«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىنىدا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» 17-ئۆكتەبىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. يىغىندا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چەكلەشتە ئېرىشكەن نەتىجە، دۇچ كەلگەن خىرىس، قىيىنچىلىق ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

مەزكۇر خاتىرە فوندىنىڭ «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمى» ماۋزۇلۇق بۇ مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇنىڭ 18-ئۆكتەبىر باشلانغان يىللىق «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يېقىنقى ئۆزگىرىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىكى يېڭى يۈزلىنىش، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خىرىس، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئېلىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى، تەكلىپ-پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىگەن «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ رەئىسى، سابىق باش ئەلچى ئاندرېۋ بلېمبېرگ (Andrew Bremberg)، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا دىپلوماتىيە ساھەسىدە «زور ئىلگىرىلەشلەر» قولغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى يېتەرلىك بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاستا بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئاندرېۋ برېمبېرگ مۇنداق دەيدۇ: «سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، دىپلوماتىيە ساھەسىدە باشقا دۆلەتلەر ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دىققەت تارتىشتا زور ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ مەن دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلاشتا قىلغان خىزمىتىدىن، بولۇپمۇ ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى›نى ئاشكارىلاش خىزمىتىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىمەن.»

ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» چاقىرغان مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتور ئادرىيان زېنز(Adrian Zenz) دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» چاقىرغان مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتور ئادرىيان زېنز(Adrian Zenz) دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون. (RFA/Shehrizat)

ئاندرېۋ برېمبېرگنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىزمەت دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغان. لېكىن ئاندرېۋ برېمبېرگ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا يېتەرلىك ئىنكاستا بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندرېۋ برېمبېرگنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسىدىن «چوڭقۇر قايغۇ ۋە ئۈمىدسىزلىك» ھېس قىلغان.

ئاندرېۋ برېمبېرگ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئالدى بىلەن بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتايدا يۈز بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قايتۇرغان ئىنكاسىغا قارىتا شەخسى نۇقتىئىنەزەرىمدىن چوڭقۇر قايغۇ ۋە ئۈمىدسىزلىك تۇيغانلىقىمنى ئىپادىلىمەكچى. بىز بۇ جەرياندىكى پەرقلىق باسقۇچلاردا ھەم ئۈمىد ھەم ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆردۇق. مەن پەقەت بىر ئامېرىكا پۇقراسى، بىر سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىمدە ئۆزۈمنىڭ چوڭقۇر ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن. تېخى يېقىندىلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاخىرىقى يىغىنى يېپىلدى. بىز ئامېرىكانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى كۆردۇق. بولمىسا، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىمۇ (خىتاينىڭ) ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.»

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا مەزكۇر ئورگاننىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز رىياسەتچىلىك قىلدى ئۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىك ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشتا ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ بۈگۈنكى يىغىننىڭ چاقىرىلىش مەقسەتلىرىنىڭ بىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى توختىتىشتا قانداق قىلغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىم شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇ قېتىم بىز دۆلەتلەرنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئاڭلاشنى خالايمىز. بۇ ۋەھشىيلىك ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 2017-يىلدىن بۇيان تېخىمۇ ياخشى تونۇلدى. ھازىر بۇنىڭغا 6 يېرىم يىل بولدى. بۇ جەرياندا نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟ نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى 2021-يىلى 1-ئايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرى نېمە بولدى؟ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلدى؟ باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتلىرى بۇ يولنى تۇتمىدى.»

ئادرىيان زېنزنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكتە ھۆكۈمەتلەر ب د ت نىڭ 1948-يىلى ماقۇللىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دىكى مەجبۇرىيىتىگە جىددىي قارىمىغان. ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى: «(ھۆكۈمەتلەر) ب د ت نىڭ 1948-يىلى ماقۇللىغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› دىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە جىددىي مۇئامىلە قىلمىدى. ۋەھشىيلىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىسىز؟ بىز ئىنسانلار ئۆزىمىزدىن يىراقتا يۈز بېرىۋاتقان بىر ۋەھشىيلىككە دائىر دەلىللەرگە نەق ۋاقتىدا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغاندا، بىر ئىشلارنى قىلىشنى ئىقتىسادقا باغلاپ قارالمايمىز» دېدى.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقتىكى مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق جاۋابكارلىققا تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلمەكتە. «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر، كانادالىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاناستاسىيا لىن قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىندا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خىتاينى خەلقئارالىق جاۋابكارلىققا تارتىشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ، «بىر يول بىر بەلباغ» لىنىيەسىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى، خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە خىتايدىن ئېلىۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. روشەن ئابباس، «خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى بۇ رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە زور مىقداردا مەبلەغ سالغان. نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ سودىنى كوزېر ئورنىدا ئىشلىتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەگەر خىتاينىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن روشەن دەرىجىدە ئەندىشە قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەتلەر خىتاينى ئاشكارا تەنقىدلەشتىن قاچسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر داۋاسى خەلق ئاممىسى ئىچىدە كۈچلۈك ئىكەن.

روشەن ئابباس مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسكى، بۇ رايونلاردىكى سىياسىي مەنزىرە دائىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆلەڭگە پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. دۆلەتلەر بەلكىم خىتايغا ئاشكارا قارشى تۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلىشى مۇمكىن. بىراق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياۋروپاغا قارىغاندا زۇۋان چىقارمىسىمۇ، لېكىن بۇ رايوندىكى ئاساسى قاتلام خەلقلىرىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللاشنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.»

روشەن ئابباسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ يېقىندا قازاقىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى بۇنىڭغا ئۆرنەك بىر مىسال ئىكەن.

يىغىندا يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار خانىم، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم قانۇنلارنى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رېئاللىقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، ئۇلار داۋاملىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تولۇق ئىجرا قىلىشتا يەنىلا نۇرغۇن كاشىلىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقىغا دائىر دوكلات، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ياۋروپا باشقا دۆلەتنىڭ بۇ قانۇننى ئۈلگە ئېلىشى زۆرۈرلۈكىنىمۇ كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ئەلفىدار ئېلتەبىر يەنە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تېخىمۇ كۆپ جاۋابكارلىققا تارتىشى، ئامېرىكا تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلىشىگە تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئەلفىدار ئېلتەبىر مۇنداق دەيدۇ: «بىز يەنە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا قولىمىزدا بار بولغان مەۋجۇت ۋاسىتىلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك. خىتاي ئەمەلدارلىرى چوقۇم سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. غەرب شىركەتلىرى يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايونىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا. ئامېرىكا شىركەتلىرى يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىگە تېخنىكا سېتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوللىغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكا تېخنىكىسى ياكى مەبلىغى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق شىركەتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى «بېيجىڭنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر زۇلۇمى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ئارىسىدا يەنە «خىتاي: ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. رومان فرانكىلىن بىلەن فرانشىئوس رېينھارتنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاخىرىقى ھېسابتا يوق قىلىۋېتىش ئۇرۇنۇشى مەخپىي ھۆججەتلەر، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بەرگەن يوليورۇقلىرى، شاھىتلار، دوكلاتلار، نەق مەيدان سۈرەتلىرى، تەتقىقاتچىلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن.