«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىشنى قولايلاشتۇردى

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ھەر جايدا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى بىر سەھىپىگە مۇجەسسەم قىلىندى.

مەركىزى نورۋېگىيەدە بولغان «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن 4-ئىيۇندىن باشلاپ «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» ناملىق يېڭى تور سەھىپىسىنى ئاممىغا ئېچىۋەتكەن.

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا قېرىنداشلىرى بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ تور سەھىپىسىدە تېخىمۇ ئەركىن گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئايرىم بىر سەھىپە تۇرغۇزۇپ ئۆز ئارخىپلىرىنى ساقلايدىغان، يېڭىلايدىغان، تارقىتىدىغان خاس ئارخىپ ئامبىرى قۇرالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېرىلگەن ھەر خىل گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرى توپلىنىپ مەزكۇر سەھىپىگە مۇجەسسەم قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ جايدىن بارلىق گۇۋاھلىق ئارخىپلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىغا نائىل بولىدىكەن.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» تور سەھىپىسى توغرىسىدا توختالغاندا، بۇ سەھىپىگە جەم بولغان ئارخىپلارنىڭ قىممەتلىك ھۆججەت خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ گۇۋاھلىقنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» 2019-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر يازما شەكىلدىكى، ئاۋازلىق ياكى سىن كۆرۈنىشى تۈسىنى ئالغان 6 مىڭدىن ئارتۇق گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرىنى توپلىغان. بۇ ماتېرىياللار د ئۇ ق ئارقىلىق ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرى قاتارلىق ئورگانلارغا تاپشۇرۇلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» توپلىغان بۇ ماتېرىياللارنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردە مۇھىم ھۆججەتلىك رولىنى ئۆتىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە بۇ ماتېرىياللارنىڭ بۈگۈن ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كېلەچەكتە تېخىمۇ زور قىممەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا لاگېر شاھىتلىرى ۋە ھەر ساھە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنبەلەردىكى پۈتۈن ماتېرىياللىرىنى بىر سەھىپىگە جەم قىلىشنىڭ تولىمۇ جاپالىق بىر خىزمەت بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر جامائىتى، مۇتەخەسسىسلەر ھەم سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ ئەمدى بۇ ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن زور قۇلايلىق بىر ئىمكان يارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.