ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 15-نويابىر چاقىرىلغان تور گۇۋاھلىق يىغىنىدا، بۇ كومىتېتنىڭ قوشۇمچە رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلېي، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۇيرۇقىنى خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. جېف مېركىلېي بۇ سۆزلەرنى دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسىنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى ۋە ئاممىۋىي ساغلاملىققا بولغان ئىستىبدات كونتروللۇق» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە تەكىتلىگەن.
جېف مېركىلېي يىغىندا بۇ كومىتېتنىڭ 16-نويابىر ئېلان قىلىنىدىغان يىللىق دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، دوكلاتتىكى دەلىللەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۇيرۇقىنى خىتاي ئالى رەھبەرلىرىنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
جېف مېركىلېي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دوكلات خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە ئائىلىلەرنى پارچىلاش سىياسەتلىرىگە بىۋاستە بۇيرۇق بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىللەرنى ھۆججەتلەشتۈردى.»
مېركىلېي يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك نۇپۇسنى كونترول قىلىش سىياسىتى تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىكتۇر. تېخىمۇ كەڭ نۇقتىسىدىن ئالغاندا، سىياسەت ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش بولماسلىقى، قاچان ۋە قانداق پەرزەنتلىك بولۇش قارارلىرىغا ئارلاشماقتا.»
«خىتاينىڭ يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسىنى نۆلگە چۈشۈرىش سىياسىتى ۋە ئاممىۋىي ساغلاملىققا بولغان ئىستىبدات كونتروللۇق»ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنىدا، خىتاينىڭ يېقىنقى 100 كۈندىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش نامىدا يۈرگۈزگەن قامالى ۋە قامال كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن ئىزتىراپى خېلىدىن بېرى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشىدۇر. جېف مېركىلېينىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر جايىدا يۇقۇمغا قارشى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇق خىتايدىكىدەك بولۇپ باقمىغان.
جېف مېركىلېي مۇنداق دەيدۇ: «ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى ھېچقانداق بىر جايدا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى خىتايدىكىگە ئوخشاش <يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش> سىياسىتىدەك ئۇنداق ئىستىبدات خاراكتېرلىك بولۇپ باقمىدى. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بۇ سىياسەتتىكى تۆھپىنى كومپارتىيەنىڭ تۆھپىسىگە باغلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دائىرىلەر چېكىدىن ئاشقان ئاممىۋى بىختەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. دائىم مەجبۇرىي كارانتىن تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈپ، شەخسىي مەخپىيەتلىك، ھەرىكەت ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلدى ھەم قانۇن-تەرتىپكە ئەمەل قىلمىدى.»
مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا، خىتاينىڭ ئاممىۋىي ساغلاملىق، ئۇچۇرنى كونترول قىلىش، ئۇنىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈشتىكى ئىستىبداتلىق سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى.
يىغىندا «ئەركىنلىك سارىيى»نىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات دىرېكتورى ساراھ كۇك گۇۋاھلىق بېرىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل قامال قىلىنغانلىقىنى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى رايوندا ئاچارچىلىق پەيدا بولغانلىقى ۋە بۇنىڭ نارازىلىق قوزغىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى نارازىلىقلارنى دەرھال كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساراھ كۇك مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يىل كۈزدە شىنجاڭ، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلاشقان رايونلاردا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قاتتىق ۋە ئۇزۇن مەزگىل يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمنىڭ قامال قىلىشىغا شاھىت بولدى. ئادەتتە بۇ رايونلار خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشكە ئۇچرايدىغان بولۇپ، يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر توغرىسىدا نەق مەيدان ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش بەسى مۈشكۈلدۇر. شۇنىڭغا قارىماي، رايوندىكى خەلق توردا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەرنىڭ دەرھال تەقىپ قىلىشى ھەم ئاز سانلىق مىللەت ياكى خىتاي دېمەي تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىدى.»
يىغىنغا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھەقلىرىگە مەسئۇل مۇۋاققەت ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لىسا پېتېرسونمۇ قاتناشقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا بولغان سەلبىي تەسىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. ئۇ يىغىندا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقۇمغا قارشى قامالدا قانداق پەرقلىق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا سۇئال سورىدى.

ساراھ كۇك، لىسا پېتېرسوننىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ يەردە بولغان ئىشلاردا ئومۇمىي ھاكىمىيەت باشقۇرۇشى بەك قاتتىق ۋە ناھايىتى جىددىي، شۇنداقلا بەك كۈچلۈك. پروفېسسورلار بەزى نۇقتىلارنى ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بۇ جايدا ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق بوشلۇق بېرىلمەيدۇ. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى بەك كۈچلىنىپ كەتكەن. خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئاپاراتلىرى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا بەك ۋەھىمىلىك. بۇ ئامىللار، شۇنداقلا رايوندا يول قويۇلغان قاتتىق تەدبىرلەر ۋە چەكلىمە ھەتتە ئوخشاش بىر سىياسەتنىڭ بۇ رايوندا پەرقلىق ئىجرا قىلىنىشى، كىشىلىك ھوقۇققا سىستېمىلىق خىلاپلىق قىلىشنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى پەيدا قىلدى.»
يىغىندا تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ يەر شارى ساغلاملىق تەتقىقاتچىسى خۇاڭ يەنجوڭ گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمنى تىزگىنلەپ، ئۇنىڭ كەڭ كۆلەملىك يامرىشىنى توسۇغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىگە زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇاڭ يەنجوڭ مۇنداق دەيدۇ: «ھالبۇكى، خىتاينىڭ ۋىرۇسنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىگە زىيان سالدى. خىتاينىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ يۈرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدا بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان خەلق ئاممىسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمىدى. خۇددى 1980-يىللاردا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدەك، يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىمۇ بارلىق ۋاستىلار بىلەن مەجبۇرىي ئىجرا قىلىندى. »
خۇاڭ يەنجوڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ قامال سىياسىتى پۇقرالارنىڭ يېمەكلىك، تىببىي ياردەم ۋە باشقا زۆرۈر ئېھتىياجلارغا ئېرىشىشىگە توسقۇنلىق قىلىپلا قالماي، يۇقۇمدارلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىشىغىمۇ سەۋەب بولغان. خۇاڭ يەنجوڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قوپال تەدبىرلەرنى ئاقلاش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ خەتىرىنى داۋاملىق كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش قورقۇنچى كىشىلەردىكى ۋىرۇسنىڭ ساغلاملىق ياكى باشقا جاھەتلەردىكى تەسىرىگە بولغان ئەندىشە، خىتايدا يۇقۇمدارلار ۋە ئۇلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغان كىشىلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك كەمسىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا، تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارىدا بۇ يىل 1-ئاۋغۇستتىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامال سىياسىتىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا كېڭەيتىشكە كىرىشكەن بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، يەنى 13-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرنىڭ ئىكران يىغىنى چاقىرىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، ھەر قايسى جايلار كېسەلنىڭ «سىرتقا تارقىلىشىنى كونترول قىلىش، ئىچكىي قىسىمدا ئاكتىپ مۇداپىيە كۆرۈش ئومۇمىي ئىستىراتېگىيەسىدە تەۋرەنمەسلىك»نى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ «تېخىمۇ قەتئىي ۋە كەسكىن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشى»نى تەلەپ قىلغان ئىدى.