زاۋا يېزىسىدىكى لاگېرغا قامالغانلاردىن تۇنجى بولۇپ 75 ياشلىق مەتروزى جۈمەنىياز «ئوقۇش» پۈتتۈرگەن
2019.08.02
ئاتالمىش «تەربىيىلەش» تىكى «90 پىرسەنت كىشىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى» ھەققىدىكى ئۇچۇر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدىن «تەربىيىلەش» كە ئەكېتىلگەن بىر قانچە مىڭ كىشى ئىچىدىن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا تۇنجى بولۇپ بىر كىشىنىڭ لاگېردىن چىققانلىقى ئايدىڭلاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشى زاۋا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ پېنسىيونېرى 75 ياشلىق مەتروزى جۈمەنىياز بولۇپ، ئۇ خىتايچىنى ياخشى ئۆگەنگەنلىكى ۋە يانپاش سۆڭىكىدىن مەسىلە چىقىپ جايىدا ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قولىغا «تەربىيەلەشنى پۈتتۈردى» دەپ گۇۋاھنامە بېرىلگەن ۋە لاگېرىدىن قويۇۋېتىلگەن.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قاراقاشلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ زاۋا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇغقىنى-يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ پېنسىيونېرى، 75 ياشلىق مەتروزى جۈمەنىيازنىڭ 3 ھەپتىنىڭ ئالدىدا لاگېردىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مەتروزى جۈمەنىياز لاگېردا ئىككى يىلغا يېقىن ياتقاندىن كېيىن يانپاش سۆڭىكىدىن چاتاق چىقىپ، جايىدا ئولتۇرۇپ-قوپۇشى قىيىنلاشقان. ئۇ لاگېردىكىلەرنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرىغا ماسلىشىشقا ئامالسىز قالغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇنى قويۇپ بەرگەن. بۇ قاراقاشلىق مۇھاجىرنى ھەيران قالدۇرغىنى مەتروزى جۈمەنىياز قويۇپ بېرىلىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا «كەسپىي تەربىيەلەشنى پۈتتۈردى» دەپ گۇۋاھنامە بېرىلگەن. بىز ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «تەربىيەلەشتىكى 90 پىرسەنت كىشىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى» ھەققىدىكى ئۇچۇر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا زاۋا يېزىسىدىكى پېنسىيونېر مەتروزى جۈمەنىيازنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق.
قاراقاش ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى پېنسىيونېر مەتروزى جۈمەنىيازنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك ئۇچۇرىنى رەت قىلمىدى، ئۇ بۇ ھەقتە رەھبىرى خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
سوئال: مەتروزى جۈمەنىياز «دۆلەت تىلى» نى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلدىمۇ ياكى يانپاش سۆڭىكىدىن چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلدىمۇ؟
جاۋاب: بۇ ھەقتە خاتا جاۋاب بېرىپ قويساق بولمايدۇ، رەھبەرلىرىمىز جاۋاب بەرسۇن.
ئىشخانىدىكى يەنە بىر خادىممۇ ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ ئىشخانىدا يوقلۇقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا نەق جاۋابنى بەرمىدى.
سوئال: زاۋا يېزىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىدىن پېنسىيىگە چىققان مەتروزى جۈمەنىياز دېگەن كىشىنىڭ «تەربىيىلەش» تىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى توغرا ئۇچۇرمۇ؟
جاۋاب: مەن بۇ ئەھۋالنى بىلمەيمەن.
سوئال: سىز ئەسلى قايسى ناھىيەدىن؟ خوتەن شەھەر ئىچىدىنمۇ؟
جاۋاب: مەن لوپتىن.
سوئال: شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە كارخانىچى ئەزىز ھاجى شاڭتاڭنى كۆردىڭىزمۇ، قويۇپ بېرىلدىمۇ، ئۇ كىشى لوپتا ئەڭ باشتا «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلگەنمۇ؟
جاۋاب: ياق، ئۇلارنىڭ تىزىملىكى مەندە يوق، تونۇمايدىكەنمەن.
سوئال: ئۇنداقتا، ئابدۇللا ھارەتنىچۇ؟ ياغاچچى، ئۇ كىشى قويۇپ بېرىلدىمۇ، كۆردىڭىزمۇ؟
جاۋاب: بىلمەيمەن.
سوئال: ئۇنداقتا، ئۇلار تېخىچە «تەربىيىلەش» تە دېگەن گەپمۇ؟
جاۋاب: مەن بۇ ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەس، بىلمەيمەن ھەم تونۇمايمەن.
سوئال: ئەمىسە، يەنە شۇ پېنسىيونېر مەتروزى جۈمەنىيازنىڭ گېپىگە كېلەيلى، ئۇ كىشى زاۋا يېزىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن تۇنجى كىشى دېگەن گەپ توغرىمۇ؟
جاۋاب: مەن بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاراقاشنىڭ مەلۇم يېزىلىق ساقچى خادىمى بۇ يېزىدىن ئىككى ھەپتىنىڭ ھالدا تۇنجى قېتىم «تەربىيەلەشنى پۈتتۈرگەن» كىشىنىڭ مەتروزى جۈمەنىياز ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
سوئال: ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا «تەربىيىلەش» تىن چىققان كىشىنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ پېنسىيونېرى؟
جاۋاب: مەتروزى جۈمەنىياز.
سوئال: بۇ كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرى قانچە؟
جاۋاب: . . . . . .
بۇ خادىممۇ مەتروزى جۈمەنىيازنىڭ تۇتۇلۇش ۋە قويۇپ بېرىلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
بىز بۇ ساقچى خادىمىدىن مەتروزى جۈمەنىيازنىڭ ئۆزى ياكى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق ۋە بۇ ساقچى خادىمىنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق مەتروزى جۈمەنىيازنىڭ ئايالى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. مەتروزى جۈمەنىيازنىڭ دوختۇرخانىغا كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئايالىمۇ ئۇنىڭ «دۆلەت تىلى» نى ياخشى ئۆگەنگەنلىكى ۋە سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىققانلىقى ئۈچۈن لاگېردىن قويۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.