ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاياللارنى تۇغماس قىلىشقا چېتىشلىق ئەمەلدارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 16-نويابىر ئ‍ۆزىنىڭ 2022-يىللىق «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يىتەكچىلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، «رەسمىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلار، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە شى جىنپىڭ ۋە باشقا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى يېڭى دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن».

دوكلاتتا مۇنداق دېيلگەن: «يېڭى ئېرىشكەن بىر يۈرۈش ھۆججەتلەر، تۇتقۇنلارنىڭ جەزىملەشكەن نەچچە مىڭ پارچە سۈرەتلىرىنى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشنى كۆزنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۈملىدىن بۇ بىر ناھىيەنىڭ ئۆزىدىنلا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ نىسبىتى (خىتاينىڭ) پۈتۈن مەملىكەت نىسبىتىدىن 64 ھەسسىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلارنى ‹ئېتىپ ئ‍ۆلتۈرۈش› بۇيرۇقى بەرگەنلىكى، بالىلارنى ۋە ياشانغانلارنى تۇتقۇن قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

دوكلاتتا تەكىتلىشىچە «بۇ كومىتېت خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان 5 يىللىق پىلانى ئاخىرلىشىشقا ئەگشىپ، رايوندىكى تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەسمىي تۈرمىگە قامىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولۇشى تېخىمۇ ئارتقانلىقىنى كۆرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، «جازا لاگېرلىرىدىن ھايات قالغان شاھىتلار قيىن-قىستاق، سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ئائىت دەھشەتلىك كەچمىشلەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلغان مەجبۇرىي نۇپۇس كونترول قىلىش سىياستىگە ئائىت يېڭى دەللىلەر بىلەن تەمىنلىمەكتە، شۇنداقلا تۇتقۇندا يۈز بەرگەن ئۆلۈملەرگە دائىر دوكلاتلار داۋاملىق ھۆججەتلەشتۈرۈلمەكتە» ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوشۇمچە رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلېي 16- نويابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ دوكلات خىتاينىڭ «ئىستىبدات رېئاللىقى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن ۋەيران بولغانلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرگەنلىكى»نى ئېيتقان. جېف مېركىلېي 15-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ يۇقۇم سىياسىتى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا بۇ دوكلات ھەققىدە توختىلىپ، بۇ دوكلاتتا ئامېرىكانىڭ باشقىلار بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

cecc-jeff-merkley-james-mcgovern-2022.jpg

جېف مېركىلېي مۇنداق دېگەن: «2022-يىللىق دوكلات كومىتېت ئەزالىرىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇ دوكلاتنىڭ تەپسىلاتلىرى ئامېرىكانىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى، بىزنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يېڭى تەيىنلەنگەن كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بىردەك ھەمكارلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ».

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، بۇ كومىتېتىنىڭ يەنە بىر قوشۇمچە رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا، تىبەت ۋە خوڭكوڭلىقلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملىق خاتىرلەپ ماڭىدىغانلىقى، شۇنداقلا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى»نى ئېيتقان.

جېيمىس مەكگوۋېرن بۇ كومىتېتنىڭ تۆنۈگۈنكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ دوكلاتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: «بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ياخشى قۇراشتۇرۇپ چىققان ۋە ساغلام مەنبەلەرگە تايانغان يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم دوكلات بولدى. بۇ دوكلات تەتقىقات خادىملىرىمىزنىڭ سانسىزلىغان جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېگەن.

بۇ دوكلات، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ 14-نويابىر كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە ئىككى دۆلەتنىڭ بىر قانچە يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جىددىي سۈركۈلۈشلىرىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىندى. پرېزىدېنت بايدېن شى بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ «ئوچۇق ۋە سەمىمىي» ئۆتكەنلىكى، ئامېرىكا -خىتاي ئارىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن ئ‍ىختىلاپتىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمىغانلىقى مەلۇم.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنى جاۋاپكار، دەپ خۇلاسە چىقىرىشىغا قارىتا ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقىي ئىشلار دېرىكتورى لۇئىسا گرېۋ 16-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «دۆلەت مەجلىسى خىتياي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنى جاۋاپكار، دەپ خۇلاسە چىقىشى شۇنى كۆرسىتىدۇ: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پىلانلىغان ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغان بىر ھاكىمىيەت بىلەن قانداقلارچە نورمال مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىشى كېرەك. خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچى بىلەن بولغان نورمال مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈش، مەبلەغ سېلىشنى توختىتىشقا دائىر نۇرغۇن كونكىرېت ھەرىكەت قوللىنىش ساھەلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن.»

لۇئىسا گرېۋ يەنە دوكلاتتا مۇساپىرلارنى قوغداش، شۇنداقلا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە مەدەنىيىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم، دەپ كۆرسەتتى. لۇئىسا گرېۋ مۇنداق دەيدۇ: «كېڭەش پالاتا ئەزاسى مېركىلېي خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، شۇنداقلا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى، پرېزىدېنت بايدىننىڭ كومىتېتقا تەيىنلىگەن ئەزالىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ، زىيانكەشلىكتىن قاچقانلارنى قوغداشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئ‍ۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى ئۇلار قوغداشقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە ياشايدۇ، ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق گۇۋاھنامە ئالالمايدۇ. ئۇلار بەزىدە ئ‍ۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشايدۇ. پەرزەنتلىرى مەكتەپكە بارالمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ كىشىلەرنى قوغدىشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 364 بەتلىك دوكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» نامىدا داۋاملىق مەجۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پەمىدۇرغا ئ‍وخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ ئىزچىل خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا، ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار، ئانالىزچىلار ۋە ژۇرنالىستلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ، شۇنداقلا يەنە بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان پامىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە بارلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 2021-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پاختا مەھسۇلاتلىرى داۋاملىق ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنماقتا ئىكەن.