مەشھۇر لاگېر رەسىمىدىكى تۇتقۇنلاردىن بىرى كارخانىچى ئېزىز ھاجى شاڭتاڭ ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.04.23
lager-resim-delillengen-kishiler-edited.jpg لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن. بىرى بىر مەھەل رېستوران ئاچقان ۋە شاڭتاڭ دەپ لەقىمى بولغان ئېزىز ھاجى ئىسترېلكا ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن.
Social Media

ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە تارقالغان سۈرەتلەر ئىچىدە ئەڭ دىققەت تارتقىنى لوپ ناھىيەلىك ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۆك مەھبۇس كىيىمى بىلەن يىغىن مەيدانىدا ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا لاگېرلارغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن تارتىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى يىغىن زاللىرىغىچە كەڭ تارقالغان ۋە قوللىنىلغان ئىدى. يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ رەسىمدىكى تونۇشلىرىدىن بىرقانچىسىنىڭ كىملىكىنى فەيسبوكتا ئاشكارىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، 5-قاتاردا ئولتۇرغان كىشىلەردىن بىرى بىر مەھەل رېستوران ئاچقان ۋە شاڭتاڭ دەپ لەقىمى بولغان ئېزىز ھاجى دېگەن كىشىدۇر. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.

لاگېرلار ھەققىدىكى مەشھۇر رەسىم-لوپ تەربىيەلەش مەركىزىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۆرۈنۈشى خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا ئەڭ دىققەت تارقاتقان ئىدى. بولۇپمۇ بۇ رەسىمدە يىغىن مەيدانىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ جىددىي ۋە ئەنسىز چىرايى، ھەممىسىنىڭلا ئالغانلىرىنى تىزىغا قويۇپ ئولتۇرۇشى، قوراللىق ساقچىلارنىڭ نازارىتى، لاگېر تاملىرىنىڭ سىم تىكەنلەر بىلەن قورشىلىشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر لاگېرىنىڭ خىتاي دەۋاتقاندەك بىر كەسپىي تەربىيە مەركىزى ئەمەس، بىر جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى. 19-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ فەيسبوك بېتىدە ئەنە شۇ رەسىمدىكىلەردىن 4 كىشىنىڭ ئىسمى ۋە كەسپى ئاشكارىلانغان. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەنە شۇ 4 كىشىدىن ئېزىز ھاجىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە لوپ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بىرى لوپتا ئىلگىرى رېستوران تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئېزىز ھاجى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئېزىز ھاجىم بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن رېستوران تىجارىتىنى باشلىغان؛ يېقىنقى يىللاردا بۇ تىجارىتىنى توختاتقان. ئەمما ئۇ ئېزىز ھاجىنىڭ كېيىنكى تىجارىتى ۋە نۆۋەتتە قايسى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئەسلى يۇرتى خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىن بولغان مۇھاجىر توختى روزى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئېزىز ھاجى، لوپ ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ مەسچىتنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر كارخانىچى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يورۇڭقاش دەرياسى بويىدا رېستوران ئاچقان، يېقىنقى يىللاردا پېچىنە-پىرەنىك دۇكىنى ئېچىپ كەڭ بازا تاپقان. ئاندىن ئۇ بىر پىرەنىك زاۋۇتى قۇرۇش ئۈچۈن لوپتىكى بېيجىڭ سانائەت ئېچىۋېتىش رايونى دەپ ئاتالغان جايدىن يەر سېتىۋالغان ؛ زاۋۇت پۈتۈپ ئىشقا چۈشۈشنىڭ ئالدىدا لاگېرغا ئەكېتىلگەن. لوپتىكى ئالاقىدار خادىملار ئېزىز ھاجىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمىدى. توختى روزىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئېزىز ھاجى ئىلگىرى ھەج ئىبادىنى ئادا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ چەتئەلدىن زىيارەت قىلغان بولۇشى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېزىز ھاجى لوپ ناھىيەسىدە ئەڭ بالدۇر ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە لوپتا ئالدىنقى قاتاردىكى سودا-كارخانىچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ سودىدا تازا روناق تېپىۋاتقان ۋە مىڭلارچە كىشىنى ئىش بىلەن تەمىنلەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە لاگېرغا سولۇۋېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.