ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر كىرىزىسى قايتا ئەسلىتىلدى
2022.11.16
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى يانۋاردا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئالغاندىن بۇيان بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەمما شۇنىڭدىن بۇيانقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كۆرۈلگەن بىر قاتار جىددىي ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام پائالىيىتى قاتارلىق ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن بىر مەھەل خەلقئارانىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق يېقىنقى مەزگىللەردە تەدرىجى ئانچە كۆپ تىلغا ئېلىنماس بولۇپ قېلىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»نىڭ ئەزالىرى 14-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى دۆلەت مەجلىسىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىنى ھەمدە باشقا ئالاقىدار تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىسمەتلىرىدىن مەلۇماتلىق قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»نىڭ ئەزالىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سۋازى (Thomas Suozzi) ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت رىچارد نىكسون (Richard Nixon) دەۋرىدىن بۇيان يېرىم ئەسىر داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن «خىتاي قۇدرەت تاپسا ۋە باي بولسا بىزگە ئوخشاش يولغا ماڭىدۇ» دەيدىغان ئومۇمىي چۈشەنچىنىڭ خاتا بولغانلىقى 2022-يىلىغا كەلگەندە مۇتلەق ئايدىڭلاشقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ رايونىدىكى قىلمىشلىرىنىڭ ئۆزى بۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنيا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە يۈرۈش قىلىۋاتقاندا خىتاينىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىشى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى سانائەتلەشكەن كۆلەمگە ئىگە قىلىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنىڭ بايراقدارى، دەپ قارىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەھشىلىكلىكلەرگە سۈكۈت قىلىشىغا تېخىمۇ سەۋەب يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس (Chris Smith) ئەپەندى كۈتۈلمىگەن ئورۇنلاشتۇرۇش تۈپەيلىدىن ئەسلىدىكى پىلان بويىچە يىغىنغا كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى پىرو توززى (Piero Tozzi)نى يىغىنغا ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قاراشلىرىنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى.
ئۇ كرىستوفېر سىمىس ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ قانۇنلارنى تولۇق ئىجرا قىلىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى خەلقئارا ئىنكاسلار ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ئىسلام دۇنياسىنى بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاشتىن ۋاز كەچتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، چۈنكى ب د ت نىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن شەكىلدە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ھازىر ھەممەيلەنگە، جۈملىدىن شى جىنپىڭغا ۋە خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسىگە مەلۇملۇق ئىكەنلىكىنى، قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپلىگەن تەبىرلىرىنىڭ ھازىر تولۇقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈكىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى توغرىسىدا يىغىن ئەھلىگە جانلىق مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ پائالىيەتلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «ھەدەمنى ئىزلەش يولىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسى كۆرسىتىلدى. شۇنىڭدەك ئۇزۇن يىللىق دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قىسمىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنىڭ جانلىق كارتىنىسى نامايەن قىلىندى.
مەزكۇر فىلىمنىڭ دىرېكتورى جاۋاد مىر (Jawad Mir) يىغىن ئەھلىگە ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ مۇشۇنداق بىر فىلىمنى ئىشلەشكە قىزىقىپ قالغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشتىكى رولى ھەققىدە قىسقىچە سۆز قىلدى.
شۇ قاتاردا روشەن ئابباسمۇ ئايرىم سۆز قىلىپ، ھەدىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرغا قامالغان مىليونلارچە ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ خىلدىكى مىليونلارچە ئىنسانلار ھەققىدە تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا چىقمىسا ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەرىقىدە قىرىلىپ تۈگەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ خىل زوراۋانلىقى چەكلەنمىسە، ئۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇھاكىمە باسقۇچىدا يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە شەكلەن كۆزگە چېلىقىۋاتقان «ئۆزگىرىش»لەرنىڭ پەقەت يۈزەكى ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە يوليورۇقى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيەتتە يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، چېن چۇەنگونىڭ يۆتكىلىپ كېتىشى ۋە ما شىڭرۇينىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا سېكرېتار بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى خاتا تەسەۋۋۇرلارغا ئەگىشىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ھەر ساھە كىشىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلار بويىچە سوئال سورىدى. مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرىمۇ تېگىشلىك يوسۇندا جاۋاب بەردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» 2021-يىلى 29-ئىيۇل كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سۋازى ۋە كرىستوفېر سىمىس ئەپەندىلەر ئالاھىدە ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىدى. ئۇلار شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى ھەرقايسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئاڭلىتىشتا ئەڭ مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە بۇ ھالنىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشى ئۈمىد قىلىنماقتا.