يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىستانبۇلدىن چاقىرتىلىپ غۇلجىدا سولاپ قويۇلغانلىقى ئاشكارا بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.06.18
Hesenjan-Abdulla-01.jpg زىرائەت گېنى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور ھەسەنجان ئابدۇللا ئوغلى بىلەن بىرگە. 2017-يىلى يانۋار. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سولاش بىلەن تەھدىت سېلىپ ئۇلارنى قايتىپ بېرىشقا زورلىغانلىقى بىر-بىرلەپ ئاشكارا بولماقتا. بۇلاردىن بىرى، ئىستانبۇلدا ئائىلىسى بىلەن ياشاۋاتقان زىرائەت گېنى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور ھەسەنجان ئابدۇللا بولۇپ، ئۇنىڭغا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېلېفون قىلىپ، ئەگەر غۇلجىغا قايتىپ كەلمىسە ئاكىسى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سولاپ قويىدىغانلىق بىلەن تەھدىت سالغانلىقى، ئەمما ئۇ قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنى لاگېرغا سولاپ قويغانلىقى ئاشكارا بولدى.

پروفېسسور ھەسەنجان ئابدۇللانىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئايالى تولۇنئاي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەسەنجان ئابدۇللا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ، ئۇلارنىڭ غۇلجىدىكى ئاكىسىغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىستانبۇلدىن غۇلجىغا بارغان ئىكەن بىراق ساقچىلار ھەسەنجاننى تۇتۇپ، پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ قاماپ قويغان. ھەسەنجاننىڭ ئايالى تولۇنئاي خانىم تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ ئۇ ئەزىز مۇستاپا ئىسىملىك 10 ياشلىق ئوغلى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشايدىكەن. 

تولۇنئاي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يولدىشى ھەسەنجان 2015-يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەسەنجان كۈنەسنىڭ ئارالتۆپە دېگەن رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى بىر ئىلمىي تەتقىقات ئىدارىسىدە 32 يىل خىزمەت قىلىپ، 2015-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان ئىكەن.

ھەسەنجان ئىستانبۇلدىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئايالى تولۇنئاي خانىم يولدىشىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغان ۋە كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر تونۇشى ئارقىلىق ھەسەنجاننىڭ خەۋىرىنى ئالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، 5 نەپەر ساقچى كېلىپ ھەسەنجاننىڭ دەسلەپتە پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ بۇز دېگەن يېرىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئالغان. ھەسەنجان ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەنلىكىنى ھەم ئايالىنىڭ يول مېڭىشىنى ئىپادىلىگەن ئىكەن.

تولۇنئاي خانىم تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ يولدىشى بىلەن 2015-يىلى تۈركىيەدە قايتىدىن نىكاھلىنىپ تۈركىيە قانۇنى بويىچە توي خېتى ئالغان ۋە يولدىشى تۈركىيەدە ئائىلە ئىقامىتى بىلەن قانۇنلۇق تۇرغان.

تولۇنئاي خانىم تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يولدىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەھۋالنى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بىلدۈرگەن. تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتى تولۇنئاي خانىمغا تېلېفون قىلىپ، يولدىشىنى سورىغان ۋە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تولۇنئاي خانىم يولدىشىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئەلچىخانىغا ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئەلچىخانا خادىمى ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى غۇلجىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا يوللاپ، ھەسەنجاننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ھېچ قانداق بىر نەتىجە ئالالمىغان. 

تولۇنئاي خانىم يولدىشىنىڭ بۇز دېگەن رايوندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن قازاقىستاندىن كەلگەن بىر تونۇشى ئارقىلىقمۇ خەۋەر تاپقان. 

تولۇنئاي خانىم يولدىشىنىڭ ئىلمىي ساھەدە مۇھىم خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەسەنجان زىرائەت گېنى تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ تۈركىيەنىڭ 19-ماي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىر قانچە ئورۇندا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلارغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان، ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تايلاند ۋە كانادادا نەشر قىلىنغانىكەن. 

تولۇنئاي خانىم يولدىشىنىڭ بىلىملىك كىشى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ قايتا تەربىيىلەش دېگەن نامدىكى لاگېرغا كىرىپ بىلىم ئېلىشقا ھاجىتى يوق، كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

تولۇنئاي خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا جامائىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە چاقىرىق قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي جازا لاگېرلىرىدا ناھەق يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىشنى، يىغىۋېلىش لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. 

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سولاش بىلەن تەھدىت سېلىپ قايتىپ كېلىشكە زورلىغانلىقى بىر-بىرلەپ ئاشكارا بولماقتا. 

ئابلىكىم مەمتىمىن ئىسىملىك 22 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياش، ئەسلى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىنىڭ جىيا يېزا 4-كەنت 4-مەھەللىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قولى مېيىپ بولۇپ، داۋالىنىش ئۈچۈن 2016-يىلى 2-ئايدا ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئۇ ئىستانبۇلدا داۋالىنىش جەريانىدا ساقچىلار ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئىستانبۇلدىن دەرھال قايتىپ كېلىشنى، ئەگەر قايتىپ كەلمىسە دادىسىنى تۈرمىگە سولايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان. ئابلىكىم مەمتىمىن دادىسىنىڭ تۈرمىگە قامىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، يۇرتى خوتەنگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ئۇنى دادىسى بىلەن قوشۇپ تۈرمىگە قامىغانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.