كۈرەش كۈسەن زامانىمىزدىكى ئوت يۈرەك سەنئەتكار، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن پائالىيەتچى ۋە سكاندىناۋىيە ئەللىرىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ 2006-يىلى 47 يېشىدا بۇ دۇنيادىن كەتتى. خۇددى شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق داستانىدىكى «يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن، كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن» دېگەن مىسرالىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، كۈرەش كۈسەننىڭ جىسمى يات تۇپراققا كۆمۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوتلۇق قەلبى ۋەتىنىگە كۆمۈلدى.
ئۇ ھايات ۋاقتىدا يىراقتىكى ۋەتىنى ھەققىدە ئاجايىپ يالقۇنلۇق خىتابلارنى ۋە جەڭگىۋار كۈيلەرنى ياڭراتقان ئىدى.
شۇنداق، مەرھۇمنىڭ جىسمى بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن قويۇلغان كۈرەش ئىرادىسى ھېلىھەم ئۇنىڭ يالقۇنلۇق مىسرالىرىدا، ۋەتەن ئىشقىدا ئۇرۇلغان دۇتارلىرىنىڭ تارلىرىدا ياڭرىماقتا.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى شۇنچە ئۇزۇن يىللاردا ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى ۋە ئوتلۇق نىدالىرى تارىم ئويمانلىقىدىن ياۋروپا قىرغاقلىرىغىچە بولغان ئۇزاق يەرلەردە ياڭراپ تۇردى. خۇددى ئۇ ئۆزىنىڭ «كۈرەش ئۆلمەيدۇ» دېگەن ناخشىسىدا ئېيتقىنىدەك، «كۈرەش ئۆلمىدى ھەم ئۆلمەيدۇ! . . .»
2006-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مەرھۇم كۈرەش كۈسەن 47 يېشىدا شىۋېتسىيەدە قازا قىلغاندا ئۇنىڭ ئايالى بەختىگۈل رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ بارلىقىنى، تۇيۇقسىز كەلگەن ئەجەلنىڭ ئۇنى ۋاقىتسىز ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقى يېقىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭ يوقلۇقىدىن شەكىللەنگەن بىر بوشلۇقنى ھامان ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ يوقلۇقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا، بولۇپمۇ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رەسمىي بىلىندى. كۈرەش كۈسەن ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان مەسلەكداشلىرىدىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ماھىنۇر ھەسەنوۋا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنى چوڭقۇر سېغىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ قىسقىغىنە ئۆمرىدە قالدۇرغان شۇنچە كۆپ مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى كۈرەشكە، بىرلىككە ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدكە يېتەكلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەرھۇم كۈرەش ئۆزىنىڭ «شېھىتلار ئۆلمەيدۇ» ناملىق ناخشىسىدا ۋەتىنى، مىللىتى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلارنىڭ جىسمى ئۆلسىمۇ، ئەمما روھىنىڭ ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.