گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» غا قارشى نامايىش نەتىجىسىنى كۆرسەتتى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدە خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» لىرىنى تاقاش سادالىرى داۋاملاشماقتا.

گېرمانىيەنىڭ ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن 29-ئىيۇل كۈنى شەھەر مەركىزىدە «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» غا قارشى يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۈنگۇڭچىلار، يەرلىك گېرمان پۇقرالىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ مەلۇم نىسبەتتە كىشى قاتناشقان.

نۆۋەتتە گېرمانىيەنىڭ ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش مەقسىتىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇش، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە دائىر تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىش ۋە مەكتەپنىڭ تەشۋىقات دوسكىلىرىغا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك شوئارلارنى يېزىپ، ئۆز ھېسسىياتلىرىنى نامايان قىلىشتەك تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى پات-پات كۆزگە چېلىقماقتا.

ئىنگولشىتات شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە «كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا بېرىلىۋاتقان پۇلنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى توختىتىش كېرەكمۇ؟» دېگەن مەسىلە رەسمىي تالاش-تارتىش قىلىنغان ۋە ئاۋازغا قويۇلغان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 29-ئىيۇل، گېرمانىيە.
ئىنگولشىتات شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە «كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا بېرىلىۋاتقان پۇلنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى توختىتىش كېرەكمۇ؟» دېگەن مەسىلە رەسمىي تالاش-تارتىش قىلىنغان ۋە ئاۋازغا قويۇلغان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 29-ئىيۇل، گېرمانىيە.

د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرىگە چىدىمىغان، خىتاينىڭ ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىدىن غەزەپلەنگەن بىر بۆلۈڭ گېرمان ئوقۇغۇچىلىرى ئىلگىرى مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق باش شتابى بىلەن ئالاقىلىشىپ «بىز سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دېگەن سوئالنى قويغان ۋە تەكلىپلەر قاتارىدا «سىلەر ھېچبولمىسا ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆز يۇرتۇڭلاردىكى خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تاقىيالايسىلەر» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن. ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن. ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشماقتا. ئۇلار بۇ شەھەردىكى خىتاينىڭ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» لىرىنى تاقاش مەقسىتىدە ئىلگىرىمۇ نامايىشلار ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

29-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، جازا لاگېرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى، خىتايغا قارشى تۈرلۈك تەشۋىقات ۋىۋىسكىلىرى ئىشلىتىلگەندىن تاشقىرى، «كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا پۇل بېرىش توختىتىلسۇن!»، «خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى قوللىمايلى!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارمۇ قوللىنىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ جايدىكى خىتاينىڭ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» غا يىلدا 40 مىڭ ياۋرو پۇل ياردەم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىنگولشىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھۆكۈمەتتىن بۇ پۇلنى خىتايلارغا بېرىشنى دەرھال توختىتىپ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى تاقاشنى، بۇ پۇلنى مىليونلىغان ئاۋازسىز ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان د ئۇ ق غا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

29-ئىيۇلدىكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەت ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» لىرىنى تاقاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىشمۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان. نامايىشقا 9 تەشكىلات ۋەكىل قاتناشتۇرغان. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھىلالىدىن ئەپەندىمۇ بۇ نامايىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، نامايىشقا گېرمانىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان بەزى پارتىيەلەرنىڭ بۇ شەھەردىكى ئەزالىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق خادىمى ئەركىن زۇنۇنمۇ بۇ نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

زۇمرەت ئۇيغۇرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شۇ مەزگىلدە شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە «كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا بېرىلىۋاتقان پۇلنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى توختىتىش كېرەكمۇ؟» دېگەن مەسىلە رەسمىي تالاش-تارتىش قىلىنغان ۋە ئاۋازغا قويۇلغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى پۇل بېرىشنى توختىتىشقا، 22 نەپەر ئەزاسى پۇلنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئاۋاز بەرگەن. نەتىجىدە، «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» غا پۇل بېرىشنى توختىتىش تەرەپدارلىرى غەلىبە قازانغان. نامايىش رولىنى كۆرسەتكەن، نەتىجىگە ئېرىشكەن. نامايىشچىلار مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ مەقسىتىگە يەتكەن.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 29-ئىيۇل بۇ ھەقتە دەرھال «تالاش-تارتىش ئىچىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى: ھۆكۈمەت مەبلەغنى توختاتتى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ ئاخىرى ھەل بولغانلىقىنى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» غا بېرىۋاتقان پۇلنى دەرھال كەسكەنلىكىنى ھەمدە 2020-يىلى ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭمۇ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.