«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» يېرىم يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشتى.
دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارى كورونا ۋىرۇسىغا مەركەزلەشكەن، خەلقئارادا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۇنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مەركىزى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» يېرىم يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشقان.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خاتىرىسى» ناملىق بۇ يېرىم يىللىق دوكلات ئىنگلىز تىلىدا ھازىرلانغان بولۇپ، 23 بەتلىك بۇ دوكلاتقا خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە، جازا لاگېرلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىدا ئېغىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپلىرى كىرگۈزۈلگەن.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورونا ۋاباسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىدە ھېچقانداق ئىجابىي ئۆزگىرىش بولمىغان. ئەكسىچە بېسىم تېخىمۇ ئېشىپ، نازارەت ھەسسىلەپ كۈچەيگەن.
ئۇ سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى قېرىنداشلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش ئىشلىرىغا سەل قارىماسلىقىنى، بۇ گۇۋاھلىق پائالىيىتىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «‹ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى› توپلىغان گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇتۇشتا زادى قانچىلىك رولى بولدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە بۇ ماتېرىياللارنىڭ ب د ت دا ياۋروپا پارلامېنتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇھىم پاكىتلىق رولىنى ئۆتىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 24-مارت ئېلان قىلغان «كورونا كرىزىسى: خىتايدىن كەلگەن نەپ» ناملىق ماقالىسىدە خىتاينىڭ ۋىرۇس تارقاتقۇچى دۆلەتتىن بىردىنلا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ باشقىلارنى ۋىرۇس كرىزىسىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتكارغا ئايلىنىۋالغانلىقىنى، خىتاينىڭ «خەتەرلىك دۆلەت» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى توقۇنۇش پەيدا قىلىپلا قالماي، تۈرلۈك تەنقىدلەرگە بىپەرۋا ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق بېسىملىرىمۇ تېخىچە داۋاملاشماقتا،» دېيىش ئارقىلىق جازا لاگېرلىرىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى دۇنيانىڭ سەمىگە سېلىپ ئۆتكەن ئىدى.
0:00 / 0:00