نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭىدىن20 دىن ئارتۇق كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىشى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى يېقىندا ئەلچىخانا دائىرىسىگە 20 دىن ئارتۇق كۆزىتىش كامېراسىنى يېڭىدىن ئورناتقان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ ۋەقە نورۋېگىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تالاش-تارتىش قىلىنىپ، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنكاس بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولغان.
نورۋېگىيەدىكى مەشھۇر «ABC خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئوسلودىكى نازارىتى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى خەۋەرلەندۈرمەي تۇرۇپلا ئۆز ئالدىغا بۇنداق نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشى خاتا ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئەتراپىدىكى بىر يەرلىك ئاھالە بۇ ئەھۋالنى نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا شىكايەت قىلغان. نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە خىتاي ئەلچىخانىسى يېڭىدىن ئورناتقان بۇ كامېرالارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا ئارىلىق تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى، بەلكىم بۇ كامېرالارنىڭ يەنە چىراي تونۇش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش رولى بارلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇنداق كامېرالارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەتراپتىكى ئاممىغا بېسىم ۋە تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن. نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىنى نورۋېگىيە دىگىتال نازارەت ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشىغا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، تىپىك بىر «ساقچى دۆلىتى» پەيدا قىلغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ سۆز تېمىسى بولۇۋاتقان بىر چاغدا خىتاينىڭ ئوسلودىكى ئەلچىخانىسىدىمۇ بۇ خىل نازارەت سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
«خىتاينىڭ ئوسلودىكى نازارىتى» ناملىق ماقالىدا تەكىتلىنىشىچە، ئوسلودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن بولۇپ، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادىلجان ۋە ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق بۇ ئەلچىخانا ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزلىرىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن ۋە ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغاندا ئەتراپتا كامېرالارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى سېزىپ، بۇنى دەرھال نورۋېگىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان ئىكەن.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېڭىدىن ئورنىتىلغان ئىلغار تىپتىكى 2 دانە كامېرا دەل ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىدىغان ئورۇنغا توغرىلانغان بولۇپ، بۇ كامېرالارنىڭ چىراي تونۇش، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئوسلودا ياشايدىغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى بايقىغاندا دەرھال ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى لازىملىقىنى تىلغا ئالدى.
خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى مەسىلىسى بۈگۈن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت دا دىققەت تارتقان، خەلقئارا جامائەتچىلىك ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىدۇر. ئامېرىكا ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق كامېرالارنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ھەسسىلەر قاتقان «داخۇا»، «خىكۋىزيون» قاتارلىق 8 شىركىتىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ئىدى. بۇ مەسىلە تېخى ئالدىنقى ھەپتىلا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جەنۋەدە چاقىرىلغان «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ناملىق يىغىندا نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دىگىتال نازارەت سىستېمىسىنى ئۇيغۇر رايونىدا سىناقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە يولغا قويۇشقا باشلىغان. ھازىر جەمئىي 18 دۆلەت بۇ خىل تېخنىكىنى خىتايدىن كىرگۈزۈپ ئىشلىتىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00