خىتاينىڭ ئىلگىرى تاجسىمان ۋىرۇسنى بىئولوگىيەلىك قورالغا ئايلاندۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.05.09
خىتاينىڭ ئىلگىرى تاجسىمان ۋىرۇسنى بىئولوگىيەلىك قورالغا ئايلاندۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى مەلۇم ئاۋسترالىيەلىك ژۇرنالىست شاررى ماركسون كورونا ۋىرۇسى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان «ۋۇخەندە زادى نېمە بولدى» ناملىق كىتاب.
Social Media

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېرىشكەن بىر قىسىم ھۆججەتلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھەربىي ئالىملىرى COVID-19 تارقىلىشتىن بەش يىل بۇرۇن SARS تاجسىمان ۋىرۇسنى بىئولوگىيەلىك قورالغا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئىكەن.

«ئاۋسترالىيە ھەپتە ئاخىرى گېزىتى» نىڭ كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە يېقىندا نەشر قىلىنىدىغان بىر پارچە كىتابتىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلەرنى 2015-يىلى قولغا چۈشۈرگەن.

«ۋۇخەندە زادى نېمە بولدى» ناملىق بۇ كىتابنى ئاۋسترالىيەلىك ژۇرنالىست شاررى ماركسون كورونا ۋىرۇسى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، كىتاب يېقىندا نەشردىن چىقىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھۆججەتلەر خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى SARS تاجسىمان ۋىرۇسنى بىئولوگىيەلىك قورالغا ئايلاندۇرۇش ھەققىدە يازغان «سارسنىڭ بىنورمال مەنبەسى ۋە بىئولوگىيەلىك قورال سۈپىتىدىكى سۈنئىي ۋىرۇسنىڭ يېڭى تۈرلىرى» ناملىق بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسىدىن ئېلىنغان ئىكەن.

ماقالىدە «3-دۇنيا ئۇرۇشى» نىڭ بىئولوگىيەلىك قوراللار بىلەن قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ماقالىدە سارس تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى گېن قوراللىرى» دىن بېشارەت بەرگەنلىكى، بۇنى «سۈنئىي ئۇسۇلدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىنسان كېسەللىكلىرى ۋىرۇسىغا ئۆزگەرتىپ، ئاندىن ئۇنى قورالغا ئايلاندۇرۇپ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە تارقىتىش» قاتارلىق مەزمۇنلار كۆرسىتىلگەن.

ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لى فېڭ، شۇنداقلا شىئەن ھاۋا ئارمىيەسى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئالىم ۋە قورال مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىق خىتاينىڭ بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئاممىۋى سەھىيە ۋە ھەربىي ئەربابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«ئاۋسترالىيە ھەپتە ئاخىرى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۆججەتنىڭ ساختا ئەمەسلىكى رەقەملىك ئەدلىيە دەلىل-ئىسپاتلىرى مۇتەخەسسىسى روبېرت پوتتېر تەرىپىدىن دەلىللەنگەن.

2002-يىللىرى خىتايدا سارس ۋىرۇسى تارقىلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋۇخەن ۋىرولوگىيە ئىنستىتۇتىدا خىتايدىكى تۇنجى 4-دەرىجىلىك بىئولوگىيەلىك بىخەتەرلىك تەجرىبىخانىسى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئىكەن.

كورونا ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ مەزكۇر بىئولوگىيەلىك بىخەتەرلىك تەجرىبىخانىسىغا يېقىن ۋۇخەن شەھىرىدە تارقالغان. ۋىرۇس تىز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنياغا يامراپ 158 مىليونغا يېقىن ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 3 مىليون 300 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.

مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەنبەسى ھەققىدىكى تالاش تارتىشلار ھەرخىل بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەھقىقلىگۈچىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋۇخەندە بىر ئاي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

ئەينى چاغدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەتقىقاتچىلىرىغا كورونا ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى يۇقۇمىغا ئائىت مەلۇماتلارنى بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ۋە سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ توسالغۇسىز بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.