مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلاردىن بىرى شاڭخەي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مەمتىمىن ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.04.24
lager-resim-delillengen-kishiler-edited-memtimin.jpg مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلاردىن بىرى شاڭخەي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مەمتىمىن.
Social Media

لاگېرلار ھەققىدىكى مەشھۇر رەسىم، يەنى لوپ ناھىيەلىك ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ يىغىن مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتتىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا سۈرەتتىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتارنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان ئاق يۈزلۈك، بەستلىك كەلگەن ياشنىڭ 2011-يىلى شاڭخەي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى سەھىيە ئەسلىھەلىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن مەمتىمىن ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەمتىمىننىڭ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرمەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ساۋاقدىشى مەمتىمىننى 2012-يىلى ئاخىرقى قېتىم خوتەن شەھىرىدە ئۇچراتقان. بۇ چاغدا مەمتىمىن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سەھىيە ئەسلىھەلىرى شىركىتى قۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىكەن.

لاگېرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ تارقالغان سۈرەتلەردىن بىرى لوپ ناھىيەلىك «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ يىغىن مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەت بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر بۇ سۈرەتتىكى تۇتقۇنلارنىڭ قىياپىتى، روھىي ھالىتى ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىت كۆرۈنۈشى بىلەن دىققەت تارتىپ كەلمەكتە. بىرقانچە كۈندىن بېرى فېيسبوكتا تارقالغان مەزكۇر سۈرەتتىكى بىر قانچە كىشىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرى ئىچىدە ئۇلارنىڭ كەسپىي ۋە مائارىپ ئارقا كۆرۈنۈشىمۇ دىققەت تارتماقتا. تۈنۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خىتاي دائىرىلىرى كەسپىي تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ كىشىلەردىن بىرىنىڭ لوپتا پېچىنە-پىرەنىك زاۋۇتى قۇرغان كارخانىچى ئېزىز ھاجى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سۈرەتتىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئولتۇرغان ئاق يۈزلۈك ياش 2011-يىلى ئەسلىدىكى شاڭخەي سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، كېيىنچە شاڭخەي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن مەمتىمىن ئىكەن. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۇنىڭدىن ئىككى يىل كېيىن قوبۇل قىلىنغان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ساۋاقدىشى نۇرمەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، مەمتىمىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا 2007-يىلى قوبۇل قىلىنغان ئىكەن.

بىز مەمتىمىننىڭ فامىلىسى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىكى ئىش ئورۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن لوپ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات سورىدۇق. لوپ بازارلىق ساقچى خادىمى ئۆزلىرىدە مەمتىمىننىڭ ئارخىپى يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمتىمىننىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ساۋاقدىشى نۇرمەمەت شاڭخەيدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن مىسىرغا كېلىپ 5 يىل ئوقۇغان. شۇڭا ئۇنىڭ مەمتىمىن بىلەن يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇچرىشىش ۋە ياكى ئالاقىلىشىش پۇرسىتى بولمىغان. ئۇ بۇ ساۋاقدىشى بىلەن ئاخىرقى قېتىم، يەنى 2012-يىلى خوتەندە بىر قېتىم كۆرۈشكەن. ئۇ شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ شىركەت قۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە مەركەزلىرى» نى ئاقلاپ بەرگەن باياناتلىرىدا بۇ مەركەزلەردە ئۆز پۇقرالىرىغا دۆلەت تىلى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئۆگىنىشنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىش تېپىشى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لوپتىكى تەربىيەلەش مەركىزىگە سولىۋېلىنغان مەمتىمىن شاڭخەي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈشتىن ئاۋۋال خىتاي ئۆلكىلىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملار مەمتىمىننىڭ قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

تۇتقۇن مەمتىمىننىڭ تۈركىيەدىكى ساۋاقدىشى ئۇنىڭ كونكرېت تۇتۇلۇش سەۋەبى ئۈستىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئادىتى ۋە مۇستەقىل ئىش قىلىش خاراكتېرى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.