ئالماس نىزامىدىننىڭ ئاپىسى زۇلپىيە خانىم قۇربان ھېيتتا لاگېردىن 3 كۈن قويۇپ بېرىلگەن
2019.08.15
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر ئالماس نىزامىدىننىڭ ئايالى بۇزەينەپ ئابدۇرېشىت 2017-يىلى مىسىردىن ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقىنىدا 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئاپىسى زۇلپىيە جالالىدىن ئامېرىكاغا كېلىپ ئوغلىنى يوقلاپ، 2017 يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتقان. ئەمما ئۇ قايتىپ بېرىشىغا 2018-يىلى يانۋاردا تۇتقۇن قىلىنغان.
شۇندىن بۇيان ئالماس نىزامىدىن ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى دادىسى جۈرئەت نىزامىدىن ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى بۇزەينەپ بىلەن زۇلپىيە خانىمغا ئەركىنلىك يولى ئىزدەشكە قاراتقان ئىدى.
ئامېرىكادىكى جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندى 12-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىگە «لاگېردىكى ئايالىم بىلەن ئىككى ئوغلۇم تېلېفونلاشتى» دەپ ئۇچۇر تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرغا ئەكىرىۋالغان ئايالى زۇلپىيە خانىمنى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك قويۇپ بېرىپ، ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈشكە چىقارغانلىقى، ئوغلى ئالماس بىلەن ئىزمۇراتنىڭ قۇربان ھېيت كۈنى ئاپىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى يېزىلغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زۇلپىيە خانىمنىڭ ئوغلى ئالماس بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
زۇلپىيە خانىم لاگېرغا قامالغان 20 ئايلىق ھاياتىنى تېلېفوندا مۇنداق ئۇقتۇرغان «مەن تەربىيەلىنىپ ياخشى بىر ئايال، ياخشى ئانا بولدۇم. ھۆكۈمەتكە رەھمەت، بۇ مەكتەپنى يېقىندا پۈتتۈرۈپ چىقىشىم مۇمكىن. ياخشى ئوقۇڭلار، ئوقۇشنى توختاتماڭلار، سىلەرنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەڭلار مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم. . .»
ئۇلار تېلېفوندا مۇنداق سۆزلەشكەن:
ئالماس: سىز بىر ياخشى ئانا، ياخشى ئوقۇتقۇچى ئىدىڭىز ئاپا، تەربىيەلىنىشىڭىزنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق ئىدى. . .
زۇلپىيە: ئۇنداق دېمە، بالام، ئۆگىنىش مەڭگۈلۈك تېما، مەن بۇ يەردە نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم، چوقۇم ئىدىيىسى ساغلام ئادەم بولۇشىمىز كېرەك. ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇ، ئۇياق-بۇياققا تولا چاپما، سەن دېگەن ياخشى بالا. . .
بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن، زۇلپىيە خانىم ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن.