مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلاردىن بىرى لوپتىكى ئابدۇللا خارەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.04.25
lager-resim-delillengen-kishiler-edited-abdulla-xaret.jpg مەشھۇر لاگېر رەسىمىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ لوپ ناھىيە شىپاڭ مەسچىتىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇللا خارەت.
Social Media

لوپ ناھىيەلىك ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئائىت مەشھۇر سۈرەتتىكى ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان ئاق چاچلىق كىشىنىڭ لوپ ناھىيە شىپاڭ مەسچىتىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇللا خارەت(ياغاچچى)، يەنى ئابدۇللا ياغاچچى دېگەن كىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئابدۇللا خارەتنى سۈرىتىدىن تونۇۋالغان چەتئەلدىكى لوپلۇق مۇھاجىرلار بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ كىملىكى ۋە خىسلەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. گۇۋاھچىلار ئابدۇللا خارەتنىڭ شىپاڭ مەسچىتنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىنى خالىسانە بېجىرىپ كېلىۋاتقان تەقۋادار بىر كىشى ئىكەنلىكى ۋە تىرىكچىلىك كويىدىكى بىر ھۈنەرۋەن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

لوپ ناھىيەسدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئائىت مەشھۇر سۈرەتتىن تونۇۋېلىنغان تۇتقۇنلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ لوپتا تونۇلغان ياغاچچى ئابدۇللا خارەت ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت ساۋابلىق ئىش ئىزدەپلا يۈرىدىغان تەقۋادار بىر كىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئابدۇللا ياغاچچىنىڭ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر مەھەللىلىكلىرى ئۇنىڭ كىملىكى ۋە خىسلەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مەشھۇر سۈرەت 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا تارتىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى خەلقئارا سەھنىلەردە «كەسپى تەربىيە ئورنى» دەپ ئاتاۋاتقان ۋە ئۇنى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىدى. يۇقىرىقى سۆھبەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە «كەسپىي تەربىيە» گە قىلچىمۇ ئېھتىياجى بولمىغان، جەمئىيەتتە ھېچكىمگە زىيان-زەخمىتى يەتمىگەن ئابدۇللا خارەت 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان لوپ ناھىيەسىنىڭ بېيجىڭ سانائەت رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا سولىنىپ ياتماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.