مارىيە مۇھەممەت ئامېرىكانىڭ بوستۇن شەھىرىدە ئۆزى يالغۇز «يىپەك يولى رېستورانى» ناملىق ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى ئېچىپ، 3 بالىسىنىڭ ئوقۇشىنى قامداۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. مارىيە مۇھەممەت خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇرتى ئاتۇشتا قارانچۇقسىز قالغان 90 ياشلىق ئانىسى بىلەن يېقىندا ئۈندىداردا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئانىسىدىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە يېڭىدىن ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.
مارىيا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئائىلىگە قاراتقان تەقىپى 2015-يىلىلا باشلانغان ئىكەن. مارىيە خانىم ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز بالىلىرىنى بېقىش بىلەن بىرلىكتە يەنە 2017-يىلدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈپ تۇرغان. ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان لاگېرلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىدە بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېرى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان قېرىنداشلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىشلارغا قاتناشقان.
مارىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان مۇھەممەت سالىھ ھاجىمنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ھېسابلىنىدىكەن. ئاتۇشتا خەلق ئىچىدە «دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم، تەقۋادار جەمەت» دەپ قارىلىدىغان بۇ جەمەتتىنلا 2 يىل ئىچىدە 60 تەك كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
ئۇنىڭ 90 ياشتىن ئاشقان ئانىسى يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ قارانچۇقسىز، تىكەندەك يالغۇز قالغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلۈپ تارتىپ قالسا بېشىدا تۇرۇپ دەپنە قىلغۇدەك تۇغقىنىنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مارىيە خانىم ئائىلىسىگە كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە مەكتۇب شەكلىدە تۆۋەندىكىدەك يوللاپ بەرگەن:
1. مارىيە خانىمنىڭ ئېرى سادىق ئەلى (كىملىك نومۇرى: 653021197109010219 ). سادىق ئەلى 2015-يىلى بالىلىرىنى ئامېرىكادا ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئەكېلىپ قويغان. شۇندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان. 2018-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن يۇرتى ئاتۇشقا چاقىرتىپ ئەكېتىلىپ، ئاۋۋال ئۆگىنىش نامىدا ئاتۇشتىكى لاگېرلارنىڭ بىرىگە قامالغان. 2018-يىلى 11-ئايدا مارىيە خانىمنىڭ ئاپىسى تۇرنىسا ھاجىمنىڭ تەلىپى بىلەن قېينانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش مۇمكىن بولمىغان.
2. مارىيە خانىمنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىدىن -ئىنىلىرى بۇرھان مۇھەممەت (كىملىك نومۇرى: 653021196706150443)، ئىسمائىل مۇھەممەت (كىملىك نومۇرى: 653021197302090433)، سىڭىللىرىدىن رەشىدە مۇھەممەت (كىملىك نومۇرى: 653021197205230422)، ئاسىيە مۇھەممەت (كىملىك نومۇرى تەمىنلەنمىگەن)، قاتارلىقلار جورىلىرى ۋە بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن. 2018-يىلى 11-ئايدا مارىيە خانىمنىڭ ئاپىسى تۇرنىسا ھاجىمنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى ئاپىسى تۇرنىسا ھاجىم بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشمۇ مۇمكىن بولمىغان.
3. مارىيە خانىمنىڭ تاغىلىرىدىن-ئاتۇش بوستان مەھەللىسى قايراق مەسچىتىنىڭ ئىمامى 90 ياشلىق يۇرت مۆتىۋىرى ئابىدىن ئايۇپ ھاجىم 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.
4. مارىيە خانىمنىڭ تاغىلىرىدىن غاپپارجان مۇھەممەت (كىملىك نومۇرى: 653021196303180815)، ئىبراھىمجان مۇھەممەت (كىملىك نومۇرى: 653021196909150450) ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە ئەزالىرىمۇ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۇتۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن.
5. مارىيە خانىم تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردا يەنە ئاتۇشتا «تەقۋادار ئائىلە» دەپ نام ئالغان بۇ جەمەتنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن ئەنۋەرجان ئەلى، روزى ھېمىت، سارىگۈل روزى، مامۇت ئابىدىن، ئابدۇسەمى ئابلا، ئابدۇكېرىم ئابلا، ئاندۇغەنى ئابلا، مېھرىگۈل ئابلا قاتارلىق بىر نەۋرە تۇغقانلىرىمۇ جورىلىرى ۋە بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مارىيە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00