شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «قارا، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» خىزمەت گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى يىغىن ئېچىپ، يىلدا بىر نۆۋەت ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ دولقۇننى يەنە قوزغىغان. بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا «قايتا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى بايقاش ۋە ئۇنى جازالاش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2016-يىل «قايتا تەكشۈرۈش»، «ئارقىغا قاراش ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تەتقىقات ساھەسىدە ئىلگىرىكى يىللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن مەسىلە تېپىش ۋە ئاپتورلىرىنى جازالاش شەكلىدە ئىجرا بولغان.
بىز بۇ زەربە دولقۇنىنىڭ، بولۇپمۇ «قايتا تەكشۈرۈش» نىڭ قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە تېلېفون قىلدۇق. كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەت بىناسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ساقچى خادىمى، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» دولقۇنى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن بۇ جىددىي ۋەزىيەتتە، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىشنىڭ ئاساسلىق نىشان بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «قارا، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» باشقا ئۆلكىلەردە ئاساسلىقى جەمئىيەتتىكى قارا گۇرۇھ ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى نىشان قىلغان بولسا، ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەندە ئاساسلىقى سىياسىي ساھەدىكى كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار، دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى نىشان قىلغان. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، 2021-يىلدىكى بۇ دولقۇندا، خوتەندە قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش دولقۇنىدا، «مىللىي بۆلگۈنچى» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلەر» نى قانات ئاستىغا ئالغان رەھبىرى كادىرلارنىڭ «قارا كۈچ» دەپ بېكىتىلگەنلىكى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
كورلىدىكى مەزكۇر ساقچىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر دولقۇن باشلانغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 76 نەپەر «قارا كۈچ» نىڭ «جىنايىتى» نىڭ خاراكتېرىنى بېكتىپ بولغان؛ ئەمما بۇلارغا قانداق جازالارنىڭ بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ئىلگىرىكى «قايتا تەكشۈرۈش» ھەرىكەتلىرىدە، نۆۋەت ئادەتتىكى پۇقرالارغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ 10-20 يىل بۇرۇن قېتىلغان دىنىي پائالىيەتلىرى «قانۇنسىزلىق» دەپ بېكىتىلىپ ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. «قەشقەر كوناشەھەر ساقچى ئارخىپلىرى» دە خاتىرىلىنىشىچە، 10 نەچچە يىل بۇرۇن دادىسى ياكى بوۋىسىدىن ئۆگەنگەن قۇرئان ساۋادلىرىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ پاكىتى قىلىنغانىدى.
بۇ قېتىمقى «قارا، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» دولقۇنىدا تەشەببۇس قىلىنغان «قايتا تەكشۈرۈش» نىڭ ئادەتتىكى پۇقرالارغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياكى قىلىنمايۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.