مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلاردىن بىرى شوپۇر ئابدۇلئەزىز ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.04.26
Shopur-Abdueziz-02.jpg مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ شوپۇر ئابدۇلئەزىز (سېرىق چەمبەر ئىچىدىكى كىشى) ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
Social Media

مەشھۇر لاگېر سۈرىتى، يەنى لوپ ناھىيەلىك «تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ يىغىن مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتتىكى 5‏-رەتتە ئولتۇرغان تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ لوپ ناھىيەلىك ئەمگەك سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ شوپۇرى ئابدۇلئەزىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىدارىدىكى ئالاقىدار بىر خادىم شوپۇر ئابدۇلئەزىزنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەندىن كېيىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدە، يەنى لوپ ناھىيەلىك ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ يىغىن مەيدانىدىن تارتىلغان فوتو سۈرەتتىكى 5 ‏-قاتاردا ئولتۇرغان تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ شوپۇر ئابدۇلئەزىز ئىكەنلىكى چەتئەلدىكى لوپلۇق بىر مۇھاجىر تەرىپىدىن تونۇۋېلىندى. تونۇۋالغۇچىنىڭ رادىئومىزغا گۇۋاھلىق بېرىشىچە، ئابدۇلئەزىز ئەسلى لوپ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ئۇ لاگېرغا ئەكىتىلىشتىن بىرقانچە يىل بۇرۇن ناھىيەلىك ئەمگەك سۇغۇرتىسى ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەن ئىكەن. لوپ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئالاقىدار خادىملار تۇتقۇندىكى بۇ شوپۇر ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. لوپ ناھىيەلىك رادىيو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمىمۇ شوپۇر ئابدۇلئەزىز ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئابدۇلئەزىزنى سۈرەتتىن تونۇۋالغان لوپلۇق مۇھاجىرنىڭ ئۆز ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق ئىگىلگەنلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، 20 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت تارىخىغا ئىگە بولغان ئابدۇلئەزىز لاگېرغا ئەكىتىلگەندىن كېيىن ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسى ئۇنى خىزمەتتىن ھەيدىگەن. لوپ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شوپۇر ئابدۇلئەىزىزنىڭ خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكى ئۇچۇرىنى ئىنكار قىلدى. ئەمما ئەمگەك سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمى ئابدۇلئەزىزنىڭ خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىك ئۇچۇرىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ ئىدارىدىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر يالغۇز ئابدۇلئەزىزلا ئەمەس ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر ئىچىدە ئابدۇئەزىزدىن باشقىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭمۇ لاگېرغا ئەكىتىلگەن ياكى ئەكىتىلمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

لوپلۇق مۇھاجىرلاردىن بىرىنىڭ ئاڭلىغانلىرى ۋە سۇنئىي ھەمرا رەسىملىرىدىن كۆزەتكەنلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، لوپ بازار ئىچىدە ئاز دېگەندە ئىككى ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرى بار بولۇپ، بۇلاردىن بىرى «بېىجىڭ سانائەت رايونى» دەپ ئاتالغان تەرەققىيات رايونىدىكى سېمونت زاۋۇتىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە بىرسى شۇ رايوندىكى 1 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىغان جايلاشقان ئىكەن. بۇ يىل 50 ياشلار ئۆپچۈرىسىدە بولغان شوپۇر ئابدۇلئەزىز ئەنە شۇ 1 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بۇيان سولىنىپ ياتماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان ئامېرىكالىق بىر مۇخبىرنىڭ لاگېرلار ھەققىدە قەشقەردىن مەلۇمات بېرىشىچە، دائىرىلەر تەكشۈرىگۈچىلەرگە پەقەت 20 ياش بىلەن 40 ياش ئارىسىدىكى ئاتالمىش «ئوقۇغۇچىلار» نىلا كۆرسەتكەن. يەنى لاگېردا 14 ياشلىق ئۆسمۈردىن تارتىپ 80 ياتىن ئاشقان بوۋاي-مومايلارنىڭمۇ بارلىقىدەك رېئاللىقنى يوشۇرغان. بىز بىرقانچە كۈندىن بېرى خەۋىرىنى بېرىۋاتقان مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىن تونۇۋېلىنغان تۇتقۇنلاردىن 3 نەپىرىنىڭ يېشى 45 بىلەن 60 ياش ئارىسىدادۇر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.