەنىدى. 12-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى پائالىيەت ئامېرىكادا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تەستىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى بولۇپ، پائالىيەت بوستوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئىلتىماسى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان.
0:00 / 0:00