پروفېسسور سائىت يىلماز: «شەرقى تۈركىستاندا دېموكراتىك ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.01.09
sait-yilmaz.jpg پروفېسسور سائىت يىلماز ئەپەندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
Social Media

يېقىندا داڭلىق تۈرك زىيالىيسى، ب د ت ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن سىياسەت ۋە ئىستىخپارات مۇتەخەسسىسى پروفېسسور سائىت يىلماز ئەپەندىم « ئا ب ج» گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئىككى ماقالىسىدە خەلقئارالىق سىياسىي ۋەزىيەتنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئانالىز قىلغان.

پروفېسسور سائىت يىلماز «شەرقى تۈركىستاندا دېموكراتىك ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ» ناملىق ماقالىسىدە يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىغا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىمىزنى، بۇ ئۇرۇشنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئەتراپىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ «چوڭ ياۋرو-ئاسىيا لايىھىسى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« مانجۇرىيە، ئىچكى موڭغۇلىيە، شەرقى تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا تەشكىللىنىدىغان ئىسيانلار خىتاينى غەربتىن ئۇرىدۇ. سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈرك دۇنياسى، يېڭى تۈركىستان بار.»

سائىت يىلماز ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە خىتاينىڭ ئۆزىگە سادىق ئۇيغۇرلاردىن ئىقتىسادىي باياشات بىر قاتلام تەشكىللەپ خىتايغا بارغانلارغا ھەر يەرنى جەننەتتەك كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بىراق شەرقى تۈركىستاننىڭ قان يىغلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، شەرقى تۈركىستان ئىنقىلاب تارىخى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قىسقا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

ئۇ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا غەربىنىڭ خىتايغا قارشى «چوڭ ياۋرو-ئاسىيا لايىھىسى» دە قايسى باسقۇچقا كەلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « (چوڭ ياۋرو-ئاسىيا لايىھىسى) نىڭ نىشانى ئىران، رۇسىيە ۋە خىتايدۇر. غەرب ئىستىخباراتى قىسقا مەزگىلدە ئىرانغا(2-5 يىل)، ئوتتۇرا مەزگىلدە رۇسىيەگە(5-15 يىل)، ئۇزۇن مەزگىلدە خىتايغا (15-25 يىل) تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.»

پروفېسسور سائىت يىلماز ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك بىسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە قارشى كىملىكىنى قوغدىغانلىقىنى، كۈچلۈك جەڭ پوتېنسىئالىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىز سائىت يىلمازنىڭ بايانلىرىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىياسىي ئانالىزلىرى ئارقىلىق كۆزگە كۆرۈنگەن قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ۋە سىياسەت بىلىمى ئاسپىرانتى مۇھەممەت ئاتاۋۇللا ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.

مۇھەممەت ئاتاۋۇللا پروفېسسور سائىت يىلماز ئەپەندىمنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىنى سۇيىقەست نەزەرىيەسىنىڭ پارچىسى، ماقالىدىكى بايانلار رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىغا قارىتا مۇنداق دېدى:« نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ رىقابىتى دۇنيا مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ. بەزى ساھەلەردە خىتاي ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشتى. مەسىلەن 5G تېخنىكىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل دېگەندەك ساھەلەردە. ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەشتە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنىدىغانلىقى ئېنىق، بىراق ئامېرىكا ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇل تاپتى دەپ ئويلىمايمەن. چۈنكى بۈگۈنگىچە ئامېرىكىنىڭ سۈرگەن خىياللىرى ۋە تۈزگەن پىلانلىرى مەغلۇپ بولدى. مەسىلەن دېموكراتىيەلەشتۈرۈش نەزەرىيەسى. ئىقتىساد مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە كۈچىيىدۇ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە تەرەققىي قىلغاندا دېموكراتىيەلىشىشكە ئۆتىدۇ دېگەندەك. بۇ نەزەرىيەلەر تەيۋەن، سىنگاپور، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەمەلگە ئاشتى، بىراق خىتايغا كەلگەندە ئىشلىمىدى. خىتاينىڭ GDP سى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيەگە ئۆتكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋالىدىن ياخشى ھالغا كەلدى. بىراق ئەكسىچە شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كىيىن ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى. تېخىمۇ دىكتاتورلىشىۋاتىدۇ، تېخىمۇ مۇستەبىتلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ تېخنىكا ياكى قورال-ياراغ جەھەتتە خىتاينى چەكلەش ئىستراتېگىيەسى مەغلۇپ بولدى.»
پروفېسسور سائىت يىلماز ماقالىسىدە ئىران ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كەسكىنلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئىراننىڭ تاجىكىستان ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئىراق، سۈرىيە ئارقىلىق شەرقى ئانادولوغا تەسىر قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پروفېسسور ماقالىسىنىڭ « تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت خىتاي» ناملىق بۆلىكىدە خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان.

ئۇ، خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:«خىتاي ھازىرچە يۇمشاق كۈچ قوللىنىپ سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ، دۆلەتلەر (بىر يول، بىر بەلۋاغ) قۇرلىشىدىن قىچىش ئويىدا، لېكىن قاچالمايۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قىلىشنى خالىمايدۇ. رايون خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قىلىش ئالدىدا. شەرقى تۈركىستاندىن كىيىن غەربكە قارشى ئىلگىرىلەپ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسى قىرغىزىستانغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.»

كۆزەتكۈچىلەر ئىران ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيلىشىشى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي توقۇنۇشتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇھىم سىياسىي كوزىرغا ئايلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.

لېكىن، مۇھەممەت ئاتاۋۇللا ئەپەندىم ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى، ئىران ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئوتتۇرا شەرققە بۇرىۋىتىدىغانلىقىنى زىيارىتىمىز داۋامىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىقى مەسىلىگە قارىتا تونۇلغان خىتاي سىياسىي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىم ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا چوڭ توقۇنۇش بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:« بۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلانمايدۇ، ئامېرىكا ئاساسلىق ئەسكىرى كۈچىنى ئاسىياغا يۆتكەۋاتىدۇ، بۇنىڭ مەقسىتى خىتاينى چەكلەش ۋە چېكىندۈرۈشتۇر. شۇڭا ئامېرىكا ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، مەدەنىيەت ئېتنىك ئامىللارغا بولغان چەكلەش قىلمىشىدىن باشقا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.