ئەنگلىيەلىك پائالىيەتچى ۋە LBC (Leading Britain's Conversation) رادىيو قانىلىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ماجىد ناۋاز «ئاچلىق ئېلان قىلىش» ئارقىلىق «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا جازا يۈرگۈزۈلسۇن» ناملىق مۇراجىئەتنامىنى ئېلان قىلغان. 5 كۈن ئىچىدىلا، يەنى 19-ئىيۇل كۈنى بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى 100مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «ماگنىتسكىي قانۇنى» نى يولغا قويۇش مەسىلىسىنىڭ مۇنازىرىگە قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان.
بۇ مۇراجىئەتنامىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولاش، يۇقىرى دەرىجىدە نازارەت قىلىش، دىنىي ۋە ئېتنىك كىملىكىنى چەكلەش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەدندىچىلىكىگە قارشى ئەنگلىيەدە ئاللىبۇرۇن ماقۇللانغان «ماگنىتسكىي قانۇنى» نى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا چاقىرىلغان.
مۇراجىئەتنامىدە، 2019-يىلى ئۆكتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 23 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە بېسىم قىلغانلىقى، مۇشۇنىڭدەك باياناتلار بېرىلىۋاتقان ۋە كىشىلەرنىڭ تونۇشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كرىزىسنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا كونكرېت ياردەم قىلىنمىغانلىقى ئەيىبلەنگەن.
ھازىرقى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى 123 مىڭدىن ئاشقان. ئەنگلىيە قانۇنىغا ئاساسەن ئەنگلىيە پارلامېنتىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىمزاغا ئېرىشكەن بارلىق ئەرزىيەتلەر مۇنازىرىگە قويۇلىدىكەن.
ماجىد ناۋاز ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەدە ئالاھىدە بىر قانۇن بار، ئەگەر ھۆكۈمەت تور بېتىدە قىلىنغان مۇراجىئەتنامىلەرگە ئىمزا قويغان كىشىلەرنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشسا، ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا مۇنازىرىگە قويۇشى كېرەك. كۆزىتىشىمچە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەنگلىيەدە يېتەرلىك دەرىجىدە ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تارتمايۋاتىدۇ. پارلامېنت ئەزالىرى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا، بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلەشكە قىستىدىم. سۆزلەشكە قىستاشنىڭ يولى ئۇلارنى پارلامېنتتا ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرىلىشىشكە چاقىرىش».
ماجىد ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ مۇراجىئەتنامەنى ئىمزالىغانلارنىڭ سانى 100مىڭغا يەتكۈچە ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ فەيسبۇك، تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ۋە رادىيو قانىلىدىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقاتقان. دۇنياغا داڭلىق يازغۇچىلار، مۇخبىرلار ماجىد ناۋازنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەسىلەن دۇنياغا داڭلىق «خاررى پوتتېر» فانتازىيەلىك يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىنىڭ يازغۇچىسى ج ك رولىڭ، ماجىد ناۋازنىڭ «دۇنيا ئازراق سۆيگۈگە موھتاج، مەن ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تىنچ ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن»، دېگەن تۋىتتىر مۇراجىئەتىنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق ماجىد ناۋازنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. رولىڭ خانىمنىڭ تۋىتتىردا 14 مىليون 300مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئىجتىمائىي تەسىرى كۈچلۈك بولغان ماجىد ناۋازغا ئوخشاش شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھەر ئېقىمدىكى ئەقىل-پىكىر ساھىپلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشى ئىستراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە». ئۇ يەنە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەسى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاۋازىدىن ئايرىلالمايدىغانلقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر نۇرغۇن تەدبىرلەر ئېلىندى. ئامېرىكانىڭ ئىتتپاقداشلىرى بولغان، كانادا ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەردە خەلقنىڭ ئاۋازى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ھازىر دېموكراتىك دۆلەتلەردە خەلق ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ».
ماجىد ئەپەندى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھازىرغىچە سۈكۈتتە تۇرۇشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «مەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمەن. ئۇ دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زۇلۇم كۆرۈۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلارغا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئېنىقكى ئۇلار خىتاينىڭ پۇلىغا قاراشلىق. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سالغان مەبلىغىگە، بىر بەلبەغ بىر يول پىلانىدىكى پروگراممىلىرىغا ئېھتىياجلىق».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە ماجىد ئەپەندى ھەر يەكشەنبە كۈنى بېرىدىغان رادىيو پروگراممىسىنى بۇ قېتىم، 19-ئىيۇل لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا فەيسبۇكتىن نەق مەيدان تارقاتقان. پروگراممىغا رەھىمە مەھمۇت خانىم تېلېفون ئارقىلىق قاتناشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى رادىيو پروگراممىسىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ماجىد ئاچلىق ئېلان قىلىش جەريانىدا ھەتتا گەپمۇ قىلمىغان بولغاچقا ماڭا ئايالى تېلېفون قىلدى. مەن تېلېفوندا باياناتىمىنى ئوقۇدۇم. نەق مەيداندا مۇراجىئەتنامىنىڭ ئىمزالىنىش ئەھۋالىمۇ بېرىلىپ تۇردى. ئىمزا سانى ناھايىتى تېز كۆپەيدى ۋە مەن باياناتىمىنى ئوقۇۋاتقاندا 100 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىدى».
نۇرى تۈركەل ئەپەندى يېقىندىن بۇيانقى ئامېرىكادا ۋە باشقا دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى ئاۋازلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ۋە يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى قىلمىشلىرىدىن تېنىۋالىدىغان، باشقىلارغا دۆڭگەيدىغان ئادىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. خىتاينىڭ سىياسىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مەسىلە تۇغدۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز».
ئۇ يەنە ئاخىرىدا خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ، تۈرمىلەرگە تاشلىشى، ئەر-ئاياللارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، بالىلىرىنى بالىلار لاگېرلىرىغا سولىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە دۇنيا جامائىتىگە سوئال قويدى: «خىتاي كۈندىن كۈنگە ھەددىدىن ئاشتى. ئىنسان قېلىپىدىن چىقتى. ھېچقانداق بىر شەكىلدە خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشىلىق قىلىپ باقمىغان بىگۇناھ خەلق لاگېرلاردا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىدۇ، بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟».
ماجىد ناۋاز ئەنگلىيەدە پاكىستانلىق مۇسۇلمان ئائىلىدە تۇغۇلغان. ماجىدنىڭ ئېيتىشىچە كىچىكىدىن ئىرقى ۋە دىنى كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان. 15 ياشقا كىرگەن يىللىرى بوسنىيە قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە شاھىت بولغان ۋە ئىنساننىڭ تەن رەڭگى ئاق ياكى قارا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ئېزىدىكەن، دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
شۇنىڭدىن كېيىن قەلبىدە ئىرقىي كەمسىتىلىشكە قارشى ۋە كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ئېزىدىغان دۇنياغا قارشى تۇرىدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن.
ئۇ ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشىدىن نەپرەتلىنىمەن، مانا بۇ مېنىڭ خاراكتېرىم».
2019-يىللىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بىلەن تونۇشۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقى قوزغالغان ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارىتىلىپ چىقىرىلغان «بۇ ئەمدى قايتىلانمىسۇن» دېگەن شوئار بويىچە، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا كىرىشكەن.
0:00 / 0:00