ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە خەۋپسىزلىك تەپتىشى كومىتېتى، خىتاينىڭ ئىقتىساد-سودا ۋە خەۋپسىزلىككە ئائىت قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 2022-يىللىق دوكلاتىنى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان ھەمدە بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 15-نويابىر كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
بۇ دوكلات مەزكۇر كومىتېت ئەزالىرىنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار بىر يىللىق تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىشى ئارقىلىق تەييارلىغان دوكلات بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كەلتۈرۈۋاتقان تەھدىتى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان ھەمدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرۇلۇق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە 39 تۈرلۈك تەكلىپ سۇنۇلغان.
مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 2022-يىللىق دوكلاتنى تەييارلاشقا مەسئۇل كومىتېت رەئىسى ئالېكس ۋاڭ (Alex N. Wang) باشلىنىش سۆزى قىلىپ، 2022-يىلدا خىتاينىڭ كوۋىد يۇقۇمى، ئىشسىزلىق، ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشى، دېموكراتىك ئەللەر بىلەن دۈشمەنلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خېلىلا خارابلاشقانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەت دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.
بۇ دوكلات 5 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتايدىكى قارارى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشى؛ ئىككىنچى قىسمىدا ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى؛ ئۈچىنچى قىسمىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تاشقىلار ئىشلار؛ تۆتىنچى قىسمىدا تەيۋەن؛ بەشىنچى قىسمىدا خوڭكوڭ مەسىلىسى بايان قىلىنغان.
دوكلاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ مۇستەبىتلىك يولىغا ماڭغانلىقى، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا مال تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دۇنياۋى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكچى بولغانلىقى، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ۋە تور دۇنياسىدا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكاغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ يەنە جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۆزلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى نېفىت، تەبىئي گاز، ئۇران قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنىڭ مۇھىم مەنبەسى، شۇنداقلا <بىر بەلۋاغ بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى دەپ قارايدۇ».
بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ دوكلاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى كىمبېرلى گلاس (Kimberly T. Glas) سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ 2000-يىل دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن باشلاپ ھېچقاچان نورمال تىجارەت قىلمىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاشنى ئادەت قىلىۋالغانلىقىنى، خەلقئارا تىجارەتنىڭ مۇھىم مەركىزىي بولغان خوڭكوڭنى ئىقتىسادتا ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا مال تەمىنلەش زەنجىرىنى قورال قىلىپ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتە كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ دوكلاتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە مۇھىم تەكلىپلەر سۇنۇلغان بولۇپ، ئۇلار: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكادىكى ئەزالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ ئارخپىنى تۇرغۇزۇش؛ ئامېرىكانىڭ ياساش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مال تەمىنلەشتە خىتايغا بېقىنىپ قالماسلىققا پايدىلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈش؛ خەۋپسىزلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، پاتېنت قانۇنى ۋە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلماسلىق قانۇنى تۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان 24-تەكلىپ مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھۆكۈمەتكە <ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى>نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇۋېتىش ۋە تۇتۇپ قېلىش ئەھۋالىنى ھەر 6 ئايدا بىر دوكلات قىلىش پەرمانى بېرىشى كېرەك. بۇ دوكلاتتا مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغان ئورۇن، مەھسۇلات سانى، بۇ مەھسۇلات ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق چېتىلغانلىقى ئۈچۈن توسۇپ قېلىندىمۇ دېگەندەك ئۇچۇرلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. بۇ دوكلاتتا يەنە ئامېرىكانىڭ سودا قانۇنى ۋە بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىدىكى يوچۇقلار، يەنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن كەلگەن ماللار ۋە خام ئەشيالارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان يوچۇقلار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك».
بۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىگە بەزى تەكلىپلەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار تەيۋەن بىلەن ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىش، «خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەسىنى كۈچەيتىش قانۇنى»نى ياخشى ئىجرا قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .