قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئۆتكەندە BBC نىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرى BBC مۇخبىرىغا «ئىشسىزلار» دەپ تونۇشتۇرغان ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆپىنچىسىنىڭ قەشقەردىكى لاگېرلارغا ئەكېتىلگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. يېقىندا قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلگەن تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەجرىبىلىك تونۇشتۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەبەيدۇللا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى ئالاقىدار خادىملار مەزكۇر ئىدارە خادىمى ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، BBC تارقاتقان قەشقەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرى ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋەردە كۆرسىتىلگەن دەسلەپكى ئورۇننىڭ قەشقەر دۆلەتباغ 4 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرى «ئىشسىزلار» دەپ تونۇشتۇرغان ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك قەشقەر تەۋەسىدىكى لاگېرلارغا ئەكېتىلگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بۈگۈن قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلگەن تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەبەيدۇللا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ BBC خەۋىرىنىڭ 3 مىنۇت 48‏-مىنۇتلۇق قىسمىدا ئاق مايكا كىيگەن ۋە كۆزەينەك تاقىغان كىشىنىڭ ئەكبەر ئەبەيدۇللا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز بۇ ئۇچۇرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىكى بىر خادىم ئەكبەر ئەبەيدۇللانى تونۇمايدىغان بايان قىلدى.

لاگېر ھەققىدىكى BBC نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ئەركىن ئەبەيدۇللا ئولتۇرغان سىنىپتىكى ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلى ۋە قانۇن ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە مېھمانخانا كۈتكۈچىلىكى ۋە ساتىراشلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەكبەر ئەبەيدۇللا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى پۇختا بىلگەن تارىخ پەنلىرى تەتقىقاتچىسى ئىكەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيىدىكى بىر خادىم ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭ مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت سارىيىدا ئەمەس، بەلكى باشقا بىر ئورنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىشارەتلىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، ئەكبەر ئەبەيدۇللا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا بىلىمىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ناتىقلىقى بىلەن مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق خىزمەتچىسى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان ئىكەن. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىكى بىر خادىم بۇ ئىدارىدە تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن ئەكبەر ئەبەيدۇللا ئىسىملىك بىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «بار» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭ قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئېھتىيات قىلدى. بۇ ھەقتە ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن سۆزلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ 47 ياشقا كىرگەن ئەكبەر ئەبەيدۇللا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇشتا مىللىي ھېسسىياتقا بېرىلىش، خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق گەپ-سۆزلەرنى قىلىش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان ئىكەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئالاقىدار خادىم سوئالىمىزغا جاۋابەن ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭ تېخى لاگېردىن قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭ ئىككى بالىسى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە قەشقەر دەريا بويىغا جايلاشقان «قۇياش نۇرى» مەمۇرلار ئولتۇراق رايونىغا نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى ۋە بۇ رايوننىڭ نەنگۇەن ساقچىخانىسىغا قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. نەنگۇەن ساقچىخانا خادىمى ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭ 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدىلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەرگە لاگېرلارنى تونۇشتۇرغاندا دۆلەت خىزمەتچىلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان لاگېرلارنى ياكى لاگېرنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۆلۈمىنى كۆرسەتكەن. دېيىلىشىچە، دائىرىلەر ئىلگىرىكى بىر نەچچە قېتىملىق تەكشۈرۈشتىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن تۇتقۇندىكى دۆلەت خادىملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەتكىنىنى ئەستە ساقلىيالايدىغان ۋە كۈتۈلگەندەك جاۋاب بېرەلەيدىغان كىشىلەر دەپ قارىغان. يىللاردىن بېرى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئانچە بەك زەربىگە ئۇچرىماي كەلگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ رەڭگى-روھىي ۋە قىياپىتىمۇ دائىرىلەرنىڭ لاگېرنى بىر مەكتەپ سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇشتا ئىشقا يارىغان.