لاگېرلاردىكى جىنسىي خورلۇق: «ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى» (2)
2024.08.23

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا، «قىرغىنچىلىق» نى ھەرقاچان زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر دەرھاللا ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلارغا ئوخشاش جازا لاگېرلىرىدا توپ-توپى بىلەن ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكە ئالىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ كوللېكتىپ شەكىلدىكى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ۋە قاباھەتلىك بىر ھادىسە بولۇۋاتقانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ يادىغا كەلمەيدۇ. دوكتۇر ئادرىيان زېنزنىڭ «قانۇن، سىياسەت ۋە سەنئەت ھەققىدىكى كامبىرىج ژۇرنىلى» نىڭ 2024-يىللىق ئىيۇل سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىدە بۇ ھال باشقا نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇت نىسبىتىنىڭ چېكىنىشىدە خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتى
دەرۋەقە ئاسىيا تارىخىدا خىتاي بىلەن باغلىنىشلىق بولغان زور كۆلەملىك كوللېكتىپ قىرغىنچىلىق كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى. جۈملىدىن تاڭ سۇلالىسى (618-907) دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مانى مۇرتلىرىدىن نەچچە تۈمەن كىشىنىڭ قىرىپ تاشلىنىشى، خىتاينى بويسۇندۇرغان چىڭگىزخاننىڭ ئىسيان كۆتۈرگەن تاڭغۇتلاردىن ئىككى-ئۈچ مىليون كىشىنى پۈتۈنلەي قىرىۋېتىشى، 1650-يىلى ۋە 1860-يىلى گەنسۇ ۋە شەنشى ئەتراپلىرىدا مانجۇ قوشۇنىنىڭ نەچچە يۈز مىڭدىن تۇڭگانلارنى قىرىپ تاشلىشى، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىش ھارپىسىدا مانجۇ قوشۇنىنىڭ جۇڭغارىيە ۋادىسىدا 500 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭغار موڭغۇللىرىنى قىرىپ تاشلىشى، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇچتۇرپاندا مانجۇلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭلاپ قىرىپ تاشلىنىشى دېگەنلەر بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ كىچىككىنە مىساللىرى ھېسابلىنىدۇ.
دوكتۇر ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھازىرقى كۈندە سانى ئون نەچچە مىليون ئەتراپىدا، دەپ بىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە بىراقلا قىرىپ تاشلاش كۆپ جەھەتتە قىيىنغا چۈشىدىغان ئىش بولۇپ قالغان. شۇڭا ئۇلار تارىختا كۆپ كۆرۈلگەن زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى ئەمەس، ئەكسىچە ھېچقانداق تاشقى كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولمىغان «ئىزسىز يوقىتىۋېتىش» ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى تۇغالماس قىلىۋېتىش بولۇپ، بۇنىڭدا شۇ ئايال زاتىدىن باشلاپ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى مەۋجۇت بولماسلىقى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوق قىلىۋېتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەردىن بولۇپ قالغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەيلى لاگېردا بولسۇن ياكى لاگېر تېشىدىكى مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى «تۇغقان بولۇش» نامىدا خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتا بولسۇن، «جىنسىي زوراۋانلىق» بىردەك باش نىشان بولۇپ قالغان. بۇ ھال ماھىيەت جەھەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ لاگېرلاردا كەڭ ئەۋج ئالغان جىنسىي زوراۋانلىققا كۆز يۇمۇشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەبكە ئايلانغان.
نورمال ئەھۋالدا بىر رايوندىكى ئاھالىنىڭ تۇغۇت ۋە ئۆلۈم نىسبىتى ئارقىلىق نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش سۈرئىتى ھېسابلاپ چىقىلىدۇ. ئەمما ئادرىيان زېنز 2019-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش سۈرئىتىنىڭ 73 پىرسەنت چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ 2019-يىلىمۇ خۇددى شۇ سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. 2020-يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى نەشر قىلىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ ئىستاتىستىكا يىلنامىسى» 2020-يىلىدىن باشلاپ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرنىڭ تۇغۇت نىسبىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلماس بولۇۋالغان.
شۇ ۋاقىتتىكى ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تۇغۇت نىسبىتىدىكى غايەت زور چېكىنىش دەماللىققا قارىغاندا شۇ ۋاقىتتىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇندا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان «يېڭى پەرزەنت تۇغۇلماسلىق» تىن كېلىپ چىققاندەك بىلىنگەن. ئەمما كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىققان ئىزدىنىشلەر بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى مەجبۇرىي يوسۇندا چەكلەش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئادرىيان زېنز بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى:
«ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تۇغۇت نىسبىتىدىكى بۇ خىل چېكىنىش خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان. دۇنيا تارىخىدىمۇ بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان. بۇ خىل چېكىنىش بىر قىسىم رايونلاردا 2015-يىلى باشلانغان بولسىمۇ 2017-يىلى ۋە 2018-يىلى بىردىنلا تېزلەشتى. 2019-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان چېكىنىش 2020-يىلىمۇ توختىمىدى. بۇنىڭغا ئومۇمىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ئومۇمەن نۆل سەۋىيەدە، بەزى رايونلاردا نۆلنىڭمۇ ئاستىدا بولدى. ئەمما بۇنىڭ ھېچقايسىسى تەبىئىي ئامىللار تۈپەيلىدىن بولغىنى يوق. ئەكسىچە بۇنى زور كۆلەملىك تۇتقۇن، نوپۇسنى باشقا جايلارغا يۆتكەش ۋە ئائىلە جۇدالىقىنىڭ بىرلەشمە نەتىجىسى، دېيىش مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، بۇنىڭدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئاياللارنى تۇغالماس قىلىۋېتىدىغان تېببىي ۋاسىتىلەرنى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ تۇغۇت يولىغا ئورنىتىش بولدى. بۇ خىل ۋاسىتىلەرگە قوشۇلۇپ مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش ۋە باشقا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇ خىل غايەت زور چېكىنىش كۆرۈلدى.»
2018-يىلىدىن تارتىپ «پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلىشنى نۆلگە چۈشۈرۈش» دېگەن شوئار ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇملىشىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ خوتەن رايونىدا بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئەڭ قاتتىق بولغان. نەتىجىدە 2019-يىلى 2.5 مىليون ئۇيغۇر ياشايدىغان خوتەن تەۋەسىدە پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى 21 دىن ئاشۇرماسلىق پىلان قىلىنغان. شۇنداقلا «جەنۇبىي شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان دائىرىدىكى بالىلىق بولۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكى «ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلىق تۇغۇت» ئۈچۈن تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوقىتىشقا مەجبۇرلانغان. لاگېرلار ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلاردىن قەلبىنۇر سىدىق ئۆزىگە تاقىسىمان تۇغۇتنى چەكلەش ئۈزۈكى سېلىنماقچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ يېشى 50 كە بېرىپ قالغانلىقىنى، ھازىرقى يالغۇز پەرزەنتىدىن باشقا پەرزەنتلىك بولۇش خىيالىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ «تۇغۇتنى چەكلەش ئوپېراتسىيەسىگە ئاكتىپ ماسلىشىش، بولمىسا جازاغا تارتىلىش» بىلەن قورقۇتۇلغان. نەتىجىدە ئۇنىڭغىمۇ تاقىسىمان تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سېلىنغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىنچە ئاشكارا بولۇپ كەتكەن «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دە لاگېرغا قامالغان قىز-چوكانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «پىلانلىق تۇغۇتقا بويسۇنماسلىق» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر نوپۇسى كۆپەيسە نېمە بولىدۇ؟
ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يېتىشىگە زادى قايسى ئامىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇۋاتقانلىقىنى دەلىللەش دەسلەپتە ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن قىيىنغا چۈشكەن. كېيىنچە خىتاي تەۋەسىدىكى «ئالىم»، «ئاكادېمىك» ۋە «مۇتەخەسسىس» قالپىقى بولغان بىر تۈركۈم «ئىلىم ئەھلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى «تەتقىقات نەتىجىلىرى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ نۇقتىمۇ تەدرىجىي ئايدىڭلىشىشقا باشلىغان.
2014-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا ئېنىق قىلىپ، «شىنجاڭدىكى نوپۇس نىسبىتى ۋە نوپۇس بىخەتەرلىكى ئامىلى ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ ئاچقۇچى» دەپ يوليورۇق بەرگەن. دەل مۇشۇ مەركىزىي ئىدىيە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى خىتاي «ئالىملار» نىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپ قېتىم نەقىل ئېلىنىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ بەكلا ئاز ئىكەنلىكى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. 2015-يىلى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن لياۋ جاۋيۈ ئېنىق قىلىپ، «شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئاچقۇچلىرىدىن بىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ بەكلا ئاز نىسبەتنى ئىگىلىشىدەك رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش» دېگەن. شۇنداقلا «شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىق ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ يامراپ كېتىشى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقى» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ خىلدىكى پىكىرلەر خىتاينىڭ ئاشكارا بولۇپ كەتكەن مەخپىي ھۆججەتلىرىدىكى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىدىكى ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق»، «بىرلا مىللەتنىڭ مەركەزلىك ئولتۇراقلىشىشى» دېگەندەك بايانلاردا، شۇنداقلا بىڭتۈەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جايلاردىكى يۇقىرى ئۇنۋانلىق «مۇتەخەسسىسلەر» نىڭ ماقالىلىرىدىمۇ ماس قەدەمدە كۆپلەپ ئورۇن ئالغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇس نىسبىتىدە خىتايلار 15 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. بۇنى جىددىي تۈزىتىش لازىم» دېگەن يېتەكچى ئىدىيە تەدرىجىي شەكىللەنگەن.
بۇ خىلدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى» مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرلىرى قاتارىدا بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى «ئۇيغۇرلاردىن چىقىۋاتقان تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تېزدىن ئەلالاشتۇرۇش لازىم» دېگەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە بويىچە بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىدىن شەكىللەنگەن «ئىنسانلار تەھدىتى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۇيغۇر نىسبىتىنى خىتايلارنى كۆپلەپ ماكانلاشتۇرۇش ئارقىلىق شالاڭلىتىش ئەڭ ئاقىلانە تەدبىر بولۇپ قالغان. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئىزچىل مۇنداق بولۇپ كەلگەن: ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-خىيالىنى بىلىش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشقا خىتايلار قادىر بولالمىغان. بۇ خىل ھالەتتە ھەممىلا نەرسە ئۇيغۇرلارنىڭ خاھىشى بويىچە بولغان. خىتايلار ئىزچىل ئەنە شۇنداق ئويلىغان. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار خىتايلارغا قارشى خېلىلا سىستېمىلىق رەۋىشتە قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇلارنىڭ ئازغىنە بىرنەچچە قېتىملىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇتلەق كۆپ قىسمى زورلۇق كۈچ قوللىنىلمىغان شەكىلدە ۋۇجۇدقا چىقتى. ئەمما ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتى بۇ رايوننى مۇتلەق كونتروللۇقتا تۇتۇپ تۇرالماسلىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر تۈرلۈك تەھدىت، دەپ چۈشەندى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ھەرقاچان ئۆزلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىشتىن زادىلا يانمايدۇ، دەپ قارىدى. زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېرلار بولسا دەل مۇشۇ خىل قارشىلىق چۈشەنچىسىنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ئوي-خىيالىنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشتى. مانا مۇشۇ ئەندىشە تۈپەيلىدىن خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى توختىتىپ قويۇش ۋە ئۇلارنى كۆپىيىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا بەكرەك ئالدىراۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى تېزدىن كۆپىيىپ كەتسە خىتايلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى سۇغا چىلىشىپ قالىدۇ. بۇ ھازىر ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بۇ خىلدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى» كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىرى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە توپلىنىپ قېلىشى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەۋپ تۇغدۇرىدۇ؛ ئىككىنچىسى، توپلىشىپ مەركەزلىك ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئاسانلا قويۇق دىنىي مۇھىت ھازىرلاپ دىنىي ئاشقۇنلۇققا سەۋەب بولىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، بۇ خىل مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ياشىغان زېمىن دائىرىسىگە بولغان ۋەتەن چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» چۈشەنچىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا تەسىر قىلىدۇ؛ تۆتىنچىسى، بۇنداق بىرلا مىللەتنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى دۆلەت چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» نى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان.
(داۋامى بار).