خام ئەشيا زەنجىرى ئۇيغۇر لاگېرلىرىغا تۇتۇشىدىغان خىتاي چاچ مەھسۇلاتىنىڭ گوللاندىيەگە ئىمپورت قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

يېقىندا گوللاندىيەدىكى «ئىنۋېستىكو» ناملىق ئەقىل ئامبىرىنىڭ «لىندا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىق مۇنبىرى» تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خام ئاشيا زەنجىرى ئۇيغۇر لاگېرلىرىغا تۇتۇشىدىغان خىتاي چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ گوللاندىيەگە ئىمپورت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارلىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چاچ مەھسۇلاتلىرى چىڭداۋدىكى «ئېمىدا» ناملىق خىتاي چاچ مەھسۇلاتلىرى شېركىتىدىن ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، «ئېمىدا» چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ خام-ئەشيا زەنجىرى ئۇيغۇر ئېلىغا تۇتۇشىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەر يېقىندا گوللاندىيەنىڭ «تروۋ»، «يېشىل ئامېستېرداملىقلار» قاتارلىق گېزىت-ژۇناللىرىدا ئېلان قىلىنىپ، گوللاندىيەدە غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇيۇرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى «خاۋلىڭ» شىركىتىنىڭ 14 توننا چاچ مەھسۇلاتىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇپ قالغان. رادىيومىز بۇ چاچلارنىڭ خام-ئەشيا زەنجىرىنىڭ لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارغا تۇتۇشىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

«ئىنۋېستىكو» نىڭ ئاشكلارلىشىچە، «ئېمىدا» ئۇيغۇر ئېلىغا چېتىشلىق بىردىن-بىر خىتاي چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى ئەمەس ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان 50 دەك چاچ زاۋۇتىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، بۇ چاچ زاۋۇتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە قۇرۇلغان، ئۇنىڭ تەخمىنەن يىگىرمىدەكى بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلغان ئىكەن. «ئىنۋېستىكو» نىڭ تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي چاچ زاۋۇتلىرىغا دائىر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئوبلاست 3 ۋىلايەتنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت ئىكەن.

ئۇ ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى بىر چاچ زاۋۇتىنىڭ بىر يىلدا 800 مىڭ تال چاچ ئىشلەپچىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چاچ زاۋۇتى قۇرۇش جەنۇبتىكى بىر ئوبلاست 3 ۋىلايەتنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، بۇ ھازىر كۆلەملەشكەن بىر ئىگىلىك. مەن ئۇلارغا ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن خوتەن لوپنىڭ ھۆججەتلىرىنى بەردىم. ئۇچتۇرپاننىڭ ھۆكۈمەت ھۆججىتىدە بىر يىللىق ئىشلەپچىرىلغان چاچ مىقتارى 800 مىڭ تال ئىكەن… بۇ كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىردىن-بىر قۇل ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدىكەن.»

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاسىيە ئۇيغۇر تەمىنلىگەن 2018-يىلى 11-ئايدا چىقارغان چاچ زاۋۇتى قۇرۇش ھەققىدىكى ھۆججىتىدە، بۇ قۇرۇلۇشقا 30 مىليون يۇەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 50 مىليون يۇەن، يىللىق ساپ پايدىسىنىڭ 9 مىليون يۇەن ئىكەنلىكى، سېلىنغان مەبلەغنىڭ 6 يىلدا قايتىپ كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىراق بۇنچىلىك زور مىقتاردىكى خام ئەشيانى قانداق تەمىنلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بىز 10-دېكابىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشقا مەسئۇل لى فامىلىلىك ئەمەلدارىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ زاۋۇتنىڭ خام-ئەشيا مەنبەسىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ تېلېفوننى دەرھال قويۇۋەتتى.

«ئىنۋېستىكو» نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، چىڭداۋدىكى «ئېمىدا» چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى گوللاندىيەگە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 6 قېتىم چاچ ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ خام ئەشيا مەنبەسى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق «ئېمىدا» نىڭ يېقىنغىچە ئۆزىنىڭ تورىدا «پىششىقلانمىغان شىنجاڭ ئادەم چاچلىرى» نى بازارغا سېلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان. بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10-دېكابىر گوللاندىيە تاموژنا ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى سورىدۇق.

تاموژنا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى رائول فاللامان تاموژنا ئىدارىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكى، بىراق ئۇنىڭ قانداق ئىشلەپچىرىلغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرەلمەيمەن. بىزنىڭ تاموژنا ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتى يوق. بىز پەقەت دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرادىن ئوتكەن سودىنى نازارەت قىلىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىز. ئەگەر چاچ مەھسۇلاتى ياكى باشقا بىر مەھسۇلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت قىلىنىشى يول قويۇلمايدىغان نەرسە بولغان بولسا، ئاندىن بىز ئۇنىڭغا قارايتتۇق.»

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر بىز بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى ئۇلارغا ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتسەك ئۇنىڭغا بىر قانچە كۈن ئىچىدە جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىدىكەن. ئۇ يەنە بىزنىڭ گوللاندىيە تاموژنا ئىدارىسى بۇ مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ئىچكىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىمىزغا، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ۋەزىپىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشچە، بۇنى تەكشۈرۈش تاشقىي ئىشلار ياكى ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەن.

«ئىنۋەستىكو» نىڭ دوكلاتىدا ياۋروپا ئۈچۈن بۇنىڭ ئېنىق ئېسكپورت سانلىق مەلۇماتى يوقلىقى، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ياۋروپاغا ئايلىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چاچ مەھسۇلاتى زاۋۇتلىرىنىڭ ئاز دېگەندە 3 دىن بىرىنىڭ پېيى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە چاچ مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىدىغان شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئائىت بولۇپ، گوللاندىيەلىك تىجارەتچىلەر بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەقىقىي كېلىش مەنبەسىنى بىلمەيدىكەن.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بۇ سودىنى دۇنيانىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دوللار سودىسى رايونىدىن چىقىپ، خەلق پۇلى بىلەن سودا قىلىدىغان چەمبىرەك شەكىللەندۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شەندوڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكىنىڭ بىرى. مەسىلەن، شەندوڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە مەسئۇل بولغان بولسا، شەندوڭدىكى ھەرقانداق كارخانا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ، زاۋۇت قۇرۇپ بۇ يەردە تەرەققىي قىلالايدۇ. ئۇ يەردە ئىشلەپچىقارغان نەرسىسىنى شەندوڭ ئارقىلىق چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىدۇ. ئۇلار چەت ئەلنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دوللار سودىسى رايونىدىن چىقىپ، خەلق پۇلى بىلەن پۇل-مۇئامىلە قىلىدىغان بىر چەمبىرەك شەكىللەندۈرگەن.»

«ئىنۋەستىكو» نىڭ دوكلاتىدا گوللاندىيە پارلامېنتى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللاپ، خىتايدىكى گوللاندىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. گوللاندىيە شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىشى ياكى بۇنداق شىركەتلەر بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىدا ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىققان گوللاندىيە كارخانىلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.