لاگېرلاردىكى جىنسىي خورلۇق: «ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى» (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.08.05
مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن نەبىجان روزىنىڭ جەسىتى جەمئىيەتتىن خۇپىيانە ھالدا يەرلىككە قويۇلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىغا توغرىلىق ئىشلەنگەن كارتون.
Yettesu

لاگېرلار تىلغا ئېلىنغاندا كىشىلەرنىڭ دەرھال يادىغا كېلىدىغىنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان تۈرمىلەردىنمۇ ۋەھشىي بولغان مۇئەسسەسەلەر، جۈملىدىن تىكەنلىك سىم توسۇق، مىسلىسىز روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار، شۇنىڭدەك ئايىغى چىقماس ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرى كېلىدۇ. ئەمما بۇ جايلارغا قامالغان قىزلار ۋە ئاياللارنى نىشان قىلغان جىنسىي خورلاش قىلمىشلىرى پاش بولغاندىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا بۇنىڭ ئاددىيلا خىتاي ساقچىلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئەمەسلىكى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك قارا نىيەتنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

«بۇ پەقەت باسقۇنچىلىق ئەمەس، بەلكى ئىنسان قىلمايدىغان قىلمىشتۇر! »

لاگېرلاردىكى جىنسىي خورلاش قىلمىشلىرى ئالدى بىلەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرى ئاساسىدا تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولدى. بولۇپمۇ تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلزىرە ئاۋۇلخان، گۈلباھار جېلىلوۋا، مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان سورۇنلاردىكى گۇۋاھلىق بايانلىرى لاگېرلاردا يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان جىنسىي خورلۇقنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ كۆرگەنلىرى ئەنە شۇ قاباھەتلەرنىڭ ئەڭ مۇدھىش سەھىپىلىرىدىن بىرىدۇر. ماسكا تاقىۋالغان خىتاي ساقچىلار ئۇنى ۋە يەنە بىر ياش قىزنى ئايرىم-ئايرىم ئۆيلەرگە ئېلىپ كىرگەندە ئۇ بۇ ئۆيدە كۆزىتىش كامېراسى يوقلۇقىنى بايقىغان. بۇ ھال ھاجەتخانىغا قەدەر كامېرا ئورنىتىلغان لاگېر كامېرلىرىدىن زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغان بولغاچقا ئۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ ھەيران قالغان. ئەنە شۇ چاغدا قوشنا ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كېتىلگەن كامېرداش قىزنىڭ جان ئاچچىقىدا چىرقىراپ تاشلىشى ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى شۈركەندۈرۈۋەتكەن. شۇ ئەسنادا خىتاي ساقچىلار ئۇنى يېشىنىپ كارىۋاتقا يېتىشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئۇنى كۈچ بىلەن بېسىپ تۇرۇپ توك كالتىكىنى ئۇنىڭ جان يېرىگە تىقىپ قوچۇغان. چىدىغۇسىز ئاغرىقتىن تۇرسۇنئاي بىردىنلا ھوشىدىن كەتكەن. ئون كۈندىن كېيىن ئۇ كوللېكتىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان. يەنە بىر قېتىم لاگېر ساقچىلىرى نامەلۇم بىر مېتال ئەسۋابنى ئۇنىڭ بالىياتقۇسىغا تىققاندا ئۇ بەدىنىدىن قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئېلىۋەتكەندەك بولغان. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان توختىماي قاناش تاكى 2020-يىلى ئۇ ئامېرىكا دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىپ بالىياتقۇسىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەنگە قەدەر داۋام قىلغان. بۇ ھەقتىكى ئاچچىق خاتىرىلىرىنى يادىغا ئالغاندا تۇرسۇنئاي كۆز يېشىنى تۇتالمىغان ھالدا بۇنى «بۇ پەقەت باسقۇنچىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان قىلمايدىغان قىلمىشتۇر» دەيدۇ.

تۇرسۇنئاي دۇچ كەلگەن بۇ قاباھەتنىڭ يېگانە ھادىسە ئەمەسلىكى كېيىنچە كۆپ تەرەپلىمە گۇۋاھلىقلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. لاگېرلارنىڭ بىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان قەلبىنۇر سىدىق لاگېرلاردىكى ئاياللارنىڭ ھەرقاچان تۆت خىل ئۇسۇلدا توكقا سوقتۇرۇلىدىغانلىقىنى ساناپ كېلىپ «ئورۇندۇق، پەلەي، باش چەمبىرىكى ۋە توك كالتىكى ئارقىلىق توك ئۆتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ توك كالتىكى قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ جان يېرىگە ئالدى ۋە كەينىدىن تىقىلىدۇ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن. لاگېردىكى گۇندىپايلار پاراڭ ئارىلىقىدا ئۇنىڭغا «ساقچىلار ئالدى بىلەن قىزلار ۋە ئاياللارنى ئوينايدۇ، ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن توك كالتىكى ياكى توكقا ئۇلانغان سىمنى ئۇلارنىڭ جان يېرىگە تىقىپ توك ماڭدۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى ھوشىدىن كەتكۈزىدۇ. ئاندىن قايتا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ» دېگەن.

ئاشكارا بولۇپ كەتكەن ساقچى ھۆججەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر كونا شەھەردىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى 14 ياشلىق راھىلە ئۆمەر بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ لاگېرغا قامىلىشىمۇ يېگانە ھادىسە بولمىغان. بۇ خىلدىكى روھىي ۋە جىنسىي قىيناقلاردىن بەزىلەر ئەقلىنى يوقىتىپ ساراڭ بولۇپ كەتكەن بولسا، يەنە كۆپلىگەن ئايال تۇتقۇنلار زور ساندا ھامىلىدار بولۇشقا باشلىغان.

لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئورتاق گۇۋاھلىقى شۇنى كۆرسەتكەنكى، ماسكىلىق خىتاي ساقچىلار دائىم يېرىم كېچىدە پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئەڭ چىرايلىق قىز-چوكانلارنى تاللاپ «سۆھبەتلىشىش» كە ئېلىپ ماڭىدۇ؛ ئاندىن سوراقخانىدا كوللېكتىپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان سايراگۈل ساۋۇتباي ماسكىلىق بەش-ئالتە خىتاي ساقچىنىڭ ئەمدىلا 20 ياشلارغا كىرگەن بىر قىزغا باشقا تۇتقۇنلارغا قارىتىپ تۇرۇپ كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاشۇ بىغۇبار قىزنىڭ «ئادەم بارمۇ؟! مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!!!» دەپ توۋلىغان ئېچىنىشلىق يىغىسىغا ھېچكىممۇ ئارا تۇرالمىغان. ئەنە شۇ خىلدىكى جىنسىي خورلاشلارغا گۇۋاھ بولغان لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلزىرە ئاۋۇلخان بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئاشۇ ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزى شاھىت بولغان ئىشلارنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى.

 «جىنسىي قىيناق ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىگە پاراللېل كېلىدۇ!»

لاگېرشۇناس ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارەتلىرى، مەنبەلەرنى سېلىشتۇرۇشى، ھۆججەتلەرنى توپلىشى جەريانىدا لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى دۇچ كەلگەن جىنسىي خورلۇقتا نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جىنسىي يولىنى توكقا سوقتۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك شەكىل ئالغان قىيناق ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىكى بەزى سىرلار تەدرىجىي ئايدىڭلاشقان. «قانۇن، سىياسەت ۋە سەنئەت ھەققىدىكى كامبىرىج ژۇرنىلى» نىڭ 2024-يىللىق ئىيۇل سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىدە ئادرىيان زېنز بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم نىشاننىڭ «تۈرمىلەر ۋە لاگېرلاردا ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىش» لا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلار كۆپەيمەسلىكى لازىم» دەيدىغان دۆلەت سىياسىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قەبىھ تەدبىرلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. لاگېرلاردىكى بۇ خىل جىنسىي خورلۇق شۇنچە كەڭ كۆلەم ئالغان بولسىمۇ، «مەھبۇسلارغا جىسمانىي قىيناق چارىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك» ھەققىدىكى خەلقئارا مىزانلارغا ئىمزا قويغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان بۇ خىلدىكى جىنسىي خورلاش قىلمىشلىرىغا جازا بەرمىگەن. ئەكسىچە بۇنى كۆرمەسكە سالغان. بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى بولسا «بۇنىڭ ھەممىسى سېپى ئۆزىدىن تۆھمەت» دەپ ئىنكار قىلىپ كەلگەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، لاگېرلاردىكى جىنسىي قىيناقلار چوڭ جەھەتتىن بىردەك خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشى بىلەن ماس قەدەمدە داۋام قىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان ئۇيغۇر نوپۇسىنى «ئەلالاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىدىكى نوپۇسنى باشقا جايلارغا يۆتكەش، خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش، خىتاي كادىرلارنى «تۇغقان بولۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە «قوزۇق قاققاندەك» ئورۇنلاشتۇرۇش چارىلىرى بىلەن بىر قاتاردا «تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوقىتىش» تەك قەبىھ نىشانىغا ماس كېلىدۇ. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلىگەن ئولتۇراق ئاھالىنى ماكانلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇستەملىكىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ئاستا سۈرئەتلىك قىرغىنچىلىقى دەل مۇشۇ خىل تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوق قىلىۋېتىش يولى بىلەن ئىجرا بولۇشقا ئۆتكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلارنىڭ جىنسىي ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن لاگېرلاردىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى ھوشىدىن كەتكەندە بۇنىڭ ھېچقانداق ئەندىشە قىلغۇچىلىكى يوق ئىش ئىكەنلىكى، بەلكى بۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن كەلگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش بولىدىغانلىقى ساقچىلاردىن ئاغزىدىن چۈشمىگەن. بۇ ئىشلارغا شاھىت بولغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن مۇشۇ خىلدىكى سۆزلەرنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان.

ئادرىيان زېنزنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى مۇشۇ خىل ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ «باسقۇنچىلىق، جىنسىي قۇللۇق، پاھىشەگە زورلاش، مەجبۇرىي ھامىلىدار قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ياكى باشقا جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرى بىردەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن. يەنە كېلىپ بۇ ھال ئىزچىل تۈردە خىتاي مەسىلىسىدە «يۇمشاق» مەيدان تۇتۇپ كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى بوشاشماستىن ئىجرا قىلىپ مېڭىشى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ بۇ خىل نوپۇس كونتروللۇقىنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە «ئۆزگەرمەس قىبلىنامە» قىلىپ چىققانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى:

 «شۇنداق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەسى ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ئۇيغۇرلارنى خىتاي كىملىكى ۋە كومپارتىيە ئىدىئولوگىيەسىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ قوشۇۋېتىش بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىشتا ئۇلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ۋە دىنىي ئېتىقادتىن مەھرۇم قالدۇرۇش دېگەندەك كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللاندى. ئەمدى بىز كۆرۈۋاتقان جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە تەستىق سالمىغان بولسىمۇ، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن جىنسىي زوراۋانلىق ھەمدە قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا تۇغالماس قىلىۋېتىش قىلمىشلىرى، شۇنىڭدەك لاگېر تېشىدىكى «تۇغقان بولۇش» نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلمىشلىرى بىر قېلىپتا چىققاندەك ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى بازارغا سېلىۋاتقان ئىنسانىيلىقىنى يەرگە ئۇرۇش مەزمۇنىدىكى بايانلار تېزلا ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ئەمەس، بەلكى ھۇجۇم قىلىپ ئوينايدىغان ۋە كۆڭۈل خوشى قىلىدىغان ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇڭا ئۇلار تەبىئىيلا ھۇجۇم نىشانى، جۈملىدىن جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىلدىكى خورلاش قىلمىشلىرىنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا تەستىقلىغىنى يوق. ئەمما ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئولتۇراق ئاھالە مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ۋەيران قىلىشتەك قىرغىنچىلىق ھۇجۇملىرى بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. »

دەل مۇشۇ خىل «باش يېتەكچى ئىدىيە» تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلغان بىر قاتار زۇلۇم سىياسەتلىرى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئورتاق ھالدا «ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى چەكلەش ۋە ۋەيران قىلىش» نى باش نىشان قىلغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا داۋامى غايەت زور چېكىنىش ۋۇجۇدقا چىققان. (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.