يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە سىياسەتشۇناس، خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتى بويىچە مۇتەخەسسىس كونستانتىن سىرويېجكىننىڭ دۆلەتكە خىيانەت قىلدى دېگەن ئەيىب بىلەن 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى.
«زاكون قازاقىستان» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «دۆلەتكە خىيانەت قىلغانلىقتا ئەيىبلەنگەن كونستانتىن سىرويېجكىننى 10 يىلغا ھۆكۈم قىلدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، كونستانتىن سىرويېجكىن مۇشۇ يىلى فېۋرال ئېيىدا قولغا ئېلىنغان ئىكەن. ئالمۇتا شەھەرلىك سوتىنىڭ ئاخبارات خىزمىتىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە، ئالمۇتا شەھىرىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە مەخسۇس رايونلار ئارا سوتىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئۇ 10 يىلغا كېسىلگەن. ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «سوت شۇنداقلا ئۇنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قىلدى. ھۆكۈم قىلىنغان كىشى جازاسىنى يۇقىرى بىخەتەرلىكتىكى جىنايى-ئىجرا قىلغۇچى تۈزۈم مەھكىمىلىرىدە ئۆتەيدىغان بولىدۇ. جازانىڭ ئاساسىي تۈرىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن جىنايەت نىزامنامىسىنىڭ 51-ماددىسى بويىچە كونستانتىن سىرويېجكىن مەجبۇرىي ھالدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى چېگراسىدىن چىقىرىلىدۇ، بۇ جەھەتتە مەزكۇر شەخسكە بەش يىلغىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىگە كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ»
«تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتىدا سىرويېجكىن ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمى توغرىسىدا سۆز بولدى» ناملىق ماقالىدە ھۆكۈمنىڭ 7-ئۆكتەبىردە چىققانلىقى، ئۇنىڭ 1956-يىلى تۇغۇلغان قازاقىستان پۇقراسى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. يەنە شۇ ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى ۋە سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى سىرويېجكىن 1995 ۋە 2000-يىللار ئارىلىقىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارىلىق ۋەزىپىسىنى ئىگىلىگەن ئىكەن. 1997-يىلدىن باشلاپ 2006-يىلغىچە بىر قاتار تەتقىقات مەركەزلىرىنى باشقۇرۇپ، ئاندىن قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كونستانتىن سىرويېجكىننىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى توغرىلىق دەسلەپكى مەلۇماتلار پەيدا بولۇشى بىلەن بىر گۇرۇپپا قازاقىستانلىق ئالىملار مۇشۇ يىلى ئەتىيازدا قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېفقا ۋە نازاربايېفقا مۇراجىئەت قىلغانىدى.
«ئىنفورمبيۇرو» ئاگېنتلىقىنىڭ 6-مايدا ئېلان قىلغان دانىيار ئادىلبېكوفنىڭ «ئالىملار خىتايشۇناس كونستانتىن سىرويېجكىننىڭ يوقاپ كېتىشى سەۋەبىدىن توقايېفقا مۇراجىئەت قىلدى» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ مۇراجىئەتكە 40 ئادەم ئىمزا قويغان. ئۇلار ئالىمنىڭ مەخسۇس ئورگانلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، سىرويېجكىننىڭ كەسىپداشلىرى ۋە ژۇرنالىستلار مۇشۇ يىلى فېۋرال ئېيىدىن تارتىپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەن. مۇراجىئەتتە ئالىمنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى خىزمىتى، يەنى 30 يىللىق ئىلمىي پائالىيىتى ئاتاپ ئۆتۈلگەن. سىرويېجكىن خىتاي ھەم ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي سىياسىتىگە، شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيا ۋە قازاقىستاننىڭ سىياسىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورى ئىكەن. شۇنداقلا سىرويېجكىننىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان كەلتۈرىدىغانلىقى ھەمدە تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ گويا «ئىشپىيونلۇققا» باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى توغرىلىق ئاخباراتنىڭ تارقىلىشى قازاقىستاننىڭ ئابرۇيىغىمۇ دەخلى يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى.
«ئازادلىق» رادىئوسى ئېلان قىلغان «ئېل بېشى قولىدىكى باش قارتا. كۆزەتكۈچىلەر سىرويېجكىن ھۆكۈمى ھەققىدە» ناملىق ماقالىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان پىكىرلىرى ئورۇن ئالغان. مەسىلەن، ژۇرنالىست ئەمىرجان قوسانوف بۇ ئىشنىڭ مەخپىيلىكىنىڭ بەزى پاكىتلارنى ئېنىقلاشقا مۇمكىنچىلىك بەرمەيۋاتقانلىقىنى، مەسىلىنىڭ كۆپىنچە سىرويېجكىننىڭ ئىلمىي پائالىيىتى بىلەن زىچ باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قازاقىستاننىڭ خىتايدىكى سابىق ئەلچىسى مۇرات ئەۋېزوفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان جامائىتى سىرويېجكىننىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېنىق قانداق ئەيىب قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى شەرت ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئالتېرناتىۋا» مۇھىم تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئاندرېي چېبوتاريوف بۇ مەسىلىدە تۈرلۈك تەخمىنلەرنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىككى پىكرىم بار. مۇمكىن ئۇ قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر تەتقىقات يۈرگۈزۈش جەريانىدا قازاقىستاندىكى بەزى تەسىر-ئىناۋىتى بار گۇرۇپپىلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە توغرا كېلىپ قالغان بولۇش كېرەك. مەن ئېنىق قانداق گۇرۇپپىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتالمايمەن. بىزدە خىتاي بىلەن بولغان، مەسىلەن، نېفىت مەسىلىسىدە ئۆز مەنپەئەتلىرىگە ئىگە گۇرۇپپىلار بار. مۇمكىن ئۇ بىرەر مەخپىيلىكنى ئاشكارىلاپ قويغاندۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت بىخەتەرلىك كومىتېتىدا ئىشلەپ، ئاندىن ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ قازاقىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىمۇ ۋەزىپە ئالغان بولۇشى ئېھتىمال. مۇمكىن بۇ يەردە شۇ ئورگاننىڭ ھەر خىل رەھبەرلىرى بولغانلار ئارىسىدا، گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار بولغان بولسا، سىرويېجكىن شۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ مېنىڭ پەقەت شەخسىي تەخمىنلىرىم.»
كونستانتىن سىرويېجكىننىڭ 1986 ۋە 1992-يىللار ئارىلىقىدا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەنلىكى، شۇنداقلا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆز تەتقىقاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي سىياسىتى مەسىلىلىرىنىمۇ تەتقىق قىلغانلىقى مەلۇم.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن خىتايشۇناس ئالىم. شۇنداق تۇرۇپ، چوڭ لاۋازىملاردا ئىشلىگىنىدە داۋاملىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىبلەش، مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارغا بوھتان چاپلاپ كەلگەن ئالىم. شەخسەن مەن ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ رەددىيەمنى 2009-يىلى ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسىدىن كېيىن ئالمۇتادا ›دودا‹ بەس-مۇنازىرە مەيدانىدا پاكىتلار بىلەن بەردىم، يەنى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. شۇ سەۋەبتىن بۇ سوتنىڭ قارارى ھەقلىق، مۇنداق ئېيتقاندا، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قارغىشى يەتتى.»
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، سىرويېجكىن مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار ئىكەن. «قازاق ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇپ، مۇشۇنداق قارار ئالغان. خىتاي تەرەپ خېلى قارشىلىق كۆرسىتىدۇ ئۇنىڭغا. يەنى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز خىتايغا ئېنىق سىگنال بېرىۋاتىدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ يىلى ئىيۇل ئېيىدا ب د ت غا ئەزا 22 غەرب دۆلىتى ئىمزالىق مەكتۇپ ئارقىلىق خىتاي دارىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان تەقىبلەش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە باشلىق 37 دۆلەت ئەكسىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا قازاقىستاننىڭ بۇ تىزىملىكتە يوقلۇقى ئاشكارىلاندى.
كونستانتىن سىرويېجكىن بىر قاتار چوڭ ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇنىڭ «خىتايدىكى قازاقلار: ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتى»، «ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنى»، «خ خ ج دا ئېتنىكلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى: نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت»، «خىتايدىكى ئېتنىك بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئەپسانىلىرى ۋە ھەقىقىتى» ناملىق ئەمگەكلىرىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئورنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرىشى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر يورۇتۇلغان. مەزكۇر ئەمگەكلەر كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا نارازىلىق ۋە سەلبىي كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم.