گېرمانىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

18-نويابىر گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇھىم تېما بولدى.

6-نويابىر گېرمانىيە پارلامېنتىدا 2018-2019-يىللىرى دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تاجاۋۇزلارغا ئۇچراش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا بېغىشلانغان «دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇھىم تېما قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۈگۈن 18-نويابىر كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەخسۇس «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش، مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جازا لاگېرلىرى شاھىتى، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سايراگۈل ساۋۇتباي، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

خىتايدىن تارالغان كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇنى سەۋەبلىك ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە چىگرالار قامال قىلىنغان، ھەممە يەردە جىددىي تەكشۈرۈشلەر داۋام قىلىۋاتقان بىر زاماندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئالايىتەن شىۋېتسىيەدىن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا يېتىپ كەلگەن سايراگۈل ساۋۇتباي خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن خۇشالمەن،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

بۈگۈن گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق بۇ يىغىنغا گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇيدى يەنسېن خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى، سولچىللار پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى، رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان ئىدى. يىغىندا سۆز ئالغان بەزى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىمۇ سۆزلىرىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈم بېرىدىغان تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىدىن باشقا خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە مەركىزى گېرمانىيەدە بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئۇچرىغان خىتاي بېسىمى، تەھدىتى ۋە زۇلۇملىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى، شىكايەتلەر قىلدى.

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش نۆۋىتى سايراگۈل ساۋۇتبايغا كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقلىرىنى يورۇتۇپ بەردى. سايراگۈل ساۋۇتباي بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە 3 تۈرلۈك تەلەپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇنىڭ بىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىنغا بۈگۈن ميۇنخېن شەھىرىدىن يېتىپ بارغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىن مەيدانىدىن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، يىغىننىڭ تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى ھەمدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بارغانسېرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق بۇ يىغىندا ناچار بىر ھادىسە يۈز بەردى. يەنى بۇ يىغىنغا تەرجىمانلىق ئۈچۈن بىر خىتاي تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، سايراگۈل ساۋۇتباي بۇنىڭدىن نارازى بولدى ھەمدە تۇنجى سۆزىنى گېرمانىيە پارلامېنتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا خىتاي چەكلەۋاتقان ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن باشلىدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىغىندا ئەلۋەتتە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنى خىتاي بىلەن پاراللېل ھالدا «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ ۋە ياقلاپ چىققان كىشىلەرمۇ بولدى. بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا مەلۇمات بېرىشكە تېرىشىمىز.