تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان 16-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» ئېچىپ تۈرك جامائەتچىلىكىگە «جازا لاگېرلىرى» نى ئاڭلاتماقتا. بۇ فېستىۋالغا تۈركىيەدىن 41 جەمئىيەت ۋە ۋەقىپ قاتناشقاندىن سىرت ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشماقتا. فېستىۋالغا قاتناشقان ئورگانلار مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇرلار يەنە مەزكۇر فېستىۋالدا 16-قېتىم ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە چىقىۋاتقان كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرناللار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىملىرى ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلدى. بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم يېڭىلىقلاردىن بىرى ھەر كۈنى مىڭلىغان ئادەم ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان فېستىۋال مەيدانىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» نىڭ ئالدىغا تونۇر سېلىپ، سامسا ۋە نان يېقىپ سېتىش بولدى.
16 يىلدىن بېرى مەزكۇر فېستىۋالدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئېچىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى خەيرۇللاھ ئەفەندىگۈل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ 16 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ «جازا لاگېرلىرىنى» ئاساسى تېما قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
خەيرۇللاھ ئەفەندىگۈل ئەپەندى «جازا لاگېرلىرى» نى ئاساسى تېما قىلىشىدىكى مەقسەتنىڭ بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
16 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى خەيرۇللاھ ئەفەندىگۈل ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى، كۆپ ساندا كىشىگە «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، بۇ فېستىۋالنىڭ 2 تېلېۋىزىيە قانىلىدىن نەق مەيداندىن تارقاتقانلىقىنى، كۆپ ساندا كىشىگە ئاڭلىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەتىمەسقۇت، پايتەخت ئەنقەرەنىڭ بىر رايونى بولۇپ، رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى 16 يىلدىن بۇيان خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى ئۇيۇشتۇرماقتا. رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندىنىڭ مەزكۇر فېستىۋالنى ئېچىشتىكى مەقسىتىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالىنىڭ پەقەتلا ناخشا-مۇزىكىلار بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان سورۇن ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بىز پائالىيەت جەريانىدا مىكروفونىمىزنى «شەرقىي تۈركىستان ئۆيىدە» دە ئايلىنىۋاتقان بىلگەخان خانىمغا ئۇزاتتۇق. ئۇ، 16 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان ياشلارغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن 16 يىلدىن بۇيان قاتنىشىۋاتىمەن. بۇ فېستىۋال ئارقىلىق كىشىلەر كۆك بايراقنى بىلدى. نۇرغۇن ياش شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. بۇ فېستىۋال ئارقىلىق كىشىلەر كىشىلەر بۇلارنى بىلدى».
بۇ يىلقى خەلقئارالىق فېستىۋالنىڭ بۇرۇنقى فېستىۋاللارغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» نىڭ ئالدىغا تونۇر سېلىپ نان ۋە سامسا يېقىپ كۆرسىتىلىشى بولغان.
ئىستانبۇلدىن كېلىپ «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» نى زىيارەت قىلىۋاتقان فاتىمە خانىم ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى تونۇشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر زىيارەتچى فاتىمە خانىم «شەرقىي تۈركىستان ئۆيىنى» پارلامېنت ئەزالىرى، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ كۆپ ساندا رەھبەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
9-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ فېستىۋالغا قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلماقتا. ئىراق تۈركمەنلىرىگە، گىرېتسىيەدىكى تۈركلەرگە، قىرىم تاتارلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بۇ فېستىۋالغا قاتناشماقتا. بۇ تۈركىي مىللەتلەر 10 كۈن بويىچە ئۆز تارىخىنى، سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى پۈتۈن مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇيغۇر سەنئەتچى ئابدۇللاھ كۆسە 6-سېنتەبىر كۈنى كونسېرت بېرىدۇ. ئۇيغۇر بالىسى كىچىك مۇجاھىت شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقچى.