قاراقاشتىكى لاگېردا «كەسىپ» ئۆگىتىلىۋاتقان رەجەپنىياز ھەبىبۇللانىڭ ئالىي مەلۇماتلىق ئىنژېنېر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
2019.07.23
خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىلىق تەشۋىقاتىدىكى ساختىپەزلىكلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن ئاشكارىلانماقتا.
بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خىتاي ئاخباراتى قاراقاشتىكى لاگېردا «كەسىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقى» نى، يەنى توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان 30 چە ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ شىئەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى پۇختا بىلگەن قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى رەجەپنىياز ھەبىبۇللا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
CNS، يەنى خىتايچە «جوڭشىنشې» (مەركىزىي ئاگېنتلىق) دېيىلگەن خىتاي مەركىزى ئاخباراتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ يىل 3-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرى ھەققىدە بىر چاتما خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. چاتمىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر لاگېر توغرىلىق پارچىسىدا مەزكۇر لاگېردا قىزىل كىيىم كىيگەن 30 چە ئوقۇغۇچىنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ بۇ دەرسلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قانچىلىك دەرىجىدە پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەسىراتلىرى بايان قىلىنغان ئىدى.
نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان قاراقاشلىق مۇھاجىر نۇرمەمەت ئەخمەت مەزكۇر خەۋەرنى كۆرۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى، قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى رەجەپنىياز ھەبىبۇللانى تونۇۋالغان. نۇرمەمەت بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئەڭ باش قىسمىدا ۋە 3 مىنۇت 33-سېكۇنتلۇق قىسمىدا كۆرۈنگەن كىشىنىڭ دوستى رەجەپنىياز ھەبىبۇللا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، رەجەپنىياز ھەبىبۇللا شىئەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. بۈگۈنكى دەۋردە قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىق كەسپىنىڭ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان نۇرمەمەت ئەخمەت رەجەپنىياز ھەبىبۇللانىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىش ئەمەس، ئەكسىچە باشقىلارغا كومپيۇتېردىن دەرس بەرگۈدەك دەرىجىدە مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مەلۇم بولۇشىچە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن رەجەپنىياز ھەبىبۇللا 2005-يىلى نەنجىڭدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى» گە، 2009-يىلى شىئەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەندىكى ئەلرازى يېمەكلىكلەر شىركىتىدە كومپيۇتېر مەشغۇلاتلىرىغا مەسئۇل خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. يەنە دېيىلىشىچە، ئۇ 8 يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيەلىنىش جەريانىدا ئىنگلىزچە سەۋىيەسىنىمۇ تولۇق يېتىلدۈرگەن. نۇرمەمەت ئەخمەت ساۋاقدىشى رەجەپنىياز ھەبىبۇللانىڭ لاگېردا كەسپىي ئۆگىنىشلەرگىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي تىلى ئۆگىنىشكىمۇ ئېھتىياجى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. نۇرمەمەت يەنە رەجەپنىيازنىڭ ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپ 8 يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيە كۆرگەن بولسىمۇ، مىللىي خاراكتېر ۋە ئۆرپ-ئادەتلەردىن چەتنىمىگەن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىدا ئۇ ئىشلىگەن ئەلرازى شىركىتىنىڭ ھالال يېمەكلىكلەر سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتارلىق بىرقانچە تۈرلۈك سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، رەجەپنىياز ھەبىبۇللا ئەسلىدە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي يېزا شالتىراڭ كەنتىدىن ئىكەن. ئالاقىدار خادىملار رەجەپنىياز ھەبىبۇللا ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. نۇرمەمەت ئەخمەت رەجەپنىياز ھەبىبۇللا بىلەن دوستلۇقى ۋە ساۋاقداشلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە ئۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە بىللە ئوقۇغان چاغدىكى سۈرەتلەرنىمۇ تەمىنلىدى. نۇرمەمەت ئەخمەت رەجەپنىياز ھەبىبۇللانىڭ خاتىرە سۈرەتتىكى كۆرۈنۈشى بىلەن لاگېر خەۋىرىدىكى كۆرۈنۈشى ئارىسىدا جىسمانىي جەھەتتىن ئاساسەن پەرق يوقلۇقى، پەقەت كەيپىيات جەھەتتىنلا پەرقى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ 2017 -يىلنىڭ ئاخىرى ياكى 2018-يىلنىڭ بېشىدا تۇتۇلغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلدى.
تۈنۈگۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئەكبەر ئەبەيدۇللا ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى تۇتقۇندىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى مۇخبىرلارغا «ئىشسىز» دەپ تونۇشتۇرۇشقا بۇيرۇلغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ لاگېردىكى «مەمنۇنلۇقى» نى ئېغىزىدىلا ئەمەس، چىرايى ۋە بەدەن تىلىدىمۇ ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. نۇرمەمەت ئەخمەت ساۋاقدىشى رەجەپنىياز ئورۇن ئالغان لاگېر خەۋىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كەيپىيات ۋە يۈز ئىپادىلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى «مەمنۇن» كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.